قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا ئاجايىپ تۆھپە قوشقان ئىنقىلابىي قەھرىمان چاڭ دېشەن

2019-01-23 11:43:22     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

چاڭ دېشەن، 1910- يىلى تۇغۇلغان، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شېڭشيەن ناھىيەسىدىن. 1929- يىلى غەربىي شىمال ئارمىيەسىنىڭ بىر بەنىنى باشلاپ، جۇڭگو ئىشچى- دېھقان قىزىل ئارمىيەسىنىڭ 3- جۈنىگە قاتناشقان، شۇ يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان. قىزىل ئارمىيەدە يىڭجاڭ، تۇەنجاڭ، قىزىل ئارمىيە 2- يۆنىلىش ئارمىيەسى 6- شىسىنىڭ سەنموجاڭى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
1937- يىلى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئومۇميۈزلۈك پارتلىغاندىن كېيىن، 9- ئاينىڭ بېشىدا، چاڭ دېشەن 8- ئارمىيە 120- شى ئىلگىرىلەش تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ، قوشۇننى باشلاپ شىمالىي جۇڭگودىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئالدىنقى سەپكە بارغان. 1938- يىلى قىسىم بىلەن بىللە شەنشىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئالدىنقى سېپىگە ئاتلىنىپ، شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرا خېبېي رايونىغا يۈرۈش قىلىپ، 120- شىسىنىڭ داچىڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى قىسمى ۋە ئوتتۇرا خېبېيدىكى پەرزەنت ئەسكەرلەر بىلەن ئۆزئارا ماسلىشىپ، داساۋ كەنتىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش ئۇرۇشى، ساۋجياجۇاڭدىكى يوشۇرۇن زەربە بېرىش ئۇرۇشى، شىڭجياجۇاڭدىكى توسۇپ زەربە بېرىش ئۇرۇشى قاتارلىق جەڭلەرگە قاتنىشىپ، كۆپ قېتىم غەلىبە قىلىپ، ياپون ئارمىيەسىگە قاخشاتقۇچ زەربە بەرگەن. بولۇپمۇ، مەشھۇر خېجيەندىكى چىخۈي ئۇرۇشىدا، ياپون ئارمىيەسىنىڭ 700 دىن ئارتۇق ئادىمىنى يوقىتىپ، تۈزلەڭلىكتىكى ئۇرۇش تارىخىدا شانلىق سەھىپە ياراتقان.
1939- يىلى كۈزدە، چاڭ دېشەن ئوتتۇرا خېبېي ھەربىي رايونى 3- شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى بولغان. 1940- يىلى 6- ئايدا سەنشى- چاخار- خېبېي ھەربىي رايونىغا قاراشلىق ھەر قايسى ھەربىي رايونلار بىر تۇتاش تەرتىپكە سېلىنىپ، ئوتتۇرا خېبېي ھەربىي رايونى 3- شۆبە ھەربىي رايونى 8- شۆبە ھەربىي رايونى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن، چاڭ دېشەن 8- شۆبە ھەربىي رايوننىڭ قوماندانى بولغان.
1942- يىلى ئەتىيازدا، ياپون ئارمىيەسى ۋە قورچاق ئارمىيەنىڭ 50 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمى ئوتتۇرا خېبېي ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تايانچ بازىسىغا قارىتا «چوڭ تازىلاش» ئېلىپ بارغان، 6- ئاينىڭ 8- كۈنى تاڭ سەھەردە، 8- شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ قىسىملىرى خېجيەندىكى سۇنىڭ تاشيولىنىڭ جەنۇبىدىكى شۆسۈن كەنتىگە كېلىپ قونغاندا، دۈشمەن بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان. چاڭ دېشەن دەرھال قىسىمغا قوماندانلىق قىلىپ، شۆسۇننىڭ شىمالىي تەرىپىدىن مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقماقچى بولۇپ، نەچچە قېتىم ئاتاكىغا ئۆتكەن بولسىمۇ، مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىش ئوڭۇشلۇق بولمىغان. كەسكىن جەڭدە چاڭ دېشەن ئېغىر يارىلىنىپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى