قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە ئاساسىي داۋالاش مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى

2019-01-23 11:08:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونىمىز داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە ئاساسىي داۋالاش مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.
يېقىندا، پەيزاۋات ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا بالنىستتا يېتىپ داۋالانغان ياڭ مىڭ داۋالىنىپ ساقايغاندىن كىيىن دوختۇرخانىدىن چىقتى.
2018-يىلى10- ئايدا ئېلىپ بېرىلغان 3- نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق تەكشۈرتۈشتە كۆپەيتىپ تەسىس قىلىنغان كۆكرەك قىسمىنى رېنتىگىندا تەكشۈرۈش تۈرىدە، ياڭ مىڭ «ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان» دەپ گۇمان قىلىنغانىدى. قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، يۆتكەپ داۋالاش يېشىل كارىدورى ئارقىلىق پەيزاۋات ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا يۆتكىلىپ داۋالاندى. ياڭ مىڭ مۇنداق دېدى: بالنىستا يېتىپ داۋالىنىشتا، بىر تىيىنمۇ پۇل خەجلىمىدىم. دوختۇرخانا يەنە بىزنى ھەقسىز دورا ۋە تاماق بىلەن تەمىنلىدى.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە،2018- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي 17 مىليون 492 مىڭ 300 كىشى3- قېتىملىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە قاتناشقان. ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش-- شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسىي قاتلام داۋالاش شارائىتىنىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ مېيلىن ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون بويىچە سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە جەمئىي 4 مىليارد 68 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. تەكشۈرۈش ھەققىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتى، پۈتۈن ئاپتوماتىك بىئوخىمىيىلىك ئانالىز ئەسۋابى قاتارلىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى تولۇقلاپ بېرىلىپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا ئۈنۈملۈك كۈچ قوشۇلدى. ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا-بازار شىپاخانىلىرى ۋە كەنت شىپاخانىلىرىنىڭ ئۆلچەملىشىش نىسبىتى %89 تىن ئاشتى. كېيىنكى قەدەمدە، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، يىل ئاخىرىدا %100 لىك ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشنى قولغا كەلتۈرىمىز. ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، تەربىيەلەش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.
  ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش-- ھەر مىللەت ئاممىسى ئۈچۈن ئالدىنى ئېلىش ئاساس قىلىنغان ساغلاملىق مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلدى. مۇشۇ ئاساستا، داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى، ئائىلە دوختۇرلىرى كېلىشىم ئىمزالاش مۇلازىمىتى، دورىغا باھا قوشۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى يولغا قويۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسى ئۈچۈن «كېسەل كۆرسىتىش تەس بولمايدىغان، قىممەت بولمايدىغان» ساغلاملىق يولى ھازىرلاندى. خوتەن شەھەر ئاھالىسى رەيھان جۈمە سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بولۇپ، قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ دورا ئېلىشى زۆرۈر ئىدى. ئاپتونوم رايوننىڭ دورىغا باھا قوشۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇنىڭ 2018- يىلدىكى دورا ھەققى خېلى تۆۋەنلىدى. رەيھان جۈمە مۇنداق دېدى: ئىلگىرى، قاندىكى ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىنىڭ بىر قېپى 70 نەچچە يۈەن ئىدى، ھازىر 60 يۈەنگە چۈشتى. زۇپا جەۋھىرىنىڭ بىر قېپى 40 يۈەندىن 20 نەچچە يۈەنگە چۈشتى. بۇنداق بولغاندا، بىر يىلدا 700، 800 يۈەن تېجەپ قالالايدىكەنمەن.
داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسى ساغلاملىق پايدىسىدىن ھەقىقىي بەھرىمەن بولدى. بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا «دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش تۈزۈمى قۇرۇلۇشى ۋە ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيە بازىرى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاساسىي قاتلام سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭغا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ جيەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 3 مىڭغا يېقىن ئاساسىي قاتلام داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتى، 2- دەرىجىلىك ۋە 2- دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانىلار-- تېببىي داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى، داۋالاش ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا بولدى. 2019- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئاپتونوم رايوننىڭ «ئالاقە تورى بىلەن داۋالاش ساقلىقنى ساقلاش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن» خەلققە قولايلىق يارىتىش مۇلازىمەت سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا يەنىمۇ مايىللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ سۇپا ئارقىلىق بىز ۋاقىت بۆلىكى بويىچە ئالدىن كېلىشىپ نومۇر ئېلىش، ساغلاملىق ئارخىپلىرىنى كۆرۈش، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئورتاق بەھرىمان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز. بۇ يىل 6- ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 2- دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھۆكۈمەت داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەممىسىدە سىستېما ئۆزگەرتىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلققە قولايلىق يارىتىش مۇلازىمەت سۇپىسى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. ھەر مىللەت ئاممىسى بۇ سۇپىنىڭ ئېلىپ كەلگەن يېڭىچە داۋالىنىش ئەۋزەللىكىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى