قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز كەسپىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى

2019-01-24 11:21:04     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونىمىز كەسپىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپلا قالماي، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىشىشتەك ئەندىزىنى قوللىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ ماھارەت ئىگىلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بەردى.
ئاقسۇ «خۇافۇ» رەڭلىك توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا،1-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پاتەم قۇربان يىپ ئىگىرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇ ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى توقۇمىچىلىق قۇرۇلۇش فاكۇلتېتىنىڭ 2016- يىللىق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، بۇ مەزگىللىك پىراكتىكا مەزگىلىدە ھەر ئايدا 2 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پىراكتىكا مائاشى ئالدى. پاتەم قۇربان مۇخبىرغا توقۇمىچىلىق كەسپىنى ئۆگەنگەچكە، پىراكتىكا ئورنىغا بارغاندىن كېيىن خىزمەت رېتىمىغا ناھايىتى تېزلا ماسلىشىپ كەتكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپ بىلەن كارخانا ئىمزالىغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمىگە ئاساسەن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىۋاستە بۇ يەردە قېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يەرگە كېلىپ خىزمەت رېتىمىگە ناھايىتى تېزلا ماسلىشىپ كەتتىم. تۇنجى مائاشىمنى ئالغاندا ناھايىتى ھاياجانلاندىم ھەم خۇشال بولدۇم.
ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى توقۇمىچىلىق كەسپىي ئوقۇتۇش مەيدانىنى ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائەت رايونىغا كۆچۈرۈپ كىرىپ، باغچا رايونىدىكى كارخانىلار بىلەن بىرلىكتە جەنۇبىي شىنجاڭدىكىلەرنى توقۇمىچىلىق بويىچە تەربىيەلەش بازىسى بەرپا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەكتەپ باغچا رايونىدىكى كارخانىلار بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاپ، كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن كەسىپ تەسىس قىلىشنى ئۈزلۈكسىز سەرخىللاشتۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشى بىلەن باغچا رايونى ئېھتىياجىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش ئورنىدا پىراكتىكا قىلىش، ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى %100 كە يەتكۈزدى. ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى توقۇمىچىلىق قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ جىچياڭ مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردە ئىشچىلارنى تەربىيەلەشكە بەكرەك ئەھمىيەت بەردۇق. ئالىي كەسپىي مەكتەپلەردە ئۇنىۋېرسال ساپالىق، ئۇنىۋېرسال ماھارەتكە ئىگە ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، پىراكتىكا قىلغاندا كىرىم قىلىش، ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا ئىشقا ئورۇنلىشىش نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر ئادەمنى تەربىيەلەپ، بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەم بىر ئادەمنى بېيىتىش مەقسىتىگە يەتتۇق.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز كەسپىي مائارىپ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 115 ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا 1 مىليارد 588 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سالدى. بۇنىڭ ئىچىدە، سىياسەت، مەبلەغ جەھەتتە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا مايىللىشىپ، جەمئىي 503 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 34 كەسپىي مەكتەپ قۇرۇلۇشىغا  نۇقتىلىق مەدەت بەردى؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نامرات ناھىيەلەرگە جەمئىي 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 21 كەسپىي مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق قوللىدى ھەمدە ئوخشاش بولمىغان مۈلۈكچىلىكتىكى كەسپىي مەكتەپلەرنى ئۆزئارا ھاۋالە قىلىپ باشقۇرۇش، مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى كەسپىي مائارىپ مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن،2014- يىلى8- ئايدىن بۇيان، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەلىك كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى، لوپ ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى، يەكەن ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى ۋە يەكەن ناھىيەلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدىن ئىبارەت بۇ تۆت مەكتەپنى ۋاكالىتەن باشقۇردى ھەمدە ئۆز ئارا يېتەكلەش ئەندىزىسىنى قوللاندى. بىر ياخشى مەكتەپ مۇدىرىنى تاللاپ ئەۋەتىش، بىرلىكتە ياخشى قوشۇن بەرپا قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ۋاكالىتەن باشقۇرۇلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى پارتكومى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جى ۋېنلى مۇنداق دېدى: شۆيۈەنىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كەسپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، كىيىم-كېچەك لايىھەلەش ۋە تىكىش قاتارلىق ئەنەنىۋى كەسىپلەرنى جىپسىلاشتۇرۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولىۋاتقان كەسىپتىن 23 نى يېڭىدىن كۆپەيتىپلا قالماي، دۆلەتنىڭ يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش بازىسى قاتارلىق يەتتە تۈرنى قولغا كەلتۈردى. نۆۋەتتە، بىز ۋاكالىتەن باشقۇرۇۋاتقان 4 مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى 16 مىڭدىن كۆپرەككە يېتىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ تۇنجى قېتىمدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %95 تىن ئاشتى. بىز يەنە شاڭخەي قۇرۇلۇش تېخنىكا داشۆسى، چاڭشا خەلق ئىشلىرى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، چاڭجۇ ئۇچۇر كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى قاتارلىق مەملىكەت بويىچە داڭلىق 8 ئالىي مەكتەپ بىلەن شىنجاڭنىڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش بويىچە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ئىمزالىدۇق. ئۇلار كەسپ قۇرۇلۇشى، دەرسلىكلەرنى تەسىس قىلىش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت، مەكتەپ باشقۇرۇش قاتارلىق بەش جەھەتتىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ۋاكالىتەن باشقۇرۇلىدىغان مەكتەپلەرگە دەل جايىدا ياردەم بېرىپ، سۈپەتلىك كەسپىي مائارىپ بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، بۇ ۋاكالىتەن باشقۇرۇلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرۈشتە زور تۈرتكۈلۈك رول ئوينىدى. ئوقۇغۇچىلىرىمىز جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ئىچكىرىدىكى كارخانىلارغا، زاۋۇتلارغا ئىشقا ئورۇنلاشتى.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى