قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

گۈزەل ئىستىقبال ياراتقان ئالتۇن يىڭنە

2019-01-24 12:00:30     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
لوپ ناھىيە دول يېزىسىنىڭ دۆڭئازما كەنتىدىكى نازىگۈل توختىقۇربان كىچىكىدىن تارتىپلا كەشتىچىلىككە ھېرىسمەن ئىدى. نازىگۈل توختىقۇربان بۇلتۇر «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە، «ئالتۇن يىڭنە» قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، 65 كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. ھازىر، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىشلەپچىقارغان كەشتىچىلىك بۇيۇملىرى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭغا سېتىلىپلا قالماي، يەنە بېيجىڭ، چېڭدۇ قاتارلىق جايلارغىمۇ سېتىلماقتا. 
«ئالتۇن يىڭنە» قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، نازىگۈل توختىقۇربان كوپىراتىپ ئەزالىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى كەشتە تىكىش ماشىنىسىدا بېيجىڭغا توپ سېتىلىدىغان زاكازنى تەييارلىشىغا ئىنچىكىلىك بىلەن يېتەكچىلىك قىلماقتا ئىدى.
نازىگۈل توختىقۇربان2015- يىلى لوپ ناھىيەلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئانىسى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقتىن، ئۆيىدە ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاچقا، ئىزچىل قىلىدىغان مۇقىم كىرىمى يوق ئىدى. نازىگۈل توختىقۇرباننىڭ كاللىسىدا ئانىسىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، كەشتىچىلىك قىلىپ پۇل تېپىش ئويى پەيدا بولغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كىچىكىمدىن تارتىپلا كەشتىچىلىكنى ياخشى كۆرگەچكە، كەشتىچىلىك قىلىپ تۇرمۇشۇمنى ياخشىلاشنى قارار قىلدىم. كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا بېرىپ، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرگە بۇ ئويۇمنى ئېيتسام ئۇلارمۇ مېنى قوللايدىغانلىقى ھەمدە كەنتتە باشلامچى بولۇپ ھەمكارلىق كوپىراتىپ قۇرۇپ، كەنتتكى باشقا ئاياللارنىمۇ ئۆزۈم بىلەن بىرلىكتە بېيىشقا يېتەكلىشىمنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇنىڭ بىلەن نازىگۈل مەخسۇس سۇجۇغا بېرىپ كەشتە بۇيۇملىرى بازىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە كەشتىچىلىك ھۈنىرىنى تېخىمۇ پىششىق ئۆگەندى. «ئالتۇن يىڭنە» قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بۇلتۇرنىڭ باشلىرىدا رەسمىي قۇرۇلدى. نازىگۈل توختىقۇربان ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بازار ئېھتىياجى ۋە كەشتىچىلىك يېڭى تېخنىكىسىغا بىرلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلارنى لايىھەلىدى ھەمدە خېرىدارلارنىڭ زاكىزىسىنى قۇبۇل قىلىش ۋە توردا سېتىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ تىجارەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇيغۇر كەشتىچىلىكىگە يېڭى ئامىللارنى سىڭدۈرۈپ تېخىمۇ يېڭى تۈسكە ئىگە مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقاردۇق، مەھسۇلاتلىرىمىزمۇ خېرىدارلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى. ھازىر، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى ئەزالىرىمىزنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 1 مىڭ 500 يۈەن ئەتراپىدا بولىۋاتىدۇ.
زاكازنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ كۆلىمى 80 كۋادرات مېتىردىن 500 كۋادرات مېتىرغا كېڭەيتىلدى. نازىگۈل يەنە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈنۈم مائاشى ئارقىلىق ئەزالارنىڭ ئىشلەش ئاكتىپلىقىنى ئۇرغۇتتى. بۇلتۇر8- ئايدا، نازىگۈل ئۈرۈمچىگە كېلىپ6- نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى. بۇ سۇپىدا ئۇ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپلا قالماي، يەنە ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىن زاكاز قوبۇل قىلدى. نازىگۈل مۇنداق دېدى:بېيجىڭ، سىچۈەندىن كەلگەن خېرىدارلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزنىڭ كەشتە بۇيۇملىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆردى. بۇلتۇر10- ئايدا، بېيجىڭغا بېرىپ بېيجىڭ«بوۋېن» چەكلىك شىركىتى بىلەن 507 مىڭ يۈەنلىك توختام، سىچۈەن چېڭدۇ «گۇلىمىدۇ» چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەر ئايدا 500 يۈرۈش مەھسۇلات سېتىش- سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىدۇق. ھازىر، ھەمكارلىق كوپىراتپىمىز بىر كۈندە ئىشلەپچىقىرىدىغان مەھسۇلات 150 يۈرۈشتىن ئاشتى. تۇرمۇشىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى