قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ «چوڭ كەپە ئۆي» مەسىلىسىنى مەخسۇس ئېنىقلاش، تۈزەشنى نەق مەيداندا ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى

2019-01-23 11:12:34     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
ئاپتونوم رايوننىڭ «چوڭ كەپە ئۆي» مەسىلىسىنى مەخسۇس ئېنىقلاش، تۈزەشنى نەق مەيداندا ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز «چوڭ كەپە ئۆي» مەسىلىسىنى ئېنىقلاش، تۈزەشكە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەمدە ھەر قايسى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى (مەمۇرىي مەھكىمىلەر) نىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن مەخسۇس ئېنىقلاش، تۈزەش خىزمىتى مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىدى.
   يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: «چوڭ كەپە ئۆي» مەسىلىسى يەر باشقۇرۇشتىكى قانۇن- نىزاملارغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش قىزىل سىزىقى ۋە مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىز- ئېرىق تۆۋەن چېكىگە بىۋاسىتە چىقىلغانلىق بولۇپ، جايلار، تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ» نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ» نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش» نى ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مەخسۇس ئېنىقلاش، تۈزەشنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، ئېنىقلاش، تۈزەشنى قەتئىي چىڭ تۇتۇپ، ئۈزۈل- كېسىل ھەل قىلمىغۇچە ھەرگىز ۋاز كەچمەي، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەگە سادىق بولۇشنى نامايەن قىلىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: مەخسۇس ئېنىقلاش، تۈزەشنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، سىياسەتچانلىقى كۈچلۈك، ئىجتىمائىي سەزگۈرلۈك دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، سىياسەت تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ئىلمىي تۈرگە ئايرىپ خاراكتېرىنى بېكىتىپ، كەم- كوتسىز تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ تۈزەش كېرەك. ھەقىقىي تۇتۇش قىلىپ، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەپ ئىشلىتىش، بولۇپمۇ مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىز- ئېرىقلاردا غەيرى يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى، يەرنىڭ خاراكتېرى ۋە ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىشتەك قانۇن- بەلگىلىمىگە خىلاپ قۇرۇلۇش قىلمىشلىرىغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، ئۆيلەرنى يەرگە قايتۇرۇپ، بۇ يىل ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا دەخلى يەتكۈزمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شەكىل ۋە ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىدىيەۋى خىزمەتنى ئالدىدا ئىشلەپ، قەتئىي قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە ئىش قىلىپ، زىددىيەتنى پەسەيتىش ۋە ھال ئېيتىپ كەلگەنلەرنى كۈتۈۋېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاممىۋى خىزمەتنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ئىشلەپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ئاكتىپلىقىنى قوغداش ۋە قوزغاش كېرەك. مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى چىڭىتىپ، سىياسەت جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە يېزا ئىگىلىك كەسپىنى ساغلام راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، مەبلەغنى قايتۇرۇۋېلىشنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، ئېنىقلاش، تۈزەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈنۈملۈك بولمىغان، قىلدىغاننى قىلمىغان ۋە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماي، مەسۇلىيەتسىزلىك قىلغان، ئىنتىزام ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن ۋە ئىنتىزام بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: مەخسۇس ئېنىقلاش، تۈزەش خىزمىتى- سىياسىي ۋەزىپە، يەرلىك بىلەن بىڭتۈەن «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار يەرلىك پارتكوملارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئۆزى تۇتۇشى، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇللىرى كونكرېت تۇتۇشى، يېزا ئىگىلىكى- يېزا، تەبىئىي بايلىق قاتارلىق تارماقلار ھەمكارلىشىشى، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاخىرىغىچە چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى