قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

2019- يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش باشلاندى

2019-01-23 11:24:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
2019- يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش باشلاندى. تۆمۈريول ئارقىلىق شىنجاڭغا كىرىپ- چىقىشتىكى تۈگۈنلۈك ۋوگزال-- قۇمۇل ۋوگزالى يولۇچىلار تىرانسپورت ئۈسكۈنىلىرىدىكى يوشۇرۇن خەۋپلەرنى بالدۇر تەكشۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بېلەت سېتىۋېلىش، بېكەتكە كىرىپ-چىقىش قاتارلىق ھالقىلاردىكى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلماقتا.
قۇمۇل ۋوگزالى پويىز كۈتۈش زالىنىڭ1- قەۋىتىدە، ۋوگزالغا كىرىدىغان يولۇچىلار خىزمەتچىلەرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە پويىز كۈتۈش رايونىغا تەرتىپلىك كىرىۋاتقان بولۇپ، پويىز كۈتۈش زالى پاكىزە، رەتلىك ۋە ئازادە ئىدى. «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» دەم ئېلىش ئۆيىدە پويىز كۈتىۋاتقان يولۇچى دۇ لى بۇ يىل بالىسىنى ئېلىپ يۇرتىغا قايتىپ چاغان ئۆتكۈزمەكچى بولغان بولغان ئىدى. ئۇ مۇخبىرغا، بۇ يىل بېلەت سېتىۋېلىشتىن ۋوگزالغا كىرىپ پويىز كۈتۈشكىچە ھەممە ئىشلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ۋە قولايلىق بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى، بېلەت سېتىۋالغاندا نەچچە كۈن ئۆچرەتتە تۇراتتۇق. ھازىر بېلەت سېتىۋالغاندا، ئۆچرەتتە تۇرغانلار كۆپ بولۇپ قالسا، بىلەت سېتىش كۆزنەكلىرىنى ۋاقتىدا كۆپەيتىپ، بىزنى قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان بوپتۇ. ھازىر ھاجەتخانا ھەر ۋاقىت پاكىز، پويىز كۈتۈش زالىنىڭ ئەسلىھەلىرىمۇ تولۇق ئىكەن. بۇ بىزنىڭ سەپەرگە چىقىشىمىزغا قولايلىق ئېلىپ كەلدى.
قۇمۇل ۋوگزالى بۇ يىلقى چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى، سەپەرگە چىقىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مۇددەتتىن يېرىم ئاي بۇرۇن ئۈسكۈنە، ئەسلىھەلەردىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋوگزالنىڭ ھەر قايسى ئىش تۈرلىرى بويىچە مۇلازىمەت قائىدە-يوسۇنلىرى، تېخنىكا مەشغۇلاتى، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرى، بىخەتەرلىك ساۋاتلىرى قاتارلىق كۆپ تۈرلەر بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىپ، تۈرلۈك مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى. قۇمۇل پاراۋوز ئوچاستىكىسى قۇمۇل ۋوگزالى يولۇچى توشۇش سېخىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما لىپىڭ مۇنداق دېدى:ئېلىكتىرونلۇق يېتەكلەش سېستىمىسى يولۇچىلارنىڭ بېكەتكە كىرىپ- چىقىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بولغاچقا، بىز مۇددەتتىن بۇرۇن بىر قېتىم تەكشۈرۈپ چىقتۇق. يەنە ئالاھىدە نۇقتىلىق يولۇچىلار مۇلازىمەت ئۈسكۈنىلىرى، بېلەت سېتىش كۆزنىكى، خادىملار زاپىسى، كۆزنەكلەرنى ئېچىۋېتىش قاتارلىقلارنىمۇ تەكشۈردۇق. بىز ھەر كۈندىكى يولۇچىلار ئېقىمىغا ئاساسەن، بېلەت سېتىش كۆزنىكىنى ھەر ۋاقىت كۆپەيتىپ، ھەر بىر كۆزنەكتە ئۆچرەتتە تۇرىۋاتقانلار سانىنىڭ 15 ئادەمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز، 15 ئادەمدىن ئېشىپ كەتسىلا دەرھال كۆزنەكنى كۆپەيتىمىز. خادىملار ئالدىن تەييارلىقتا تۇرىدۇ.
قۇمۇل ۋوگزالى توك بىلەن تەمىنلەش ۋە تەكشۈرۈش-رىمونت قىلىش سېخىنىڭ خىزمەتچىسى ۋاڭ زېيۈەننىڭ چاغانلىق يولۇچى توشۇش مۇلازىمەت خىزمىتىگە تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى بولۇپ، ئۇ ئۆز خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تىنچ-ئامانلىق، راۋان بولۇشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق تۆمۈر يول قاتنىشىدا، مەن ئۈسكۈنىلەرنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىمەن. يېڭى بىر يىلدا، تىرىشىپ ئۆز خىزمىتىمنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەيمەن.
تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى