قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شەھەردىكى تونۇرلار نەگە كەتتى؟

2019-01-23 11:17:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
چوڭ نان-- ئىزچىل كۇچا ناھىيەسىنىڭ داڭلىق ماركىسى بولۇپ كەلدى. لېكىن، بۈگۈنكى كۈندە كۇچا ناھىيە بازىرىدا ئەنئەنىۋى تونۇرنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. بۇ تونۇرلار نەگە كەتتى؟
كۇچا ناھىيەسىنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىدا ماڭغاندا، يول بويىدىكى دۇكانلاردىن داڭلىق نانلارنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ، ئەمما ئەنئەنىۋى تونۇر، ناۋايخانىلارنى كۆرگىلى بولمايدۇ. كۇچا ناھىيەسىنىڭ مەدەنىيەت يولىدىكى نان دۇكىنىنىڭ ئىگىسى مەمەتروزى قۇربان مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھازىر مال يەتكۈزگۈچى ھەر كۈنى ئوبدان يېقىلغان نانلارنى ۋاقتىدا ئەكىلىپ بېرىدۇ، ناننى ئۆزۈم ياقمىساممۇ بولىدىغان بولدى. قاراڭ، ھازىر بۇ كوچىمىز بەكمۇ پاكىز، رەتلىك، مۇھىتىمىزمۇ ياخشى بولۇپ كەتتى، ۋاقتىم بولسا، خېرىدارلارغا نان يەتكۈزۈپ بېرىۋاتىمەن، بۇنىڭمۇ پايدىسى كۆپ بولىدىكەن.
بۇ بىر قانچە يىلدا كۇچا ناھىيەسىنىڭ شەھەر- بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇساپىسى ۋە مۇھىت ئاسراش خىزمىتى قەدىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئەنئەنىۋى ناۋايخانىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش بوشلۇقى بارغانسېرى كىچىكلىدى.
كۇچا ناھىيەسى كۇچا چوڭ نېنىنى يېقىش، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ھۈنىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، 35 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كۇچا نان شەھەرچىسى قۇردى. تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەن 4 يىلدىن بۇيان، نان شەھەرچىسىنىڭ تىجارەت كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، بازارغا سالىدىغان نان مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى بارغانسىرى كۆپەيدى. بۇنىڭ بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغىنى شۇكى، كۇچا ناھىيە بازىرىدىكى ئەنئەنىۋىي ناۋايخانىلار يىلدىن- يىلغا ئازىيىپ، ھەتتا بۈگۈنكى كۈندە ئەنئەنىۋى ناۋايخانىلارنى تاپقىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنداقتا، ئىلگىرىكى ناۋايلىققا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ناۋايلار قانداق قىلىدۇ؟ كۇچا ناھىيەسى بۇنىڭغا: بىر قىسىم كىشىلەرنى باشقا ئىگىلىك بىلەن شوغۇللىنىشقا يېتەكلىدۇق، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نان شەھەرچىسىدە ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردۇق، دەپ جاۋاب بەردى.
كۇچا نان شەھەرچىسىدە، ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 لەر ئەتراپىدا، ناۋاي تۇرسۇن ئېزىز بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى باشلىۋېتەتتى. بىر پارچە تەييار خىمىرنى قولىدا ئايلاندۇرۇپ نان شەكلىگە كەلتۈرۈپ، خىمىر يۈزىگە چەككۈچ چىكىپ، ئاندىن ئېڭىشىپ ئۇنى تونۇرغا ياقاتتى. ئون نەچچە مىنۇت تونۇردا قاقلانغاندىن كېيىن، ئالتۇن سېرىق رەڭلىك كۇچا نېنى تونۇردىن پىشىپ چىقاتتى. 32 ياشقا كىرگەن تۇرسۇن ئېزىز كۇچا ناھىيەسىنىڭ بېھىشباغ  يېزا خانىقا كەنتىدىن بولۇپ، ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇ كەنتتىكى نامرات دېھقان ئىدى، ناھىيە بازىرىدا باشقىلارغا نان يېقىپ بېرىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئوتۇن، كۆمۈردە ئوت قالاپ نان ياققاچقا، بەزى چاغلاردا ئىس- تۈتەكتە كۆزەمنى ئاچالماي قالاتتىم. نان شەھەرچىسىگە كېلىپ ناۋايلىق قىلغاندىن كېيىن، ئىش مۇھىتىمىز ياخشىلاندى، تەبئىي گازنى ئىشلىتىپ نان ياقىدىغان بولدۇق، بۇ مۇھىتنى ئاسرايدىكەن، پاكىز بولىدىكەن، ناننى ھەم تېز ھەم ياخشى پىششۇرغىلى بولىدىكەن، ھازىر ئېيىغا 5 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىۋاتىمەن. شاگىرتتىن بىر نەچچىنى تەربىيەلىدىم، ئۇلار ھۆنەرنى ئوبدان ئۆگەنگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە كەنتلىرىگە قايتىپ، مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى نان دۇكىنى ئېچىپ تىجارەت قىلىۋاتىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، كۇچا چوڭ نېنى يېڭى ھۈنەر ئاساسىدا كونا تەمىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ رولى قورساق تويغۇزۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. 2017- يىلىدىن بۇيان، كۇچا ناھىيەسى ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىكنى زور دەرىجىدە گۈللەندۈرۈش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، زاۋۇتلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق نانچىلىق كەسپىدە داڭلىق ماركا يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 1-، 2-، 3- كەسىپلەرنى بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. كۇچا نان شەھەرچىسىنىڭ دىرېكتورى ليۇ چىڭخۇا مۇنداق دېدى: ھازىر بىزنىڭ بۇ يەردە كۈنىگە 10 مىڭدىن 12 مىڭغىچە نان سېتىلىۋاتىدۇ. توردا كۈنىگە مىڭدىن كۆپرەك نان سېتىۋاتىمىز، توردىكى سېتىش مىقدارىمىز داۋاملىق كۆپىيىۋاتىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە بىز يەنە كۆلىمىمىزنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، نان شەھەرچىسىنى نامرات ئائىلىلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان بازىسىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى نان شەھەرچىسىدە سېتىپ، ناھىيەدىكى بارلىق يېزا-بازارلارنى قاپلىماقچى بولۇۋاتىمىز.

 تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى