قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىش يىغىنى ئېچىلدى

2019-01-23 11:10:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مۇشۇ ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىش يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى ھەمدە سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ» نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ» نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش» نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مەڭگۈ چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى ئىزچىل كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، سىجىل ئەگىشىپ ئۆگىنىپ، تولۇق ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى تىرىشىپ غايە- ئېتىقادنى مۇستەھكەملەش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىشتىكى ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش؛ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل كۈچەيتىپ، ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى، بولۇپمۇ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، پولاتتەك ئىنتىزامنى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ كۈندىلىك ئادىتى ۋە ئاڭلىق قوللانمىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئىستىلنى ئىزچىل ئۆزگەرتىپ، «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات» نى قەتئىي توسۇشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، خىزمەتتە قۇرۇق گەپ سېتىش، يۈزەكى ئىشلەش، شەكىلۋازلىق قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىش؛ كۈندىلىك نازارەتچىلىكنى ئىزچىل كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، قاتتىق باشقۇرۇش ئارقىلىق كۆيۈنۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بالدۇر، كىچىكىدىن تۇتۇشنى دائىمىيلاشتۇرۇش؛ «ئىككى مەسۇلىيەت» نى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى ۋە ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاھىدە ئىمتىياز بولماسلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۆزىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ياخشى ئۈلگە بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يېڭى دەۋرگە خاس ياخشى كادىرلاردىن بولۇش كېرەك.
تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى