قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەمتىمىن سەمەتلەرنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى

2019-01-23 11:50:11     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1-ئاينىڭ 23-كۈنى نەشىردىن چىققان «شىنجاڭ گېزىتى» دە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى سەيسان سادىق؛ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى قانۇن ئىجراسىنى تەپتىش قىلىش تارماق ئەترىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى مەمتىمىن سەمەتلەرنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى.
سەيسان سادىقنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيمەن. «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» نى كۈچەيتىمەن. ھەر مىللەت ئاممىسىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئىتتىپاق، ئىناق، گۈللەنگەن، باي، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەيمەن.
مەمتىمىن سەمەتنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلىگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇشتەك رەزىل ماھىيىتى ۋە ئەمەلىي زىيىنىنى ئېنىق تونۇش، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى قەتئىي توسۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، گۈزەل تۇرمۇشىمىزنى ئورتاق يارىتىشقا يېتەكلەيمەن. باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا، ئۆزەمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، قەيەردە بولۇشىمدىن قەتئىينەزەر، ھەر ۋاقىت بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى باشتىن- ئاخىر ئۆزەمنىڭ ئەڭ يۇقىرى سىياسىي مەسئۇلىيىتى ۋە ئەڭ زور سىياسىي مەسئۇلىيىتى قىلىپ، ھالقىلىق پەيتتە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشىمەن.
تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى