قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كەنتتە تۇرۇشلۇق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشتى

2019-01-22 11:20:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ گۇما ناھىيە چودا يېزىسىنىڭ گولا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ساپ سۇ زاۋۇتى ۋە بازار قۇرۇش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشتى.
گۇما ناھىيە چودا يېزىسىنىڭ گولا كەنت ئاھالىلار كومىتېتىنىڭ قورۇسىدىكى «گولا كەنتى ساپ سۇ زاۋۇتى» نىڭ سىرتىدا، ھەر كۈنى ئەتىگەندە كەنت ئاھالىلىرى ئاڭلىق ھالدا ئۆچرەتتە تۇرۇپ، بۇ يەردىن بىر كۈنلۈك تۇرمۇشىغا كېتىدىغان ساپ سۇنى ھەقسىز توشۇپ كېتىدۇ. گۇما ناھىيە چودا يېزىسىنىڭ گولا كەنتىدىكى دىھقان ئوغۇلنىسا سايىم مۇنداق دېدى: ئىلگىرى قۇدۇق سۈيى ئىچەتتۇق. خىزمەت ئەترىتى كەلگەندىن كېيىن بىزگە سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىپ بەردى، ئىچىدىغان سۈيىمىز ۋە تۇرمۇش شارائىتىمىز ياخشىلاندى.
سۇ زاۋۇتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، گولا كەنتىدىكى دېھقانلاردا ئادەتتىكى تەبىئي سۇ ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەت بار ئىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ چودا يېزىسى گولا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بۇ ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن 100 مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلاپ، دۆلەت ئىچىدە سۇ بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسى ئىلغار سۇ تازىلاش ماشىنىسىنى كىرگۈزدى ھەمدە كەنت ئاھالىلىرىنى ساپ سۇ ئىچىشتىن ئىبارەت ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ گۇما ناھىيە چودا يېزىسىنىڭ گولا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جاڭ گولىڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئۈسكۈنە سائىتىگە بىر توننا سۇ چىقىرالايدۇ. بىر توننا سۇ 60 نەچچە چېلەك چىقىدۇ. بۇ-- كەنتتىكىلەرنى ئىچىدىغان سۇ بىلەن تەمىنلەشكە تامامەن يېتىدۇ. ساپ سۇ ئىچىش ئارقىلىق، كەنتتىكىلەرنىڭ قارىشىنى ئۆزگەرتتۇق. ھازىر كۆپچىلىكىنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلاندى، يېمەك-ئىچمەكتىن غەم قىلمايدۇ. لېكىن، تۇرمۇش سۈپىتى مەسىلىسىنى ئاز-ئازدىن ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئۆزگىرىش-- ھەم دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئۆزگىرىشى، ھەم ئاممىنى زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشقا يېتەكلەيدىغان بۇرۇلۇش ھىساپلىنىدۇ.
37 ياشلىق پاتىگۈل ئابدۇقادىر كەنت ئاھالىلار كومىتېتىنىڭ ئۇدۇلىدا خوگوخانا ئاچقان بولۇپ، ئۇ يەنە كەنت يەسلىسىنىڭ ئاشپىزى ئىدى. ھازىر يەسلى ئاشخانىسى ۋە خوگوخانىدا بىر كۈن ئىچىدىغان سۇ پۈتۈنلەي ساپ سۇ زاۋۇتىدىن كېلىدىغان بولغاچقا، ئاز بولمىغان چىقىمنى تېجەپ قالدى. پاتىگۈل ئابدۇقادىر مۇنداق دېدى: مەن يەسلىدىكى بالىلارغا تاماق ئېتىپ بېرىمەن، ئىشتىن چۈشۈپ خوگوخانامنى ئاچىمەن، پاكىز سۇنى ئەكىلىپ تاماق ئېتىمەن، بۇنىڭدىن مەنمۇ خۇشال، خېرىدارلارمۇ خاتىرجەم. خوگوخانا ئېچىلىپ بىر ئايدا 1 مىڭ 200 يۈەن كىرىم قىلدىم، يەسلىدە تاماق ئەتكەنگە بىر ئايدا 1 مىڭ 600 يۈەن بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇم.
بۇ يىل گولا كەنتىدە يەنە «گولا چوڭ بازىرى» قۇرۇلۇپ، ئاشخانا، تاللا بازىرى، تىككۈچىلىك دۇكىنى، ھۆسۈن تۈزەش ئورنى، ساتىراشخانا، كۆكتات دۇكىنى، ناۋايخانىلار ئارقا- ئارقىدىن تىجارەت باشلىدى. نۆۋەتتە، 15 ئادەم ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ گۇما ناھىيە چودا يېزىسىنىڭ گولا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جاڭ گولىڭ مۇنداق دېدى: ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەشنىڭ ئاچقۇچى-- ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، ئۇلارنى ئىدىيە قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەشتىن ئىبارەت. بۇ پەقەت تۇرمۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجىنى ھەل قىلىشنىلا كۆرسەتمەيدۇ. بۇنىڭدا كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى