قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسىنى پۇختىلايمەن

2019-01-22 17:19:10     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ كۆزەتكۈچىسى غۇلام ئابدۇقادىر

ئالدىنقى يىللاردا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر قىسىم جايلاردا ئىسلام دىنىدا «جۇڭگوچىسىزلاشتۇرۇش» خاھىشى كۆرۈلۈپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى سىڭىپ ۋە يامراپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئىنتايىن زور خەۋپ ئېلىپ كەلدى. بىر قىسىم يامان غەرەزلىك كىشىلەر ھە دېسىلا چەت ئەلنىڭ نەرسىلىرىنى ئۆلچەم قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئاكتىپ ئاۋانگارتى بولۇپ، جان- جەھلى بىلەن ئىسلام دىنىنى «جۇڭگوچىسىزلاشتۇرۇش» بىلەن شۇغۇللاندى. بۇنداق خاھىشلار ئالدىدا، بىز بىرلىك سەپ، دىن خىزمىتى تارماقلىرىدىكى كادىرلار چوقۇم سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي قىزىل سىزىقنى چىڭ ساقلاپ، ھەر ۋاقىت پارتىيەگە سادىق بولۇشىمىز، ۋەتەنگە سادىق بولۇشىمىز، خەلققە سادىق بولۇشىمىز، ھەر ۋاقىت دىققىتىمىزنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

  سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق دۆلىتىمىز ئىسلام دىنىنى يېتەكلەش كېرەك. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەيلى قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلسۇن، ھەممىسى ئاڭلىق ھالدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى لازىم. بىز تەشۋىق- تەربىيە، تۈزۈم كاپالىتى، ئەمەلىيەت داۋامىدا يېتىلدۈرۈش، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش ئارقىلىق سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى بىلەن دىنىي ساھەدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە تەربىيە بېرىپ، سوتسىىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئۇلارنىڭ قىممەت ئىنتىلىشىگە، ھەرىكەت قائىدىسىگە ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. دىن ساھەسىدىكىلەرنى دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تۇرغۇزۇش، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن- نىزاملارغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىش، توغرا ئېتىقاد، توغرا ھەرىكەتتە چىڭ تۇرۇش، دىنىي ئەسەبىزمغا ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇشقا نۇقتىلىق يېتەكلىشىمىز كېرەك. ۋەتەن بىلەن قەلبداش، خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ئورتاق ياخشى پۈتۈشىمىز كېرەك.

  جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى دۆلىتىمىز ئىسلام دىنىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. مول ۋە چوڭقۇر، پارلاق، شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلامدىكى مەنىۋى ئىستىكىنى مۇجەسسەملىگەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ تۈپ مەنىۋى گېنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ خاس مەنىۋى بەلگىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنىڭ ئاساسى بولۇپلا قالماي، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ قالتىس تۆھپىلەرنى قوشقان. دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشتا، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سىڭىشىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك، ئىسلام دىنىنىڭ دىنىي ئەقىدە، دىنىي قائىدىلىرىنى شەرھلەشتە، دىنىي پائالىيەت ئۇسۇلىدا، كىيىم- كېچەك ۋە ئىمارەت شەكلىدە، ھەممىدە روشەن جۇڭگو ئۇسلۇبىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك، ئۇنى ھەقىقىي ھالدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە يۇغۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىش، ئىلگىرىلەش، تىنچلىق، كەڭ قورساق بولۇش قاتارلىق ئىدىيەلەر ئارقىلىق كەڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى تەربىيەلەپ، ئۇلارنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى يۈكسەك دەرىجىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزىدىغان قىلىش كېرەك.

  ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى دىنىي ئەقىدىگە تامامەن خىلاپ بولۇپ، ئۇ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇقنىڭ ئىدىيە ئاساسى. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى دىن ئەمەس، ئۇنىڭ ماھىيىتى ئىنسانىيەتكە قارشى، جەمئىيەتكە قارشى، مەدەنىيلىككە قارشى، دىنغا قارشى بىدئەت تەلىمات. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى دىنىي تونغا ئورىنىۋېلىپ، دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، مىللىي قارشىلىشىش پەيدا قىلدى، بۇ، ئىسلام دىنىدا تەشەببۇس قىلىنىدىغان ۋەتەننى سۆيۈش، تىنچلىققا ئىنتىلىش، ئىتتىپاق ئۆتۈش، ئوتتۇرا يول تۇتۇش، كەڭ قورساق بولۇش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشتەك ئەقىدىلەرگە تامامەن قارشى يول تۇتۇش. قائىدە تۇرغۇزۇپ ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قىزىل سىزىقنى ئېنىق ئايرىش شەرت، ئۇ بولسىمۇ دىندىن پايدىلىنىپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىگە ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇشقا، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ؛ دىننىڭ سىياسىيغا ئارىلىشىشىغا، ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ؛ دىندىن پايدىلىنىپ زامانىۋى تۇرمۇشقا ئارىلىشىشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. بىرلىك سەپ، دىن خىزمىتى تارماقلىرىدىكى كادىرلار جەزمەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنى دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى، زۆرۈرلۈكى، تەخىرسىزلىكىنى ئېنىق تونۇشقا تەربىيەلىشى ۋە يېتەكلىشى، ئۇلارنى ئاڭلىق ھالدا دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە قانۇن- نىزاملىرىغا رىئايە قىلىپ، سوتسىيالىسىتىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئوتتۇرا يولنى چىڭ ساقلاپ، ئاڭلىق ھالدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن دىنىي ئەسەبىزمنى توسۇشقا يېتەكلىشى كېرەك.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى