قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

باتۇرلۇق بىلەن يېڭى دەۋردىكى پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش باشلامچىلىرىدىن بولۇش

2019-01-18 13:09:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
شىنجاڭ داشۆسى ئېلېكترىك قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ ۋېيچىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ھازىرغىچە، چوڭ تىپتىكى شامال گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ھالقىلىق زاپچاسلىرىنى تەتقىق قىلىش-ياساش، پۈتۈن ئاپپاراتنى كونترول قىلىش ۋە ئۆلچەش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىشقا كۈچ سەرىپ قىلىپ، شامال ئېلېكتىر كەسپىنىڭ تېز تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشتى.
مۇخبىر شىنجاڭ داشۆسىنىڭ جەنۇبىي مەكتەپ رايونىدىكى «قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەدىن توك چىقىرىش ۋە تورلاشتۇرۇپ كونترول قىلىش تەجرىبىخانىسى» غا كەلگەندە، پروفېسسور ۋاڭ ۋېيچىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى «شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش سىستېمىسىنىڭ گارمونىك دولقۇن كاشىلىسى ۋە ئۆتكۈزۈش قانۇنىيىتى» نىڭ پارامېتىرىنى سىناپ ۋە تەھلىل قىلىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد شامال گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىدى.
داۋانچىڭ رايونىدىكى قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان چوڭ تىپتىكى شامال كۈچى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ داڭلىق ماركىسىغا ئايلاندى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ90- يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، بۇ يەرگە ئەڭ ئاۋۋال ئورۇنلاشتۇرۇلغان شامالدۇرغۇچ چەتئەلدىن ئىمپورت قىلىنغان بولۇپ، ئەينى چاغدا مەملىكىتىمىزدە ئۆز ئالدىمىزغا ئىشلەپچىقارغان شامالدۇرغۇچ يوق ئىدى. ئەينى چاغدا شىنجاڭ سانائەت شۆيۈەنىدىكى ئەمدىلا 30 ياشتىن ئاشقان ياش لېكتور ۋاڭ ۋېيچىڭ چەتئەللەرنىڭ ئېلىمىزنىڭ شامال كۈچى ئارقىلىق توك تارقىتىشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تېخنىكا توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن، شامال گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدى.
«ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن دېگەندەك» ئاخىرىدا، ۋاڭ ۋېيچىڭ باشچىلىقىدىكى ئەترەت ئېلىمىزنىڭ تۇنجى يۈرۈش 600 كىلوۋاتلىق شامال كۈچىگە تايىنىپ توك تارقىتىش گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ توك بىلەن كونترول قىلىش سىستېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. دۆلەتنىڭ باھالىشىدىن ئۆتۈپ، ئېلىمىزدىكى ئىلغار سەۋىيەگە يېتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ تىپتىكى شامال گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ توك بىلەن كونترول قىلىش ئۈسكۈنىسى ياساش جەھەتتىكى بوشلۇقىنى تولدۇردى. بۇ سىستېما2002- يىلىدىن باشلاپ مەھسۇلاتلاشتۇرلۇپ، «جىنفېڭ» پەن- تېخنىكىسىدا دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان 600 كىلوۋاتتىن 750 كىلوۋاتقىچە بولغان شامال كۈچىگە تايىنىپ توك تارقىتىش گېنېراتورى ئىچىدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىپ، ئەينى چاغدا دۆلەت ئىچىدىكى بىردىنبىر مەھسۇلاتلاشقان مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە شامال گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى بولۇپ قالدى. بۇ گېرمانىيە مۇتەخەسسىسلىرىنى ھەيران قالدۇردى. ۋاڭ ۋېيچىڭ مۇنداق دېدى: گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر بىزنىڭ كونترول قىلىش سىستېمىمىزنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. كېيىن ئۇلار ئېھتىياجلىق بولسا ئىنگلىزچە سىستېمىسىنىڭ بار-يوقلىقىنى سۈرۈشتۈردى. شۇ چاغدا مەن بىزنىڭ مەھسۇلاتىمىزنى سېتىۋالماقچى بولسا، جەزمەن دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى ئېيتتىم.
ۋاڭ ۋېيچىڭ كۈرەش قەدىمىنى توختاتمىدى. ئۇ كوللېكتىپنى يېتەكلەپ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش، شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى تەقلىدىي قۇرۇش نەزەرىيە سىستېمىسى، مۇستەقىل چاقپىلەكنى كونترول قىلىش، بوران كۈچىنى كونترول قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە تەتقىقات ئېلىپ باردى ھەمدە كۆپ تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى. 2002- يىلى ۋە2016- يىلى ئىككى قېتىم دۆلەت پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى2- دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا؛ 2017- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ۋاڭ ۋېيچىڭ مۇنداق دېدى: مەن شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، شامال ئېلېكتىر كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىمەن. كۆپچىلىك مەن بىلەن بىللە ئىشلەشنى بەك خالايدۇ. كۆپچىلىك مەن بىلەن بىرگە بولسا بىرى ئۆگىنىش پۇرسىتىگە، يەنە بىرى مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. نەتىجىدە نۇرغۇن ياشلار شىنجاڭ داشۆسىدە جۈملىدىن شىنجاڭدا تۇرۇپ قالدى.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى