قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۇرۇلتوقاي 13- نۆۋەتلىك ئۇلۇنگۈر كۆلىدە قىشلىق بېلىق تۇتۇش بايرىمى باشلاندى

2019-01-23 11:52:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
1-ئاينىڭ 21-كۈنى، «قۇملۇقتىكى بېلىق ماكانى، بەختىيار زىمىن-- بۇرۇلتوقاي» باش تېما قىلىنغان بۇرۇلتوقاي 13- نۆۋەتلىك ئۇلۇنگۈر كۆلىدە قىشلىق بېلىق تۇتۇش بايرىمى ئۇلۇنگۈر كۆلىدىكى «دېڭىز ئۈستى ئالۋاستى شەھىرى» مەنزىرە رايونىدا باشلاندى. بېلىقچىلار تور تاشلاپ، بېلىقلار مۇز يېرىپ چىقىپ، ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈش ھاسىل قىلدى.
مۇز بىلەن قاپلانغان ئۇلۇنگۈر كۆلىنىڭ يۈزىدە، ئۇچىسىغا تېرە جۇۋا، پۇتىغا ئۆتۈك كەيگەن ئون نەچچە بېلىقچى مۇز يېرىپ تور چۈشۈرۈپ، ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى «قار كېچىپ بېلىق ئىزدەش» ئۇسۇلى بىلەن ساياھەتچىلەرگە ئۆزگىچە بېلىق تۇتۇش مەدەنىيىتىنى نامايان قىلدى. بېلىقچىلار تورنى تارتىپ چىقارغاندا، توردا پىلتىڭلاپ تۇرغان تۈمەنلىگەن سوغۇق سۇ بېلىقى ساياھەتچىلەرنى ئارقا- ئارقىدىن سۈرەتكە تارتىشقا جەلپ قىلدى. يىنچۈەندىن كەلگەن ساياھەتچى ۋۇ شياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يەر بەك قىزىپ كەتتى. بۇ ئاددى ھالدىكى بېلىق تۇتۇش پائالىيىتى بولۇپلا قالماي، يەنە شۇ جاينىڭ مەدەنىيىتىنى نامايەن قىلغانلىق. بۇ يەرگە تۇنجى قېتىم كېلىشىم بولۇپ، ناھايىتى قىزىقىپ قالدىم، ھەممە نەرسە يېڭىلىق تۇيۇلدى.
بېلىق تۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، سوغۇق سۇ بېلىقىنى سېتىش باشلىنىپ، نەق مەيداندىكى ساياھەتچىلەر بەس- بەستە تالىشىپ سېتىۋالدى. نۇرغۇن تېز يوللانما زاكاز تالونلىرىمۇ بۇ يەردە ئىسكىلاتتىن چىقىرىلدى. بېلىق ساتىدىغانلار بېلىقنى كۆپرەك سېتىشقا تىرىشسا، بېلىق يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلارمۇ كۆڭلىدىكىدەك سورۇن تېپىش ئۈچۈن ئىزدەندى. پائالىيەت مەيدانىدا بەش قازان ئېسىلىپ، ئون مىڭدىن ئارتۇق ئادەم نەق مەيداندا «بېلىق شورپىسى» غا ئېغىز تەگدى. بۇرۇلتوقاي ئاھالىسى ۋاڭ مىن مۇنداق دېدى: بۇرۇلتوقاي ھەقىقەتەن بەختىيار زىمىن. ھازىر، ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپىيىپ، بۇرۇلتوقاينىڭ مەنزىرىسىدىن ھوزۇر ئالىدىغان بولدى.
يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۆلۈڭگۈر كۆلىدە قىشلىق بېلىق تۇتۇش بايرىمى-- بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ ھەر يىللىق قىشلىق ساياھەتچىلىكىدىكى مۇھىم تۈر بولۇپ، باشلىنىش مۇراسىمىدا 50 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن ساياھەتچى بېلىق تۇتۇش مۇراسىمىنى كۆرگىلى كەلدى.

 تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى