قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەخمەتجان ئابلىزلارنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى

2019-01-22 12:00:51     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1-ئاينىڭ 22-كۈنى نەشىردىن چىققان «شىنجاڭ گېزىتى» دە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ كاندىدات كۆزەتكۈچىسى ئازات ئۆمەر؛ سانجى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئەخمەتجان ئابلىزلارنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى.
ئازات ئۆمەرنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: بىرلىكسەپ خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن باشتىن- ئاخىر دېققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلام دىنىي خادىملىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشقا ئەستايىدىل مەسئۇل بولۇپ، ئۇلارغا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش ۋە تەربىيەلەش، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن- نىزام بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىمەن. بولۇپمۇ، شىنجاڭنىڭ «تۆت تارىخ» تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇش، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» نى كۈچەيتىش، دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى  پۇختا تۇرغۇزۇش، ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ياخشىلىققا ئىنتىلىش، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى نەمۇنىچىلاردىن بولۇشقا يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن. 
 ئەخمەتجان ئابلىزنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: مەن باش نىشاننى بايراق ۋە يۆنىلىش قىلىشتا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «بىرىكمە مۇشت» نى ياخشى ئېتىپ، بارلىق خىزمەتلەرنى باش نىشاننى چۆرىدەپ پىلانلاپ، قانات يايدۇرۇپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى كەم- كوتسىز ياخشى ئىزچىللاشتۇرىمەن ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. مائارىپ خىزمىتىگە مەسئۇل پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەسئۇلىيەت تۇيغۇم ۋە بۇرچ تۇيغۇمنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مائارىپ بازىسىنى مۇستەھكەملەپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىگە قەتئىي تاقابىل تۇرۇپ، دەرسخانىنى، دەرسلىكنى، تورنى ياخشى باشقۇرۇپ، مائارىپ سىستېمىسىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنى پاكىز تازىلاپ، مەكتەپنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرىدىغان مۇستەھكەم بازىغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىمەن.
تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى