قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جىمىسار ناھىيەسىنىڭ لاۋتەي يېزا شىتەيزى كەنتىدىكى دېھقان جىڭىسقان زاقان 250 تۆگە باقتى

2019-01-21 12:31:17     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:
جىمىسار ناھىيەسىنىڭ لاۋتەي يېزا شىتەيزى كەنتىدىكى دېھقان جىڭىسقان زاقان 250 تۆگە باقتى. ئۇ يىراق- يېقىندىكىلەرگە تونۇلغان باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى بولۇپ قالدى.
تۆگە تىلغا ئېلىنسا، جىڭىسقان زاقان ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتەتتى. جىڭىسقان زاقان تۆگىنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ، ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان يەم- خەشەككىچە ئاندىن تۆگە سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىغىچە ناھايىتى ئوبدان بىلەتتى. جىڭىسقان زاقان دەسلەپتە ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈنلا تۆگە باققان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىر تۆگە ئون قويغا باراۋەر. بىر چوڭراق تۆگىنى 10 مىڭدىن يۈەندىن ئاشۇرۇپ ساتقىلى بولىدۇ. ئەمما، 10 قوينى 10 مىڭ يۈەنگىمۇ ساتقىلى بولمايدۇ. شۇڭا، بىز تۆگە بېقىشنى تاللىدۇق.
جىڭىسقان زاقان تۆگە بېقىش ئۈچۈن، سەھەر تۇرۇپ كەچ ياتتى. ھەتتا بىر قېتىم ئۇ تۆگىدىن يىقىلىپ چۈشتى. قولۇم-قوشنىلىرى ئۇنىڭغا تۆگە باقماسلىق ھەققىدە نەسىھەت قىلدى. ئەمما، ئۇ كۆڭلىدە تۆگە بېقىپ تۆگە سۈتى ساتسام چوقۇم ياخشى كىرىم قىلىمەن، دەپ ئويلىدى.
جىڭىسقان زاقان تۆگە سۈتىنى ۋاقتىدا سېتىش ئۈچۈن ئايالى بىلەن بازار ئارىلاپ توۋلاپ تۇرۇپ ساتتى. يەنە بەزى ئورۇنلارغا بېرىپ سېتىپ باقسىمۇ لېكىن سېتىۋالىدىغانلار كۆپ بولمىدى. قايتا-قايتا رەت قىلىشلاردىن كېيىن جىڭىسقان زاقان سېتىش تاكتىكىسىنى ئۆگىنىۋالدى. ئۇ خېرىدارلارغا ئالدى بىلەن ھەقسىز تېتىغۇزۇپ ئاندىن ساتتى. بارا- بارا جىڭىسقان زاقاننىڭ نامى چىقىپ، كىرىمى بارغانسېرى كۆپەيدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 30 تۆگىدىن 100 كىلوگرام سۈت چىقىدۇ. 100 كىلوگىرام سۈتنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى 20 يۈەندىن 2 مىڭ يۈەنگە ساتىمەن. يەنە بىرى، تۆگە يۇڭى. بىر تۆگىدىن 5 كىلوگىرام يۇڭ ئالغىلى بولىدۇ. دېمەك، بىر تۆگىدىن ئېلىنغان يۇڭنى 200 يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ يۇڭىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىدە يۇڭ پوپايكا، يۇڭ ئىشتان، ئەدىيال تۇقۇغىلى بولىدۇ.
جىڭىسقان زاقان دەسلەپتە بىر نەچچە تۆگىنى تارقاق باقتى. ھازىر بېقىۋاتقان تۆگىسى 250 كە يەتتى. سودىگەرلەر تۆگە سۈتى، تۆگە گۆشى، تۆگە يۇڭىنى ئىشىك ئالدىغىچە كىلىپ سېتىۋالىدىغان بولدى. جىڭىسقان زاقان دائىم ئۆزىنىڭ باقمىچىلىق تەجرىبىلىرىنى كەنت ئاھالىلىرىگە ئۆگىتىپ قۇياتتى. ھازىر ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە، كەنتتە بېقىلىۋاتقان تۆگە 600 گە يەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر تۆگە مەھسۇلاتلىرى يېشىل يىمەكلىكلەرگە ئوخشاش ئوراپ قاچىلىنىۋاتىدۇ، ئاندىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا سېتىلىۋاتىدۇ.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى