قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

لەۋھە ئارقىسىدىكى ئانا-بالا مۇھەببىتى

2019-01-23 11:29:10     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قەشقەر شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزى ئىشخانىسىغا «پارتىيەنىڭ تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرىمىز» دەپ خەت يېزىلغان لەۋھە ئېسىلغانىدى. بۇ لەۋھەنى كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىدىكى ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن  كۇرسانت زۇلپۇنۇرنىڭ ئانىسى رەيھانگۈل ئابدۇراخمان سوۋغا قىلغانىدى.
2018- يىلى 11- ئايدا كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىدە ئوقۇشنى تاماملىغان زۇلپۇنۇر خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنكى تۇنجى مائاشىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئانىسى رەيھانگۈل چەكسىز خۇشال بولۇپ، بۇ لەۋھەنى ئىشلەپ تەلىم- تەربىيە مەركىزىگە ھەدىيە قىلغانىدى. رەيھانگۈل مۇنداق دېدى: قىزىم قۇياشتەك نۇرلىنىپ، تېخىمۇ ئوچۇق- يۇرۇق بولۇپ كېتىپتۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت قىزىمنى ۋە ئائىلىمىزنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇپ قالدى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە كۆپ رەھمەت.
2014- يىلى رەيھانگۈل ئۈرۈمچىگە كېسەل كۆرسەتكىلى باردى، ئۈرۈمچىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىنىگە ئۇزاق بولمىغان، خىزمەت ئىزدەۋاتقان قىزى زۇلپۇنۇر بار ئىدى. ئۇ ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا ئىلگىرىكى شوخ، ئوچۇق- يورۇق، مودا قىزىنىڭ قارا رەڭلىك نىقابلىق كىيىم كىيىۋالغانلىقى، بەدىنىنى چىڭ ئورىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، قاتتىق چۆچۈپ كەتتى ھەم غەزەپلەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: قىزىمنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ، دەرھال ئۇنىڭ ياغلىقىنى ئېلىۋەتتىم، سىز مېنىڭ قىزىممۇ؟ سىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغانمۇ؟ نەدە ئىشلىمەكچى؟ يۈرۇڭ، سېزنى ئېلىپ كېتەي، دېدىم. مەن ئۇنىڭ بۇ ھالىتىدىن بەك قورقۇپ كەتتىم، ئۇ يىغلاپ كەتتى.
رەيھانگۈل دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ زىيىنىنى ئوبدان بىلەتتى، ئۇنىڭ كۈچلۈك تەلىپى بىلەن، زۇلپۇنۇر قەشقەرگە قايتىپ كەلدى. رەيھانگۈل قىزىنى يېنىدا تۇرغۇزۇپ، ئۇنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ توغرا يولدا مېڭىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئانا- بالا ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ بارغانسېرى چوڭىيىپ كەتتى، ھەتتا بازارغا بېرىپ نەرسە- كېرەك سېتىۋالغاندىمۇ، دائىم جېدەللىشىپ تۇردى. زۇلپۇنۇر مۇنداق دېدى: شۇ ۋاقىتتا ئاتا- ئانامنىڭ گېپى بويىچە كىيىنىشىمدە ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئىدىيەمدە يەنىلا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانىدى، شۇنىڭ بىلەن ماڭا سىرداش ئانام ماڭا گەپ قىلماس بولۇۋالدى. شۇ چاغدا ئىككىمىز تاللا بازىرى ياكى بازار ئايلانغىلى چىقساق، ئىككىمىزنىڭ گۈزەللىك قارىشى پۈتۈنلەي ئوخشىمايتتى، ئانام تاللىغان كىيىمنى مەن ماس كەلمەيدۇ دەپ ئېلىشقا ئۇنۇمايتتىم، مەن كىيىم تاللىسام، ئانام ھازىرقى زامان قىزلىرىغا ماس كەلمەيدۇ، دەپ نازارى بولاتتى، ئىككىمىزنىڭ ئارىلىقى بارغانسېرى يىراقلاپ كەتتى، پەقەت گەپ قىلىشساقلا جىدەللىشىپ قالاتتۇق.
رەيھانگۈلنى تېخىمۇ ئەنسىرەتكىنى شۇ بولدىكى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىدە، زۇلپۇنۇر گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشنى رەت قىلىدىغان ھەمدە دائىم «مۇسۇلمانچە ئەمەسكەن» دېگەننى باھانە قىلىپ، باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا خالىغانچە ئارىلىشىۋالىدىغان بولدى. رەيھانگۈل مۇنداق دېدى: ئۇنىڭ ئىدىيەسىنى قانداق قىلسام ئۆزگەرتەلەمەن، دەپ بەك تىت- تىت بولدۇم. بۇنىڭغا ئامالمۇ قىلالمىدىم، كۈندە گەپ قىلساممۇ ئاڭلىماس بولۇۋالدى.
زۇلپۇنۇر قەشقەر شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىگە تەربىيەلىنىشكە كىرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ تارىخى، قانۇن- نىزاملارنى سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ئىدىيەسىدە زور ئۆزگىرىش بولدى. زۇلپۇنۇر مۇنداق دېدى: مەن مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قانۇن- نىزاملارنى ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈشىدىن نېمىنىڭ بىزنىڭ ئۆرپ- ئادىتىمىز، نېمىنىڭ قانۇنلۇق دىن، نېمىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىۋالدىم، ئۆزەمدىكى ئىدىيىۋى يۈكتىن قۇتۇلۇپ يېنىكلەپ قالدىم، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ئارقىلىق ھەق- ناھەقنى ئايرىش ئىقتىدارىممۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، يامان نىيەتلىك ئادەملەرنىڭ ئالدىمىغا چۈشۈپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش يولىغا ماڭمايدىغان بولدۇم.
تەلىم- تەربىيە مەركىزىدە تۇرغان مەزگىلدە، رەيھانگۈل دائىم قىزىنى يوقلاپ تۇردى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم بارغاندا قىزىمدىكى ئىلگىرىلەشنى كۆرەتتىم. تۇنجى قېتىم قىزىمنى يوقلىغىلى بارغاندا، قىزىم مېنى كۆرۈپ، «ئانا، مەن بۇ يەردە» دېگەنىدى. مەن ئۇنىڭ چاچلىرىنىڭ شۇنداق چىرايلىق، يۈزىنىڭ ئاپئاق بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. ئۇ «ئانا، كەچۈرۈڭ، مەن خاتا قىلدىم، سىزگە يۈز كېلەلمەيمەن، خاتىرجەم بولۇڭ، مەن ياخشى بولۇپ كەتتىم» دېدى. قىزىمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، خاتىرجەم بولدۇم، قىزىمنىڭ قۇتقۇزۇپ قېلىنغانلىقىدىن بەك خۇش بولدۇم.
بۈگۈنكى كۈندە، ئوقۇشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغان زۇلپۇنۇر مۇقىم خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ، ئايدا 3 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىدىغان بولدى، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ ئاخىرى ئانىسىنىڭ جاپاسىنى ھېس قىلىپ، ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئانىسىغا ھەمراھ بولۇپ كوچا ئايلىنىدىغان، پاراڭلىشىدىغان بولدى. رەيھانگۈل قىزىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەھەللە تەشۋىقاتچىسى بولۇشنى ئىلتىماس قىلىپ، ئۆزى ۋە قىزىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن يىراق تۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.
2019- يىلى يېڭى يىلدا رەيھانگۈل ئولتۇرۇشلۇق مەھەللىدە يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى، زۇلپۇنۇر تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىپ، كېچىلىكنىڭ رىياسەتچىسى بولدى. رەيھانگۈل سەھنىدە قىزىنىڭ مودا ياسىنىپ بەكمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ پەخىرلەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم مەھەللىدە لېكسىيە سۆزلىگىنىمدە، ئاھالىلەر قىزىمنىڭ كەچۈرمىشىنى بىلەتتى، بۈگۈن ئۇلار ئۆز كۆزى بىلەن قىزىمنى كۆرۈپ، كۆزىگە ئىشەنمەيلا قالدى، بەك خۇشال بولدۇم.

تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى