قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چوڭ كەنتنىڭ يېڭى قىياپىتى

2019-01-25 12:44:04     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

لى سۈنگاڭ


كەچ كۈزدە، بېيجىڭ-كۈنمىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا بىر پەسىل قويۇق يېشىللىق بىلەن قاپلانغان يولنىڭ ئىككى چېتىدىكى دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى چۈشۈپ، قۇرۇق شاخلىرى كۆرۈنۈپ قالغان بولۇپ، كەڭ كەتكەن چېڭدۇ تۈزلەڭلىكى چۆلدەرەپ قالغان ئىدى. ئاپتومۇبىل يۇقىرى سۈرەتلىك يولدىن چىقىپ، لياڭخې كەنتى چېگىرسىغا كىرىشى بىلەن، كۆز ئالدىم بىردىنلا يورۇپ كەتتى، ھەممە يەر ياپيېشىل بولۇپ، لياڭخې كەنتىنىڭ ھەممە يېرىگە جۈزە دەرىخى تىكىلگەنىدى.
سىنچىلاپ قارىغاندا، ئۇ يېشىللىقنىڭ ساپ ئەمەسلىكى، قويۇق يېشىل يوپۇرماقلار ئارىسىدىن ئاق رەڭلەر كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، يېشىل رەڭدىنمۇ بەكرەك قويۇق، ئېغىر، لىڭشىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى.
ياۋ ھەدە مېنىڭ قىزىقىشىم ۋە چۈشەنمىگەنلىكىمنى بىلىپ، جۈزە دەرىخىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «جۈزىنىڭ ئۈششۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن خالتا كەيدۈرۈپ قويدۇق» دېدى ھەمدە مېنى جۈزىزارلىققا باشلاپ كىرىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن قولىنىڭ يېنىدىكى خالتىنى ئېچىپ، پىشمىغان جۈزىنى كۆرسىتىپ: «بۇ باھاردىكى كۆرۈشۈش» دېدى. يەنە بىر نەچچە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن يەنە بىر كىچىك خالتىنى ئېچىپ: «بۇ ئوتنى بىلمىگەنلىك» دېدى ھەمدە: «ھەممىسى جۈزىنىڭ ياخشىلانغان سورتلىرى، قىش كېتىپ ئەتىياز كەلگەندە بازارغا سالغاندا چۇقۇم بازىرى ئىتتىك بولىدۇ» دېدى.
ياۋ ھەدىنىڭ ئىسمى ياۋ چىڭيىڭ بولۇپ، 20 نەچچە يىل كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.
 كەنت كومىتېتىدىن چىققاندىن كىيىن، ياۋ ھەدە مېنى باشلاپ ساياھەت بىلەن تېرىقچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن چىغىر يولنى بويلاپ، جۈزىزارلىق ئارىسىدىن ئايلاندۇرۇپ، تاغ چوققىسىغا ئېلىپ چىقتى. تاغ چوققىسىدا بىر سۇپا بولۇپ، پۈتكۈل لياڭخې كەنتىنى كۆرگىلى بولاتتى. يىراقتا، لىنشى دەرياسى، شياۋخېزى دەرياسى كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى، دەريا يولى ئەگرى- بۈگرى، سۇ ئېقىمى تەكشى ئىدى؛ دەريانىڭ بۇ تەرىپىدە قاتار- قاتار نەپىس سېلىنغان بىنالار بولۇپ، ئۇنىڭغا «لياڭخې يىيۈەن» دەپ نام بېرىلگەن ئولتۇراق رايون ئىدى. قارىماققا شەھەردىكى ئالىي دەرىجىلىك ئولتۇراق رايونلار بىلەن پەرقى يوقتەك كۆرۈنەتتى؛ ئولتۇراق رايوندىن تاغ چوققىسىغىچە بولغان ئارىلىق بۈك- باراقسان جۈزىزارلىق ئىدى.
ياۋ ھەدىنىڭ لياڭخې كەنتىنىڭ ياچېيكا شۇجىسى بولۇشى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىكى ئىش ئىدى. ئۇ چاغلاردا لياڭخې كەنتىدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى كونا ئۆيلەردە ئولتۇراتتى، يېڭىدىن بىنا سالىدىغانلار، بېيىغانلار ئاز ئىدى. لياڭخې كەنتىدە جۈزە ئۆستۈرۈش ئەنئەنىسى بولسىمۇ، لېكىن ئىشلەپچىقىرىلغان جۈزىنىڭ تەمى ئاچچىق، قىرتاق بولۇپ، بىر جىڭى نەچچە مودىن سىتىلسىمۇ ئالىدىغان ئادەم يوق ئىدى. بازارغا كۆپلەپ سېلىنىپ قالسا، ھېچكىم سورىمايتتى. كەنتتىكى نۇرغۇن ياشلار يەرگە قاراپ تۇرماي، ئارزۇ- ئارمانلىرى بىلەن بەس- بەستە سىرتقا ئىشلىگىلى چىقىپ كەتتى. 2 مىڭغا يېقىن نوپۇسى بار كەنتتە ئاستا- ئاستا بىر توپ ياشانغانلار، ئاياللار، بالىلار قالدى.
ياۋ ھەدىمۇ سىرتقا چىقىپ ئارزۇ قوغلىشىدىغان قوشۇننىڭ بىر ئەزاسى ئىدى. ئۇنىڭ ئارزۇسى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ئازراق پۇل تېپىپ، ئۆزىگە تەۋە ئۆيدىن بىرنى سېلىش ئىدى. چۈنكى، ئۇ چاغلاردا ئۇ يولدىشى بىلەن توي قىلغىلى ئۇزۇن يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن چوڭلار بىلەن بىللە تۇراتتى، توي قىلغاندا ئۇلارغا تۇتۇپ بەرگەن ئۆي ئاشلىق دۆۋىلەپ قويۇلغان ئامباردىن ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، تار ھەم قاراڭغۇ ئىدى. ئۇ چاغدا، مەملىكەت بويىچە تاش ماتېرىياللىرىنىڭ سېتىلىشى ياخشى بولۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى يائەن-- «تاش ماتېرىياللىرى پادىشاھلىقى» دەپ ئاتالغان، باۋشىڭنىڭ ئاق مەرمەر تېشى، لۇشەننىڭ زاراڭزا پولات تېشى، تيەنچۈەننىڭ جۇخار تېشى پۈتۈن مەملىكەتكە داڭلىق ئىدى. تاش ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرى ھەممە يەرگە تارقالغان بولۇپ، ھەممە كەنتتە دېگۈدەك ماشىنىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولاتتى. ئەمما، ياۋ ھەدە تاش ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە يۆتكەپ سېتىشقا قاتناشمىدى، بەلكى ئۆزگىچە يول تۇتۇپ، «پىچاق ئۇچى» سودىسى قىلدى. پىچاق ئۇچى تاش ماتېرىياللىرىنى يېرىپ پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئىشلىتىلىدىغان ھەرە ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مەخسۇس سايمان بولۇپ، ئۇ چاغدا پەقەت دېڭىز بويى رايونلىرىلا ئىشلەپ چىقىرالايتتى، ھالبۇكى تاغلىق رايوندىكى يۇلتۇزدەك تارقالغان تاش ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرى بولسا ماشىنا- ئۈسكۈنىلىرىنى كېچە- كۈندۈز توختاتمىغاچقا، بۇزۇلۇش نىسبىتى يۇقىرى بولاتتى. ئىنچىكە ھېسابلىغاندا، بۇ خېلى چوڭ بازار ئىدى، يەنى ئوتتۇرىدىكى باھا پەرقىدىن خېلى كۆپ پايدا ئالغىلى بولاتتى. ياۋ ھەدە مۇشۇنداق ئۆزگىچە نەزىرى بىلەن ھاياتىدىكى تۇنجى پايدىغا ئېرىشتى.
شۇ يىلى كەنتتە نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى بولغاندا، كەنت ئاھالىلىرى ياۋ چىڭيىڭنى قايتىپ كېلىپ كەنتنىڭ ياچېيكا شۇجىسى بولۇشقا تەكلىپ قىلدى.
ياۋ ھەدە كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى بولغاندىن كېيىن قىلغان تۇنجى ئىشى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش بولدى. باغنى رەتلەش، جۈزە سورتىنى ياخشىلاش، مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ تېرىقچىلىققا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەتنى ئىشلىدى، كەنتتە ئەمگەك كۈچى بار دېھقانلار ئۆزى تېرىقچىلىق قىلىپ، كوپىراتىپقا كىرىپ تىجارەت قىلسا؛ ئەمگەك كۈچى يوق دېھقانلار ئۆز يېرىنى كوپىراتىپقا پاي قوشۇپ پايچىك بولۇپ، يىل ئاخىرىدا پايدا ئالسا بولاتتى.
لياڭخې كەنتىدىكى يەر چەكلىك بولغاچقا، ياۋ ھەدە ئۆزى باشلامچى بولۇپ كەنتتىكىلەرنى كەنت سىرتىدىكى جۈزە ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدىغان يەرلەرنى ئوبوروت قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. جۈزە كۆچىتى ئۆسۈپ، جۈزىلەر قۇياش نۇرىدا ئاستا- ئاستا پىشقاندا، دېھقانلار زور پايدا ئالدى، ھەميانلىرى تومپايدى، بۇنىڭدىن كەنت ئاھالىلىرى ناھايىتى خۇشال بولۇشتى، ياۋ ھەدە تېخىمۇ خۇشال بولدى.
كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ كەينىدىكى تاغ چوققىسىدا لياڭخې كەنتىنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، ياۋ ھەدە بىزنى باشلاپ جۈزىزارلىقتىن ئۆتۈپ قايتتى. بىز بايا تاغقا چىققاندا كىچىك ئاپتوموبىللار قاتنايدىغان ئاسفالېت يولدا ماڭغان ئىدۇق، ھازىر تاش پەلەمپەي يولدا ماڭدۇق، ئوخشاشلا تېرىقچىلىق بىلەن ساياھەت بىرلەشتۈرۈلگەن ئىدى. ياۋ ھەدىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كەنت ئالاھىدە قۇرغان ھەمدە «سەمىمىي قەدەم يولى» دەپ نام بەرگەن يول ئىكەن. بىر قانچە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن، يول بويىغا كىچىك تاختىلارنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى كۆردۈم، تاختىنىڭ ئۈستىگە ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ سەمىمىيلىك، گۈزەل ئەخلاق توغرىسىدىكى ھېكمەتلىك سۆزلىرى، ياكى كەنتتىكى سەمىمىي، گۈزەل ئەخلاقنى نامايان قىلىدىغان ئادەم ۋە ئىشلار يېزىلغان ئىدى. مەن يان تېلېفونۇم بىلەن، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرىنى سۈرەتكە تارتىۋالدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە:«پارتىيە ئەزاسى تۇ خوڭكۈن 2013- يىلى يىتىشتۈرگەن جۈزە يېڭى سورتىنىڭ مو بىشى مەھسۇلاتى 50 مىڭ جىڭدىن ئاشتى، سودىگەرلەر ھەر جىڭىنى تۆت يۈەندىن زاكاز قىلىپ، 20 مىڭ يۈەن زاكالەت پۇلى بەردى. ئۈزۈش مەزگىلى يېتىپ كەلگەندە، جۈزىنىڭ بىر جىڭىنىڭ باھاسى بەش- ئالتە يۈەنگە ئۆرلەپ كەتكەن بولسىمۇ، تۇ خۇڭكۇن يەنىلا ئەسلىدىكى باھا بويىچە سودىگەرلەرگە سېتىپ بەردى. بەزىلەر: «نېمىشقا باھانى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلمايسىز؟ ھېچبولمىغاندا نەچچە ئون مىڭ يۈەن كۆپ كىرىم قىلغىلى بولاتتى ئەمەسمۇ؟» دەپ سورىغاندا، تۇ خوڭكۈن: «ئادەم دېگەن لەۋزىدە، دېگەن سۆزىدە تۇرۇشى كېرەك! كونىلاردا ئىشەنچ بولمىسا پۇت تىرەپ تۇرغىلى بولمايدۇ دېگەن گەپ بار» دېدى، دەپ يېزىلغان ئىدى. مەن ياۋ ھەدىنىڭ قانچىلىك جاپا تارتقانلىقى، لياڭخېنىڭ قانداق قىلىپ ھازىرقى ھالىتىگە كەلگەنلىكىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.
ئارقىدىن بىز ياۋ ھەدىگە ئەگىشىپ «لياڭخې يىيۈەن» ئولتۇراق رايونىغا كەلدۇق. 2010- يىلى 8- ئاينىڭ 19- كۈنى تۇيۇقسىز ياغقان قاتتىق يامغۇر تەسىرىدە لىنشى دەرياسى بىلەن شياۋخېزى دەرياسىغا زور كەلكۈن كەلگەن. ئىككى دەريادىكى كەلكۈن كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەت دەريا سۈيىنىڭ ئېقىم مىقدارىنىڭ ئاددىي قاتلىنىشى بولماستىن، بەلكى گېئومېتىرىيەلىك ئېشىشى ئىدى. شۇنچە يىللار ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ياۋ ھەدە ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلىگىنىدە يەنىلا بىئارام بولۇپ: «شۇ كېچىسى قاتتىق يامغۇر ئاۋازى قۇلاق تۈۋەمدە ياڭراپ، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان كەلكۈن دەريا قېشىغا چىقىپ، ئېتىزغا ئېتىلىپ كىرىپ، مول ھوسۇل بىرىش ئالدىدا تۇرغان زىرائەتلەر ۋە جۈزىلەر ھەش- پەش دېگۈچە سۇ ئىچىدە قالدى. كەلكۈن ھويلىغا كىرىپ، تېز ئۆرلەپ، كەنتتىكى چوشقا، ئىت، توخۇلار سۇ يۈزىدە لەيلەپ، كەلكۈن تەرىپىدىن يىراقلارغا ئېقىتىپ كېتىلدى» دېدى.
كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، كەنتتىكى نۇرغۇن ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، ئۆرۈلۈپ چۈشمىگەنلىرىمۇ، سۇغا چىلىنىپ، خەتەرلىك ئۆيگە ئايلىنىپ قالغان. ياۋ ھەدە ئۆيمۇ- ئۆي كىرىپ زىيارەت قىلىش جەريانىدا ناھىيىتى ئېغىر يۈكنى ھېس قىلغان. كەنتنى قانداق قىلىپ قايتا قۇرۇش كېرەك؟ بۇ، شۇ چاغدا ياۋ چىڭيىڭ يولۇققان چوڭ مەسىلە ئىدى. ماكانلاشتۇرۇش نۆۋەتتىكى ھەممىدىن مۇھىم مەسىلە ئىدى. ئەمما، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئۇسۇل بىلەن دەرياغا تايىنىپ قۇرۇلۇش قىلىشقا بولمايتتى، قايتىدىن پىلانلاش كېرەك ئىدى، كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن يەردە قايتىدىن يېڭى بىر كەنت، ئالىي دەرىجىلىك تۇرالغۇ رايون قۇرۇپ چىقىش...... بۇ، ياۋ چىڭيىڭنىڭ چوڭقۇر ئويلاندىن كېيىن تاپقان جاۋابى ئىدى. ئەمما، ئۇ بۇ خىيالىنى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغاندا، بىر قىسىم ئاممىنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى. چۈنكى، ئەمدىلا ئاپەتكە ئۇچرىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن كىشىلەر ئەسلىدىنلا ئانچە باياشات ئەمەس، شۇڭا يېزا ئولتۇراق رايونى قۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتا ئۆي سالغان تەقدىردىمۇ يەنىلا بانكىدىن قەرز ئېلىشىغا توغرا كېلەتتى. شۇڭا، ياۋ چىڭيىڭ يۇرتداشلارغا تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ، تەرەققىياتنى سۆزلىگەن، شۇنداقلا سىياسەت جەھەتتىن قوللاش ۋە ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە پائال ئىزدەنگەن.
ياۋ ھەدە كەلكۈنگە تاقابىل تۇرغان كۈنلەرنى ئەسلىگىنىدە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئۇھ تارتىپ: «ئەينى چاغدا خۇددى ئوت ئۈستىدە كۆيگەندەك بولدۇق، لېكىن ئاپەت ئالدىدا مۇھەببەت نامايەن بولۇپ، بارلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى مىسلىسىز كۈچەيدى» دېدى.
بىر يىلدىن ئارتۇق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، باغچىلاشقان «لياڭخې يىيۈەن» ئولتۇراق رايونى پۈتكەن. بۇ ئولتۇراق رايونى پۈتىشى بىلەنلا ئۆلكىدىكى ھەر قايسى شەھەرلەرنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلىنىپ، نۇرغۇن ئېكىسكۇرسىيىچىلەرنى جەلپ قىلغان. بۇ، جۇڭگو دېھقانلىرى ئۆزى پىلانلاپ، ئۆزى قۇرۇپ، ئۆزى باشقۇرغان يېزا ئولتۇراق رايونى بولۇپ، كىشىلەر قايىل بولۇش بىلەن بىرگە: «ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ» دەپ ماختاشقان.
لياڭخې كەنتىدىن قايتىپ كېلىپ، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە بىر خەۋەر چىقاردىم. مەزمۇنى ئىككى پارچە سۈرەت ئىدى. بىرى مەن دەريا ئېغىزىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى كونا كۆۋرۈكتە تارتقان لياڭخې كەنتىدىكى كەچ كۈز مەنزىرىسى، يەنە بىرى ياۋ ھەدەم بىلەن «لياڭخې ئېغىزى» دىكى خاتىرە راۋىقىدا چۈشكەن سۈرەت بولۇپ، سۈرەتكە قوشۇپ: «مەنمۇ سىزنىڭ كەنت ئاھالىڭىز بولاي» دېگەن سۆزنى يازدىم. گەپ گەرچە ئۇدۇل ئېيتىلغان بولسىمۇ، لېكىن مېنىڭ ھەقىقىي يۈرەك سۆزۈم ئىدى. بۇ خەۋەرنى بېيجىڭدىكى بىر دوستۇم كۆرۈپتۇ. بۇ دوستۇم ئىلگىرى بىرقانچە قېتىم توردىن لياڭخې كەنتىدىكى جۈزىلەرنى سېتىۋالغان، شۇنداقلا گېزىت، تېلېۋىزوردىن ياۋ چىڭيىڭنىڭ ئىش- ئىزلىرىنى كۆرگەن ئىكەن. ئۇ مېنىڭ ياۋ ھەدەم بىلەن چۈشكەن سۈرىتىمنى كۆرگەندىن كېيىن ئەستايىدىللىق بىلەن: «چوڭ كەنت ئاھالىسى» دېگەن تۆت خەتنى ئەۋەتىپتۇ.
مەن يان تېلېفون ئېكرانىغا ئۇزاققىچە تىكىلىپ، خىيال قىلدىم. مېنىڭچە بېيجىڭلىق دوستۇم ئېيتقان كەنت لياڭخې كەنتىلا ئەمەس، بەلكى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بەرپا قىلىش دولقۇنىدا يىلتىز تارتقان جۇڭگونىڭ يېڭى كەنتلىرى ئىدى.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى