قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز «ئالاقە تورى بىلەن بىرلەشتۈرۈش» تىن پايدىلىنىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى

2019-01-18 12:17:51     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونىمىز«ئالاقە تورى بىلەن بىرلەشتۈرۈش» تىن پايدىلىنىپ، ئەقىل- ئىدراكلىك ساياھەتچىلىكنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.
يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ساياھەتچىلىك بويىچە يىغىش- تارقىتىش مەركىزىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ چوڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي قوللىنىش مۇلازىمەت سۇپىسىدا نەچچە ئون مەنزىرە نۇقتىسىدىكى يولۇچىلار ئېقىمى، قاتناش ھالىتى قاتارلىقلارنى ئېكراندىن ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى. شىنجاڭ «جۇڭلۈ» يېڭىلىق يارىتىش سۈنئىي ھەمراھ تېخنىكىسىنى قوللىنىش ۋە باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى تاڭ مىڭ مۇخبىرغا، ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات ئانالىز نەتىجىسىگە تايىنىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەيدىغانلىقى؛ ساياھەتچىلەرنىڭمۇ سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن ئۆزلىرىنىڭ ساياھەت پىلانىنى تۈزىيەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرىدىن يىغىلغان ھاۋارايى سانلىق مەلۇماتلىرى تېمپراتۇرا، نەملىك، PM2.5 قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز ساياھەتچىلەرگە ھەر بىر مەنزىرە رايونىنىڭ ھاۋارايى سانلىق مەلۇماتى، ھەر بىر مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەتچىلەر سانى قاتارلىقلارنى چۈشەندۈرىمىز. بەزى مەنزىرە رايونلىرىدا ئادەم كۆپرەك بولغاندا، كۆپچىلىك ۋاقىت تاللاپ ساياھەتكە بارسا بولىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىز «ئالاقە تورى بىلەن ساياھەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈش» تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، يەنە «يول باشلاش» خەرىتىسى ئەپ دىتالى ۋە «يىپەك يولى ساياھىتى» يان تېلېفون ئەپ دىتالىنى يولغا قويۇپ، ئۆزى ساياھەتكە چىققان ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ توغرا يول باشلاش، قۇتقۇزۇش ۋە مەنزىرە رايونى مېھمانخانىسى، يېمەك- ئېچمەك قاتارلىق ئالدىن زاكاز قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولدى. شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى لى شىنچياڭ مۇنداق دېدى: بىز ئۈچ سۈنئىي ھەمراھقا تايىنىپ، ئۇچۇرنىڭ %100 تولۇق قاپلىشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردۇق. ئەگەر، ساياھەتچىلەر بىر قىسىم كۆرۈنمەس رايونلاردا كۈتۈلمىگەن ئەھۋالغا يولۇققاندا، قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئەھۋال مەلۇم قىلسا، بىز دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارالايمىز.
ئاپتونوم رايونىمىز «ئالاقە تورى بىلەن بىرلەشتۈرۈش» كە تايىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ساياھەتچىلىك بويىچە يىغىش- تارقىتىش مەركىزىنى قۇرۇش بىلەن بىللە، جايلارنىڭ ئەقىل- ئىدراكلىك مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى. 2018- يىلى 11- ئايدا، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى تېڭشۈن تورى ئەقىل- ئىدراكلىك مەدەنىيەت ساياھەت سۇپىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ھەمكارلاشقۇچىسى بولۇپ قالدى. بۇ سۇپا ساياھەتچىلەرنى بېلەت سېتىۋېلىش، لىنىيەنى ئەلالاشتۇرۇش، مەنزىرە نۇقتىلىرىنى چۈشەندۈرۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. ساياھەتچى سۇڭ ياجۇ مۇنداق دېدى: مەنزىرە نۇقتىسىغا كەلگەندىن كېيىن مەنزىرە رايونىدىكى خىزمەتچىلەر بىزگە تېڭشۈن مەدەنىيەت ساياھەت سەپىرىنىڭ ئەپ دىتالىنى تەۋسىيە قىلدى. بىز بۇ دىتالدىن بېلەت سېتىۋالدۇق، ھەقىقەتەن قولايلىق ئىكەن، بىزنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىمىز تېجىلىپ قالدى. يەنە كېلىپ بىز مەنزىرە رايونىغا كىرگەندىن كېيىن ھەر بىر مەنزىرە نۇقتىسىغا بارغاندا، بۇ دىتالدىن پايدىلىنىپ چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلىيالىدۇق. بۇ ئارقىلىق، ساياھەت يېتەكچىسى بولماسلىق ياكى يول بىلمەسلىك ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلدۇق.
ئالتاي ۋىلايىتى ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرىدىكى كىرىش بېلىتى، مېھمانساراي، يىمەك- ئېچمەك، ئاپتوموبىل، ساياھەت يېتەكچىسى، ئالاھىدە مەھسۇلات قاتارلىق مەزمۇنلارنى بىرلەشتۈرۈپ، تور بېكەتلىرى ئارقىلىق بىر تۇتاش سېتىشنى يولغا قويدى. ئالتاي قاناس ئەقىل- ئىدراكلىك ساياھەت چەكلىك شىركىتى يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىدىن دۇڭ يۈ مۇنداق دېدى: بىز يەنە قاناستىكى بىر قىسىم بىرلەشمە كىرىش بېلەتلىرىنى تورغا چىقاردۇق. مەسىلەن: قاناس بىلەن كۆكتوقاي، قاناس بىلەن بەيشا كۆلى قاتارلىقلارنىڭ بىرلەشمە كىرىش بېلىتىگە يايلاق تاش شەھىرى مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى قوشۇپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئالتاي ساياھەت ئايلانما لىنىيەسىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭدا بېلەت ئېلىش، بېلەت سېتىۋېلىش ئىنتايىن قولاي، بىلەت ئېلىش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
ئەقىل- ئىدراكلىك ساياھەتچىلىكتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى يەنە ساياھەتچىلىك ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەتكە مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارنى ئۇچۇر مۇلازىمەت سۇپىسىغا كىرگۈزۈپ، ماكانلاشقان ساياھەتكە مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارنى تونۇشتۇردى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇردى. مۇشۇ ئاينىڭ 10- كۈنى «بىر يان تېلېفون بىلەن ئۈرۈمچىنى ساياھەت قىلىش» سۇپىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ سۇپا-- ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 27 مەنزىرە نۇقتىسى، 2 مىڭ 750 مېھمانساراي، 395 يېمەك- ئېچمەك ئورنى، 1 مىڭ 621 كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى ۋە 60 سودا شەھەرچىسىنىڭ ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ. ساياھەتچىلەر بىر يان تېلېفون ئارقىلىقلا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ساياھەت ئۇچۇرلىرى، ساياھەت لىنىيەلىرىنى تەكشۈرۈش، تور ساياھەت يېتەكچىلىكى قاتارلىق مەزمۇنلارنى كۆرەلەيدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شياۋ خۇ مۇنداق دېدى: شەھىرىمىزدىكى نۇقتىلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى، ساياھەت كوپىراتىپلىرى ۋە مېھمانسارايلارنى كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ مۇلازىمەت تۈرى، مۇلازىمەت مەزمۇنى، مۇلازىمەت سۈپىتى توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى ساياھەتچىلەرگە ئاشكارىلاپ، ساياھەت كارخانىلىرىنى مەھسۇلاتلىرى، ئوبرازىنى تەشۋىق قىلىش ۋە سېتىشنى كېڭەيتىش بىلەن تەمىنلىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يەنە ساياھەت كەسپىگە مەسئۇل تارماقلارنىڭ ھەرىكەت ھالىتىدە ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ، ساياھەت تىجارەت ئەھۋالىنى ئىگىلەپ ۋە نازارەت قىلىپ، مۇلازىمەت سۈپىتى قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىكى مۇھىم سۇپا ھىساپلىنىدۇ.

 تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى