قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى يېڭى يۇقىرى نۇقتىسىنى پائال بەرپا قىلماقتا

2019-01-25 10:56:30     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
2018- يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىغا رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىلدى. ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى «ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش» رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۈرۈمچى ھەتتا پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى بەرپا قىلماقتا.
ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا يوللانمىلىرىنى ئايرىش مەركىزىدە، «بەيشى» ئەشيا ئوبوروتى پەن- تېخنىكا (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى يىۋۇدىن كەلتۈرۈلگەن بىر تۈركۈم تېز يوللانما، پوسۇلكىلارنى ئايرىۋاتاتتى. تاموژنىغا مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن بۇ ماللار جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق روسىيەگە توشۇلىدۇ.
«بەيشى» ئەشيا ئوبوروتى- ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىغا تۇنجى بولۇپ ماكانلاشقان چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەشيا ئوبوروت شىركىتى. قۇرۇقلۇق پورت رايونى ئىچىدە تاموژنا 24 سائەت تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش كەسپىنى بىجىرىدۇ. قۇرۇقلۇق يولى تىرانسپورتى ئارقىلىق روسىيەگە ئەڭ تېز بولغاندا سەككىز كۈندىلا يېتىپ بارىدۇ. ياۋروپانىڭ ئىمپورت تاۋارلىرى بۇ يەردىن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئەڭ تېز بولغاندا 48 سائەتتە يېتىپ بارىدۇ. بىر قاتار سىياسەت ۋە رايون ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، بۇ شىركەت 2018- يىلى 600 مىڭدىن ئارتۇق يەككە چېگرا ھالقىغان تېز يوللانما كەسپىنى تاماملىدى. شىركەتنىڭ چېگرا ھالقىغان كەسىپلىرىگە مەسئۇل خادىمى ياڭ بو مۇنداق دېدى: ئېلىكتىرونلۇق سودىدا ۋاقىت چېكىگە ئەھمىيەت بېرىش مۇھىم، شىركىتىمىز بۇ نۇقتىغا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ. ناھايىتى قولايلىق بولغاچقا، بۇ يەردە چېگرا ھالقىغان مەركەز قۇرۇشنى تاللىدۇق، بۇنىڭ كەسپىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا زور ياردىمى بولدى.
 2015- يىلى ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى قۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ تەستىقلانغانىدى. 2018- يىلى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات پىلانى ۋە ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ھەمدە يولغا قويۇلۇپ، ئۈرۈمچى تۆمۈريول غەربىي ۋوگزالى خەلقئارا چېگرا ئېغىزى سودا رايونى، شىمالىي ۋوگزال سودا ئەشيا ئوبوروتى توپلاشقان رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننى ئاساسلىق رايون قىلغان قۇرۇقلۇق پورتى شەكىللەندى. ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رايون باشلىقى جاڭ جۈنشياڭ مۇنداق دېدى: 2 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، قۇرۇقلۇق پورت رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىپ مۇكەممەللەشتۈردۇق. بولۇپمۇ، قۇرۇقلۇق پورت رايونىدىكى كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت مەركىزى شۇنداقلا غەربىي ۋوگزالغا تايىنىدىغان نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ يىغىلىش مەركىزىنى ئۆزگەرتتۇق. بۇ يۇمشاق، قاتتىق دېتاللارنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، بىزنىڭ نۆۋەتچى پويىزلىرىمىز ئاساسەن نورمال قاتنايدىغان بولدى. بۇ بىر قانچە يىلدا بىز يەنە 90 كارخانىنى كىرگۈزدۇق. ئەمەلىيلەشتۈرگەن مەبلىغىمىز 10 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، قۇرۇقلۇق پورت رايونىدا نەتىجە- ئۈنۈم كۆرۈلدى.
بۇ يىل 1- ئايدا، ئاپتونوم رايون «ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىنىڭ 2018- يىلىدىن 2035- يىلىغىچە بولغان ئومۇمىي تەرەققىيات پىلانى»، «ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ 2018- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە بولغان ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى» نى بېسىپ تارقىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلگەن دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى، خەلقئارا تەمىنات زەنجىرى تەشكىلىي مەركىزى، ئېچىۋېتىلگەن زامانىۋى كەسىپلەر توپلانغان رايون، ئىچكى قۇرۇقلۇق ئەركىن سودىسىدىكى يادرولۇق پورت رايونىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى بېكىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا: «بىر پورت»، «ئىككى رايون»، «بەش چوڭ مەركەز»، «چېگرا ئېغىزى ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى- تاشقى ئېچىۋېتىشنى تېزلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى ياسىن سىدىق مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايوننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات پىلانى ۋە ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. تۆمۈريول چېگرا ئېغىزى سودا رايونى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدۇ. سىرتقا يۈزلەنگەن كەسىپلەر توپى، كەسىپلەر باغچا رايونلىرىنى پائال بەرپا قىلىپ، سىرتقا يۈزلەنگەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قۇرۇقلۇق پورت رايونىنى يادرولۇق رايوننىڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرىدۇ.

تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى