قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بىر جۈپ چېۋەر قولىدا بەختلىك تۇرمۇشىنى ياراتقان--سۇن مېيجى

2019-01-22 11:41:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
قورغاس ناھىيەسىدىكى دېھقان سۇن مېيجى كىچىكىدىن تارتىپلا قەغەز قىيما سەنئىتىنى ياخشى كۆرەتتى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇ قەغەز قىيما ھۈنىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، بارا-بارا يىراق- يېقىنغا داڭلىق قەغەز قىيما ئۇستىسى بولۇپ قالدى. سۇن مېيجى ياشلار-ئۆسمۈرلەرگە قەغەز قىيما ھۈنىرىنى ئۆگىتىپ، بۇ سەنئەتنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇردى.
ھازىر بالىلار قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما قورغاس ناھىيەسىنىڭ كۈرە بازىرى «زېشۈي» مەركىزى مەكتىپىنىڭ قەغەز قىيما پائالىيەت ئۆيىدە نۇرغۇن بالا قىشلىق تەتىللىك دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ سۈن مېيجىدىن قەغەز قىيىشنى ئۆگىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇ بالىلارغا قەغەز قىيىشنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگەتمەكتە ئىدى. سۇن مېيجى مۇنداق دېدى: مەن قەغەز قىيما سەنئىتىگە كىچىكىمدىن تارتىپلا قىزىقاتتىم. بۇ بالىلار قەغەز قىيما سەنئىتىنى بەكلا ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلارغا چامىمنىڭ يېتىشىچە قەغەز قىيما سەنئىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىتىمەن. قەغەز قىيما سەنئىتىنىڭ ئۇلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى يەنىمۇ بېيىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن سۇن مېيجى يېزىدا تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىن تارتىپلا ئانىسى، مومىسىدىن قەغەز قىيما سەنئىتىنى ئۆگەنگەن ئىدى. ئۇنىڭ قەغەز قىيىش سەۋىيەسىنىڭ تەدرىجىي ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، يېزا- ناھىيەلەردە ئۆتكۈزۈلگەن مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى. كۈرە بازىرى «زېشۈي» مەزكىزى مەكتىپىدىكىلەر سۇن مېيجىنىڭ قەغەز قىيما ھەۋەسكارى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنى ئوقۇغۇچىلارغا قەغەز قىيما ھۈنىرىنى ئۆگىتىشكە تەكلىپ قىلماقچى بولغاندا، سۇن مېيجىنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇنىڭغا قوشۇلمىغانىدى. سۇن مېيجى مۇنداق دېدى: چوڭلار ھازىر تۇرمۇشىمىز ياخشى، يىلدا70، 80 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمىز، سىز بىزگە ياخشى ياردەملەشسىڭىزلا بولدى، دېدى. ئەمما، قەغەز قىيما سەنئىتىنى بەكلا ياخشى كۆرگەچكە، ئاتا- ئانام ۋە يولدىشىمغا مېنى چۈشىنىش ۋە قوللىشىنى ئېيتتىم.
2013- يىلى سۇن مېيجى مەكتەپكە بېرىپ ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى مۇئەللىم بولدى. ئوقۇتۇش تەجرىبىسى بولمىغان سۇن مېيجى قەغەز قىيىشنى بىلمەيدىغان بۇ ئوقۇغۇچىلارغا باشتا رەسىم سىزىش ئاساسىدىن باشلاپ ئۆگەتتى. كېيىن ئۆزى قول سېلىپ يەتتە خىل قەغەز قىيىش ماھارىتى ۋە قەدەم باسقۇچلىرى خۇلاسىلەنگەن بىر قوللانما تۈزۈپ، قەغەز قىيما سەنئىتىنى ياخشى كۆرىدىغان بۇ ئوقۇغۇچىلارنى قەغەز قىيما دەرسلىكى بىلەن تەمىنلىدى. سۈن مېيجى تىرىشىپ ئىشلىگەچكە، بۇ مەكتەپكە رەسمىيلەشتى ھەمدە قورغاس ناھىيەسىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ھۆسنخەت ۋە رەسىم مۇسابىقىلىرىدە كۆپ قېتىم1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى شۇنداقلا «ئىلغار مائارىپ خىزمەتچىسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. بۇلتۇر12- ئايدا، مەكتەپ ئۇنى يەنە جياڭسۇ ئۆلكىسىگە ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنەت تۈرىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش بويىچە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش كۇرسىغا قاتنىشىشقا ئەۋەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: جياڭسۇ ئۆلكىسىگە بېرىپ نەزەر دائىرەم تېخىمۇ كېڭىيىپلا قالماي، قەغەز قىيما سەنئىتىگە بولغان چۈشەنچىم تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. قەغەز قىيما سەنىتىنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش مېنىڭ ئۆمۈرلۈك ئارزۇيۇم.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى