قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كىچىكىدىن تارتىپلا ئاتنى ھەمراھ قىلغان خەن چى ئۆز تىرىشچانلىقىقىغا تايىنىپ، مۇنەۋۋەر ئات كۆندۈرگۈچىگە ئايلاندى

2019-01-23 11:47:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
كىچىكىدىن تارتىپلا ئاتنى ھەمراھ قىلغان خەن چى ئۆز تىرىشچانلىقىقىغا تايىنىپ، مۇنەۋۋەر ئات كۆندۈرگۈچىگە ئايلاندى.
شىنجاڭ قەدىمى ئېكولوگىيە باغچىسىدىكى بىر قۇتاندا، خەن چى قارا رەڭلىك چىلانتورۇقنىڭ تۈكلىرىنى تاراۋاتاتتى. ئۇ پات-پات ئاتنىڭ پېشانىسىنى سىلاپ، ياخشى كۆرىدىغان ئېتى بىلەن مۇڭدىشىۋاندەك ئىدى.
خەن چى-- ئىلىدىكى بىر چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ئىدى. ئۇ سەككىز ياشقا كىرگەن يىلى دادىسى ئۇنىڭغا بىر تايچاق ئېلىپ بەردى. خەن چى خۇددى قىممەتلىك گۆھەرگە ئېرىشكەندەك، ھەر كۈنى تايچاق بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى، مەشىقلەندۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر ئەزەلدىن ئاتتىن ئايرىلىپ باقمىغان. كىچىك ۋاقتىمىزدا ئاتقا مىنىپ مۇسابىقىگە قاتنىشاتتۇق، ئوغلاق تارتىشاتتۇق. مەن ئاتنىڭ كۆڭلىنىڭ يېرىم بولغانلىقىنى ھېس قىلالايمەن، ئۇلارمۇ مېنىڭ كەيپىياتىمنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ھىس قىلالايدۇ. بىز خۇددى قېرىنداشقا ئوخشايمىز.
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خەن چى كەسپىي مەكتەپتە چارۋا-مال بېقىشنى ئۆگەندى. ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ، ئاتنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسى، ئۆسۈش مەزگىلى، بېقىش ئۇسۇلىنى پىششىق ئىگىلىدى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خەن چى بىر بەيگە مەيدانىدا خىزمەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلى ئېتىنى يېتىشتۈرۈش ۋە كۆپەيتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندىم. ئىشنى ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىن باشلىدىم. مەن ئۇ يەردە باقمىچى بولۇپ قۇتان تازىلىدىم. ئۇلارنىڭ تەجرىبىخانىسىغا بارغاندىن كېيىن، ئۇ يەردىكى خادىملارغا «مېنىڭمۇ ئىچىگە كىرىپ كۆرۈپ باققۇم، ئۆگەنگىم بار» دېدىم ھەمدە ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتناشتىم.
2015- يىلى، خەن چى شىنجاڭ قەدىمى ئېكولوگىيە باغچىسىغا كېلىپ، ئات كۆندۈرگۈچى بولۇپ ئىشلىدى ھەمدە ئات مەدەنىيىتىگە دائىر بىلىملەرنى سىستېمىلىق ئۆگەندى. خەن چى مۇنداق دېدى: مەن بۇ يەردە بىر تەرەپتىن ئات كۆندۈرسەم، يەنە بىر تەرەپتىن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرگە شىنجاڭنىڭ ئات مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلدىم. بەيگە مەيدانى ئېچىش ئارزۇيۇم بولغاچقا، بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن باشقۇرۇشنى ئۆگىنىشكە باشلىدىم، بۇ بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن بەيگە مەيدانىنى ياخشى باشقۇرالايمەن.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى