قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مېيىپ بولسىمۇ ئىرادىسى مۇستەھكەم بولغان سۇ يۇڭفېينىڭ ئاغرىق ئازابىنى يېڭىپ، مائارىپقا رىشتە باغلىغان ھىكايىسى

2019-01-25 11:40:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
كۇچا ناھىيەلىك10- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى سۇ يوڭفېي 13 يېشىدا قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ، ئوڭ پۇتى كېسىۋېتىلگەن ئىدى. قەيسەر سۇ يۇڭفېي تەقدىرگە باش ئەگمەي، مىيىپ بولسىمۇ ئەمما دەرس مۇنبىردە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كىشىلىك قىممىتىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇردى.
كۇچا ناھىيەلىك10- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ5- يىللىق 3- سىنىپىدا، سۇ يۇڭفېي ئوقۇغۇچىلارغا شېئىرنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەندۈرىۋاتاتتى. سۇ يۇڭفېينىڭ ئوڭ پۇتى بولمىسىمۇ باشقا ئوقۇتقۇچىلارغا ئوخشاش ھەر كۈنى دەرس مۇنبىرىدە بىر نەچچە سائەت ئۆرە تۇرۇپ دەرس ئۆتەتتى. سۇ يۇڭفېي مۇنداق دېدى: بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆرە تۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. قىش پەسلىدە نىسبەتەن ياخشى. يازدا بەزىدە ئىككى سائەت ئۆرە تۇرۇپ دەرس ئۆتمەك ھەقىقەتەن تەس. لېكىن، ۋاز كېچىشنى ئويلاپ باقمىدىم.
ئۇنىڭ پۇتىدا سۈنئىي پۇت بولغاچقا كۈندە دېگۈدەك ئاغرىيتتى. بولۇپمۇ تومۇز ئىسسىق ياز كۈنلىرى ئوڭ پۇتىدىكى سۈنئىي پۇت ئۇلىشىدىغان جايدا ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان بولغاچقا تەر چىقىپ كېتەلمەي، مىيىپ پۇتىنىڭ تېرىسى تەردىن قىزىرىپ كېتەتتى. سۇ يۇڭفېي ھەر بىر قەدەم ماڭغاندا خۇددى يىڭنىنىڭ ئۈستىدە ماڭغاندەك شۇنچىلىك قىينىلاتتى. ئەمما، كەسىپكە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ئۇنىڭغا ئاغرىقنى ئۇنتۇلدۇراتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: سۈنئىي پۇت بىلەن مېيىپ پۇت ئارىسدىكى بوشلۇق ئۆرە تۇرغان چاغدىكى ئېغىرلىقىمنى كۆتۈرىدىغان بولغاچقا، پۇتۇم بەك ئاغرىپ كېتىدۇ. دەرس ئۆتۈپ ھاياجانلىنىپ كەتكەن ۋاقىتىڭىزدا بارلىق دېققىتىڭىز دەرسخانىغا ۋە ئوقۇغۇچىلارغا مەركەزلىشىپ، ئاغرىقنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدىكەنسىز.
كۆپ يىللاردىن بۇيان، سۇ يۇڭفېي ئۈمىدۋار، قەيسەر روھى بىلەن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. ئۇ يېتەكلىگەن سىنىپ ئۇدا نەچچە يىل «مۇنەۋۋەر سىنىپ» بولۇپ باھالاندى. ئۆزىمۇ «ئەدەبىيات تايانچ ئوقۇتقۇچىسى» بولۇپ باھالىنىپ، كۆپ قېتىم كۇچا ناھىيەسى بويىچە «مىكرو دەرس مۇسابىقىسى» تىل-ئەدەبىيات گۇرۇپپىسى بويىچە بىرىنچى بولۇشتەك ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى. سۇ يۇڭفېي مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن 10 يىلدا مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى مەن تەربىيەلىگەن ئوقۇغۇچىلار بولدى. مەن ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەتچان، ئاقكۆڭۈل ئادەم بولۇپ يېتىلگەنلىكىنى كۆردۈم. بۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيەت.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى