قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تاپىدىغانغا پۇل، قىلىدىغانغا ئىش بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى

2019-01-21 11:42:00     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى: 
ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ تاشمىلىق يېزىسىنىڭ ساغان كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزگىچە باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تاپىدىغانغا پۇل، قىلىدىغانغا ئىش بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
خىزمەت ئەترىتى ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلغاندا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ باقمىچىلىق بىلەن شوغۇللىنىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقى، ئەمما باقمىچىلىق تېخنىكىسى ۋە مەبلىغىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى بايقىدى ھەمدە باقمىچىلىق تەننەرخى تۆۋەن، قولايلىق، ئۈنۈمى يۇقىرى كەپتەر باقمىچىلىقىنى تاللاپ، كادىرلارنى كەپتەرخانا سېلىشقا، كەپتەر سېتىۋېلىشقا ياردەم بېرىشكە سەپەرۋەر قىلدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى يۈ فېڭشەن مۇنداق دېدى: مۇكاپاتنى تولۇقلىما ئورنىغا دەسسىتىش شەكلىدە، ئۆزىمىز كەپتەر قەپىزى ياساپ ۋە كەپتەر سېتىۋېلىپ تارقىتىپ، دېھقانلارنىڭ ئائىلە باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. كەنتتىكى 224 نامرات ئائىلىنىڭ ھەر بىرىگە 48 دىن كەپتەر تارقىتىپ بەردۇق.
خىزمەت ئەترىتى يەنە ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەڭ بىۋاستە، ئەڭ ئۈنۈملۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۇسۇلى قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىدىيەۋى قاراشنى ئۆزگەرتىپ، ئۆيدىن چىقىپ زاۋۇتقا كىرىپ ئىشلەشكە ئۈزلۈكسىز يېتەكلىدى. نامرات ئاھالە ئانارگۈل كامىل ھازىر كەنتتىكى ھەمراھ زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان بولۇپ، ئايلىق ئاساسىي ئىش ھەققى 800 يۈەندىن ئاشاتتى. ئىشقا قاراپ پىرسەنت ئالاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى دېھقان ئىدىم، يولدىشىم تامچى ئىدى. ئىلگىرى يولدىشىم تاپقان پۇلنى خەجلەيتتىم. ھازىر كەنتىمىزدە يېڭىدىن ھەمراھ زاۋۇت قۇرۇلدى. ھەمراھ زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتىمەن، ئۆزەم خەجلەيدىغان پۇلنى ئۆزۈم تاپقىنىمدىن بەك خۇشالمەن.
ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىنىڭ قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسى تاشمىلىق يېزىسى ساغان كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1- شۇجى راخمان ھاشىم مۇنداق دېدى: دېھقانلارنى ھەمراھ زاۋۇتلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، باغچە رايونلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەيدىغان 10 كىچىك قۇرۇلۇش ئارقىلىق نامرات دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 2 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزىمىز.

تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى