قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مۇرادىل دىلمۇراتلارنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى

2019-01-21 12:33:41     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1-ئاينىڭ 21-كۈنى نەشىردىن چىققان «شىنجاڭ گېزىتى» دە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ كۆزەتكۈچىسى غۇلام ئابدۇقادىر؛ ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسىدىن مۇرادىل دىلمۇراتلارنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى.
غۇلام ئابدۇقادىرنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: بىرلىكسەپ، دىن خىزمىتى تارماقلىرىدىكى كادىرلار جەزمەن سىياسىي مەيدانىمىزنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي قىزىل سىزىقتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەگە، ۋەتەنگە، خەلققە ھەر ۋاقىت سادىق بولۇپ، دېققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا ھەر ۋاقىت مەركەزلەشتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، دادىل پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قارشى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىمىزگە ئېلىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرشىنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە تەربىيەلەپ، توغرا ئېتىقاد، توغرا ھەركەتتە چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىكنى ئاڭلىق توسۇپ، ۋەتەن بىلەن قەلبداش، خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتتۈرىشىمىز كېرەك.
مۇرادىل دىلمۇراتنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: پارتىيەنىڭ ئاخبارات خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىياسىي تۆۋەن چەكنى چىڭ ساقلاپ، سىياسىيدا سەگەك ئادەم بولۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ رەزىل نىيىتىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىشقا يېتەكلەيمەن. مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى بازىسىنى ياخشى قوغدايمەن. ئاممىغا ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئۆزىنىڭ ھازىرقى ياخشى كۈنلىرىنىڭ پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن كەلگەنلىكىنى تەشۋىق قىلىپ، كەڭ ئاممىنى پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە چىن كۆڭلىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن. خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەش ئارقىلىق، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو ھىكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭ ساداسىنى ياخشى تارقىتىمەن.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى