قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ياخشى مۇھىت يارىتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى قوللىدى

2019-01-21 10:30:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونىمىز پۇقراۋى كارخانىلارنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، باج- سېلىق يۈكىنى يېنىكلىتىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەت، تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بەردى.
شىنجاڭ «بېيداساڭ» يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بۇ يىل جەنۇبىي شىنجاڭدا مېۋىچىلىك سېلىنمىسىنى زورايتىشنى پىلانلىدى. شىركەتنىڭ باش مۇدىرى سۇڭ لىن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەتنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان پۇقراۋى كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن قوللىشى، شىنجاڭدا روناق تېپىشىمغا بولغان ئىشەنچىمنى مۇستەھكەملىدى. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرقىمنى تۆۋەنلىتىپ، تىجارەت كۆلىمىمنى كېڭەيتىشىمگە ئىلھام بەردى. ھۆكۈمەت بىر قىسىم پاراۋانلىق ئىش ئورۇنلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، ئادەم كۈچى تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرقىنى تۆۋەنلىتىشتىن ئۇدا تۆت يىل بەھرىمان بولدۇم.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان سىياسەت- تەدبىرلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادىل رىقابەتلىشىش مۇھىتى يارىتىپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىكى، تېخنىكا تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەردە پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام بەردى ۋە قوغدىدى.
مۇشۇ ئاينىڭ 15- كۈنى جۇڭگو خەلق بانكىسى 2019- يىلى تۇنجى قېتىم ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى يولغا قويۇشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى تۆۋەنلىتىلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز بانكا ساھەسىدىكىلەر تارقاتقان مەبلەغ 17 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، بانكا باشلىقى گو جيەنۋېي مۇنداق دېدى: بۇ مەبلەغدىن پايدىلىنىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان پۇقراۋى كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن قوللايمىز. پەن- تېخنىكا سالمىقى بار، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىدىغان، گۈزەل تۇرمۇشقا تەلپۈنۈشكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ھازىر زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلىشقا ئېھتىياجلىق پۇقراۋى كارخانىلارنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇدرەت تاپقۇزىمىز، زورايتىمىز. ھازىرقى پۇختا پۇل سىياسىتىمىز زور مىقداردا ھەرىكەتچانلىقنى پەيدا قىلدى. مەبلەغنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا يۈزلىنىشى ئۈچۈن، بۇ يەتكۈزۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىك تەرەققىياتىغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، پۇقراۋىي ئىگىلىكنىڭ زورىيىشىغا تۈرتكە بولىمىز.
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار بانكىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتە پۇقراۋى كارخانىلارنى قوللاش سالمىقىنى زورايتقاندىن باشقا، يەنە كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ كاپىتال بازىرىنىڭ يۈرۈشتۈرۈشىگە پائال قاتنىشىشىغا ياردەم بېرىپ، بىۋاستە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش نىسبىتىنى ئاشۇردى. سانجى شەھىرىنىڭ باشلىقى جېڭ مىن مۇنداق دېدى: بىز پېيى بازارغا سېلىنغان كارخانىلار جەمئىيىتى قۇرۇپ، بۇ جەمئىيەت ئارقىلىق كارخانا بىلەن كاپىتال بازىرى تىجارىتىنى ماسلاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، ياردەم بېرىپ، پاي چېكىنى بازارغا سېلىشنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پائال قانات يايدۇردۇق. 2018- يىلى بىزنىڭ يەنە بىر كارخانىمىز-- شىنجاڭ شەرق «خۈەنيۈ» سېلىنما چەكلىك شىركىتىنىڭ پېيى ئوڭۇشلۇق بازارغا سېلىندى. بۇنىڭ بىلەن، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت 5 كە يەتتى. بۇ 5 كارخانىنىڭ 4 ئى پۇقراۋى كارخانا.
بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا: «پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ بازار ئىجازىتى، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىجازىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئادىل بولمىغان مۇئامىلىنى تېزدىن تۈگىتىپ، خالىغانچە چەك قويۇش، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىش، ھوقۇقتىن قالايمىقان پايدىلىنىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قەتئىي توسۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئادىل رىقابەت مۇھىتى يارىتىپ بېرىش؛ ھۆكۈمەت، بانكا، كارخانىلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش  كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر دېڭ شى مۇنداق دېدى: بۇ يىل، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى «يۈز كادىرنى مىڭ كارخانىغا ئەۋەتىش» پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارغا ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، كارخانىچىلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ. بۇنى كادىرلىرىمىزنىڭ كارخانىلارغا بىۋاسىتە بېرىپ، مۇلازىمەت قىلىشىدا گەۋدىلەندۈرىمىز. شۇڭا، يۈز كادىرنى مىڭ كارخانىغا ئەۋەتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرىمىز.

 تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى