قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭ سېن بىلەن كۆرۈشتىشى

2019-01-23 15:53:42     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 21- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر سۈن يى). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1- ئاينىڭ 21- كۈنى دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭ سېن بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ خۇڭ سېننىڭ جۇڭگوغا كېلىپ رەسمىي زىيارەتتە بولغانلىقىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇلتۇر جۇڭگو- كامبودژا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتنى ساقلىدى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر، پۇختا قەدەم تاشلىدى. ئىككى تەرەپ رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا زىچ ئالاقە، ماسلىشىشنى ساقلىدى. نۆۋەتتە جۇڭگو- كامبودژا مۇناسىۋىتى يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە دۇچ كەلمەكتە. جۇڭگو تەرەپ كامبودژا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىنى نىشان قىلىپ، ھەمكارلىق مۇھىم نۇقتىسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈپ، جۇڭگو- كامبودژا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ كامبودژانىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، باش ۋەزىر ئەپەندىنىڭ رەھبەرلىكىدە، كامبودژا چوقۇم دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا يېڭى، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. جۇڭگو- كامبودژا ھازىرقى ئاساستا، سىياسىي، ئىقتىساد، خەۋپسىزلىك، ئادىمىيەت ئالاقىسىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ ساھەدىكى ھەمكارلىقنى نۇقتىلىق كۈچەيتىشى كېرەك. يۇقىرى قاتلامنىڭ بېرىش- كېلىشىنى ساقلاپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى، پارتىيەلىرى، يەرلىكنىڭ ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، جۇڭگو- شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى، لەنساڭجياڭ- مېيگۇڭ دەرياسى ھەمكارلىقى قاتارلىق مېخانىزملارنىڭ ئىچكى ئالاقىسى، ماسلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى كامبودژانىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، قاتناش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئېنېرگىيە، سودا، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق بەش چوڭ بۆلەكنىڭ ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. مەدەنىيەت، ساياھەت، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ياشلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.

  خۇڭ سېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، مەن جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقى چوڭ تىپتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدىم، مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەبرىكلەيمەن. كامبودژا- جۇڭگو ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەنگەنلىكى ۋە تەرەققىي قىلغانلىقى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان كامبودژانى قەتئىي قوللىغانلىقىغا ۋە قىممەتلىك ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، جۇڭگونىڭ كامبودژاغا، بولۇپمۇ كامبودژا خان جەمەتىگە بولغان دوستلۇق رىشتىگە رەھمەت ئېيتىمەن. كامبودژا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ كامبودژا جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم پىكرىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى، يېزا ئىگىلىكى، سودا، سېلىنما، ساياھەت، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقە، ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىر- بىرىگە چېتىلىدىغان مۇھىم، زور كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە قوللاشنى خالايدۇ.

  ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى