قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ لوپېزغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2019-01-22 17:03:00     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 20- كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1- ئاينىڭ 20- كۈنى مېكسىكىدا نېفىت يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى پارتلاپ ئېغىر تالاپەت كۆرۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن مېكسىكا زۇڭتۇڭى لوپېزغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: مېكسىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا نېفىت يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئېغىر، زور تالاپەت كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن. يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭ ئۈچۈن زۆرۈر ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى