قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

لۈ يەنچىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى ئەيماجى كېرەمگە ئىككى تەشتەك گۈل ۋە «بەخت» دېگەن خەت ئويۇلغان جۇڭگو قۇت بەلگىسىنى سوۋغا قىلىپ، پات ئارىدا كۆچۈپ كىرىدىغان يېڭى ئۆيىنى مۇبارەكلىدى

2019-01-25 11:25:41     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
چاغان كېلەي دەپ قالدى. ئىككى كۈندىن بۇيان، ماناس ناھىيەلىك چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى لۈ يەنچىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى-- لوتۇيى بازىرى جېڭجياجۇاڭ كەنتىدىكى دېھقان ئەيماجى كېرەمگە ئىككى تەشتەك گۈل ۋە «بەخت» دېگەن خەت ئويۇلغان جۇڭگو قۇت بەلگىسىنى سوۋغا قىلىپ، پات ئارىدا كۆچۈپ كىرىدىغان يېڭى ئۆيىنى مۇبارەكلىدى.
لۈ يەنچىڭ: چاغان كېلىپ قالدى، يېڭى ئۆيۈڭلارمۇ پۈتۈپ قاپتۇ، سىلەرگە ئىككى تەشتەك گۈل سوۋغا قىلاي، دېدى.
  ئەماجى كېرەم لۈ يەنچىڭنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ دەرھال ئۇنى ئۆيگە باشلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:بۇنداق ئۆيلەردە ئولتۇرۇشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. بۇ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ماڭا قىلغان ياردىمى ۋە غەمخورلۇقى. مەن بۇنىڭدىن مىننەتدار بولۇپلا قالماي، ئەۋلادلىرىمنىمۇ پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان پۇقرا بولۇشقا يېتەكلەيمەن.
2018-يىلى لۈ يەنچىڭ بىلەن ئەيماجى كېرەم قوشماقلاشقان تۇغقانلاردىن بولۇپ قالدى. لۈ يەنچېڭ تۇنجى قېتىم ئەيماجى كېرەمنىڭ ئۆيىگە كىرگەن چاغدىكى مەنزىرە ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇ كونا كېسەك ئۆيدە ئولتۇراتتى. بۇ ئۆي يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىدا ۋوگزال بولغاچقا پويىز ئۆتكەندە دائىم ئۆي ئىچىدە گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ئۆينىڭ تاملىرىغىمۇ چاك كەتكەن ئىدى.
لۈ يەنچىڭ ئەيماجى كېرەمنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، كەنت، بازار كادىرلىرىنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، سىياسەت بويىچە ئەيماجى كېرەمنىڭ خەتەرلىك ئۆيىنى ئۆزگەرتىش پىلان تۈرىنى ئىلتىماس قىلدى. ئۆي سېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە، لۈ يەنچىڭ يەنە تۇغقىنىغا ياردەملىشىپ ئۆينىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى لايىھەلەپ بەردى. ئىككى ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئىككى ياتاق ئۆيى، بىر ھاجەتخانىسى بار 50 نەچچە كۋادرات مېتىرلىق بىر يۈرۈش ئەمىن ئۆي سېلىندى. ئەيماجى كېرەم ئەر-ئايال ئىككەيلەن ئىككى كۈندىن بۇيان خۇشاللىققا چۆمگەن ھالدا يېڭى ئۆيىنى يىغىشتۇرۇپ، يېڭى ئۆيدە چاغان ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلدى. ئەيماجى كېرەم مۇنداق دېدى: مەن بۇ ئىنىمنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن، مەن ئۇنىڭ بىلەن بولغان تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋېتىمنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىمەن.
بۇ يىل 60 نەچچە ياشقا كىرگەن ئەيماجى كېرەم يىل بويى زىققا كېسىلىنىڭ دەردىنى تارتىپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچار ئىدى. لۈ يەنچىڭ تۇغقىنىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى ياخشىلانغاندىن كېيىن يەنە ئۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى بىر يىللىق كىرىمنى ئاشۇرۇش پىلانىنى تۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى:   2019-يىلى بىز چارۋىچىلىق كادىرلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسىم تۈرلەرنى ئىلتىماس قىلىشى، قەرز ئېلىشىغا پائال ياردەم بېرىپ، چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا پائال ياردەم بېرىمىز. مەيلى تۇغقىنىم نامرات ياكى باي بولسۇن، بىز ئىزچىل تۇغقان بولۇپ، ھەقىقىي قېرىنداشلاردەك ئىناق ئۆتىمىز.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى