قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شاۋ يىڭخۇ قوشماقلاشقان تۇغقىنى گېمىڭگۈلنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، قوشماقلاشقان تۇغقىنىنىڭ يېقىن سىردىشى بولۇپ قالدى

2019-01-23 11:35:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
سانجى شەھەرلىك پارتكوم پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ كادىرى شاۋ يىڭخۇ قوشماقلاشقان تۇغقىنى گېمىڭگۈلنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، قوشماقلاشقان تۇغقىنىنىڭ يېقىن سىردىشى بولۇپ قالدى.
ئىككى كۈندىن بۇيان، شاۋ يىڭخۇ گېمىڭگۈل بىلەن بىرلىكتە ئىككى ئاي تەييارلىق قىلغان كەشتە ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى-- مەھەللىدىكى پائالىيەت ئۆيىدە رەسمىي ئۆتكۈزۈلدى. بۇ خېلى كۆپ ئاھالىنى جەلپ قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ كىشى نەق مەيداندا زاكالەت پۇلىنى ئالدىن تاپشۇردى. زاكالەت پۇلى تاپشۇرغان لى شىلۇڭ مۇنداق دېدى: «مۇدەن گۈلى» ناملىق كەشتە ئەسىرى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. پات ئارىدا توي قىلىدىغان بولغاچقا، بۇ كەشتە ئەسىرىنى سېتىۋېلىپ، يېڭى ئۆيگە ئاسماقچى بولىۋاتىمەن.
تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە قىلىنغان بىر پارچە كەشتە ئەسىرىنىڭ ئون مىڭ يۈەنگە سېتىلىشى-- گېمىڭگۈلنى ئىنتايىن خۇشال قىلىپ، ئىشەنچىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئويلىمىغان يەردىن كۆرگەزمە باشلىنىپلا نەق مەيداندا بىرەيلەن 10 مىڭ يۈەن خەجلەپ كەشتە ئەسىرىمنى سېتىۋالدى. بۇنىڭدىن كېيىن مەن داۋاملىق تىرىشىپ كەشتىچىلىك قىلىمەن.
گېمىڭگۈلنىڭ ئۆيى سانجى شەھىرى جۇڭشەن يولى يۈجىڭ مەھەللىسىدە بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۇنىڭ پارچە- پۇرات ئىشلەپ تاپقان پۇلىغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى. شاۋ يىڭخۇ ئۇنىڭ بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كەشتە تىكىشكە ماھىر ئىكەنلىكىنى بايقاپ، كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرۇشقا ياردەملەشتى. گېمىڭگۈل مۇنداق دېدى: قوشماقلاشقان تۇغقىنىم مېنى رامكا دۇكىنىغا ئېلىپ كىرگەندە، ئۆزۈم كەشتىلىگەن بۇ ئەسەرلەرنىڭ تولىمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى تەسىرلەندىم. ئويلىغىنىمدىنمۇ چىرايلىق بوپتۇ. شۇڭا، كەشتە ئەسەرلىرىمنى چوقۇم كۆرگەزمىگە قويىمەن دەپ ئويلىدىم.
شاۋ يىڭخۇ قوشماقلاشقان سىڭلىسىغا كەشتە ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن باشقا، يەنە ئۇنىڭغا رازى بولغۇدەك خىزمەت تېپىپ بەردى. گېمىڭگۈل مۇنداق دېدى: مەھەللىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش نازارەتچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن. مەن بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىلى ئۈچ ئاي بولدى، بەش خىل سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئايلىق كىرىمىم 2 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشى بولۇپ كەتتى. ئۇنى ئۆز ئاكامدەك كۆرىمەن. ئاكامغا كۆپ رەھمەت، ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ تۇغقان بولىمەن.
شاۋ يىڭخۇ بۇ قېرىنداشلىق مېھرىگە قارىتا مۇنداق دېدى: مېنىڭچە، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش ئەمەلىيەتتە، چىن كۆڭلىدىن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ بىر قىسىم قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىشىم، مۇقىم كىرىمگە ئىگە قىلىشىم، مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان قىلىشىم كېرەك. بۇنى-- قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەھمىيىتى دەپ قارايمەن.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى