قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چىراغ نۇرىغا چۆمگەن لۇجۇ

2019-01-25 12:53:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بىر شەھەردىكى چىراغ نۇرى، ئاھالە ياشايدىغان ماكاننى كۆرسىتىدۇ. لۇجۇنىڭ چىراغ نۇرى كۈز كېچىسىدە، چاڭجياڭ- خۇەيخې دەرياسى ئارىسىدىكى خېفېي دەپ ئاتىلىدىغان شەھەرنى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن قىلغان ئىدى. ئەگەر سىز دىققەت قىلىپ ئاڭلىسىڭىز، چىراغ نۇرى ئىچىدە تۈگىمەس ھېكايىلەرنىڭ بارلىقى، تەپسىلىي قارىسىڭىز چىراغ نۇرىغا چۆمگەن لۇجۇدا، بىر پارچە سۇ بوياق رەسىمنىڭ نامايان بولىدىغانلىقىنى بايقايسىز.
  بۇ 40 يىللىق ئۇزۇن ھېكايە.
بۇ ھېكايىدا يوقاپ كەتكەن يەر ناملىرى، قۇرۇلۇش ۋە شەيىلەر ھەم ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان يول، مەيدان ۋە يېشىللىقلار بار. بۇ ھېكايىدا 40 يىللىق دەقىقىلەر خاتېرىلەنگەن بولۇپ، شەھەرگە بولغان سېغىنىش ۋە ئۈمىد ساقلانغان.
  بۇ ئۇزۇن ھېكايىنىڭ بېشى چىراغ نۇرى بىلەن باشلانغان.
30 نەچچە يىل ئىلگىرى، مەن تۇنجى قېتىم يۈز نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى توڭچېڭدىن لۇجۇغا كەلگەن ئىدىم. ئۇ چاغدا لۇجۇنىڭ چاڭجياڭ يولى ۋە جىنجەي يولىدىن ئىبارەت ئىككى يولىدا ئەجدىھا سۈرەتلىك پانۇس چىراغ بار ئىدى. مەن دادۇڭمېندىكى قاتناش مېھمانخانىسىدا ياتقان ئىدىم، كەچتە مېھمانخانىنىڭ پېشايۋىنىدا تۇرۇپ، ئىككى يولدىكى چىراغ نۇرىنىڭ ئۈزۈلۈپ- ئۈزۈلۈپ نۇر بەلبېغى شەكىللەندۈردىگەنلىكىنى كۈزەتتىم. سائەت توققۇزدىن كېيىن، كوچىدا ئادەملەر شالاڭلاشقاندا، مەن پېشايۋاندىن چۈشۈپ، چاڭجياڭ يولىنى بويلاپ ماڭدىم. دۇكانلار تاقىلىپ بولغان ئىدى، سەنشياۋكۇ ۋە 4- بىنانىڭ يېنىدىكى بىر- ئىككى ئۇششاق يېمەكلىك دۇكىنى ئوچۇق ئىدى. خېرىدار بولمىغاچقا، چىراغ نۇرىدا دۇكان ئىچى جىمجىت كۆرۈنەتتى. يول ئېغىزىدىن ئۆتكەندىن كېيىن جەنۇب تەرەپتىكى، داشۆلەر جايلاشقان جايدا چىراغ نۇرلىرى يەنىلا چاقناپ تۇراتتى. شۇ چاغدا بەزىلەر: «جۇڭگو پەن- تېخنىكا داشۆسى كۆچۈپ كېتىدىكەن» دەپ سۆز- چۆچەك قىلىشىپ: «خېفېي بەك كىچىك، سىغدۇرالمەيدىكەن» دىيىشتى. دەرۋەقە، ئۇ چاغدا چىراغلار غۇۋا چاقناپ تۇرىدىغان لۇجۇ خۇددى تېخى پۈت- قوللىرىنى سوزمىغان ئوغۇل بالىغا ئوخشاش سىپايە ۋە سىلىق كۆرۈنەتتى.
 مەن 20 يىل ئىلگىرى «17- قەۋەتتىكى كەيپىيات» دېگەن ماقالىنى يازغان ئىدىم. ئۇنىڭدا، كاماندىروپكىغا چىققاندا خۇئاڭشەن سارىيىنىڭ 17- قەۋىتىدە تۇرۇپ كۆرگەنلىرىم يېزىلغان ئىدى. ئوخشاشلا كېچە، 17- قەۋەتتىن سىرتقا قارىسا، چىراغ نۇرى ئون نەچچە يىل بۇرۇنقىدىن خېلىلا كېڭەيگەن ئىدى. خېفېيدىن ئىبارەت ئىلگىرىكى پۈت- قوللىرى تېخى تەرەققىي قىلمىغان بۇ بالىنىڭ ھازىر پەيلىرى سوزۇلۇپ، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتاتتى. چىراغ نۇرلىرىدا چاڭجياڭ يولى، جىنجەي يولىدىن باشقا يەنە مېيلىڭ يولى، خۇاڭشەن يولى بىلەن توڭچېڭ يوللىرىمۇ ئىككى تەرەپكە ئۇزىراۋاتقان ئىدى. چىراغ نۇرلىرى يوللارنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ، ئىلگىرى شەھەر ئەتراپىغا چېچىلىپ كەتكەن چوڭ- كىچىك زاۋۇتلارمۇ تۇتاشتۇرۇلغان، يېقىن ئەتراپتىكى شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەيدانى ئەتراپىدىمۇ ئادەم ۋە ئاپتوموبىللار بارغانسېرى كۆپەيگەن بولۇپ، شەھەر قىيىپىتىدە ئاۋاتلىشىش مەنزىرىسى نامايەن بولغان ئىدى. ھالبۇكى، مېنىڭ نەزىرىمدە لۇجۇ يەنە بىر پارچە زۇمرەت تېشى ئىدى. ئۇ بەك تىنچمۇ قانداق؟
17- قەۋەتتە تۇرۇپ، مەن سەل ھەيران قالدىم. ئۇ يىللاردا مەن تېخىمۇ چوڭ شەھەرلەرگە بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ شەھەرلەرنىڭ چىراغ نۇرلىرىنى كۆرۈپ باققان. لۇجۇنىڭ چىراغ نۇرى بەلكىم بەك كۆپ تارىخنى زىممىسىگە ئالغانلىقى، بەلكىم بەك چوڭ ئارزۇلىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئادەمگە بەك ئاستا ماڭغاندەك تۇيغۇ بېرىشى مۈمكىن، ھەتتا كىشىلەر ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتى. قەدىمدىن ھازىرغىچە، قانچىلىغان شەھەرلەر غايىب بولۇپ، قانچىلىغان چىراغ نۇرلىرى غۇۋالىشىپ كەتتى؟ لۇجومۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى بولۇپ قالامدۇ؟ ئون يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، لۇجو شەھىرى بۇنىڭ جاۋابىنى بەردى. لۇجۇ شەھىرى جاۋاب بەرگەن ئاشۇ يىللاردا، مەن ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن لۇجۇغا دائىم دېگۈدەك بېرىپ تۇردۇم. ھەر كۈنى كەچ بولسىلا، مەن يەنىلا مېھمانخانىنىڭ ئېگىز يېرىدە تۇرۇپ، چىراغ نۇرى، بۇ شەھەرنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرى شۇنداقلا بۇ مەشھۇر شەھەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرەتتىم.
  لۇجۇ شەھىرى خۇددى بىر كېچىدىلا پۇت- قوللىرىنى سوزغاندەك قىلاتتى.
شۇنداقلا يەنە خۇددى بىر دەقىقە ئىچىدە، شەھەر ئۇچى چاۋخۇغا، دوڭپۇغا، دوڭدايۈگە يېتىپ بارغاندەك...... چىراغ نۇرلىرىمۇ شەھەرنىڭ قاش- كۆزىگە ئەگىشىپ، بۇرۇنقى گىرەلىشىپ كەتكەن كىچىك يوللارنى يورۇتقاندەك ئىدى. خەلقارادا بىر شەھەرنىڭ تەرەققىياتىغا بېرىلگەن باھادا، بىر مۇھىم كۆرسەتكۈچ توك ئىشلىتىش مىقتارى بولۇپ، ئاممىباب قىلىپ ئېيتقاندا، چىراغ نۇرى ئىدى. چىراغ نۇرى ئاھالىنىڭ مەۋجۈتلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. ئاھالە بار يەر ھاياتىي كۈچكە، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە، تۇرمۇشقا، كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئىگە بولىدۇ. ھاياتىي كۈچ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بولغاندىلا، شەھەر ھاياتىي كۈچكە، تەرەققىياتقا، ئىستىقبالغا، بەختكە ئىگە بولىدۇ. لۇجۇنىڭ چىراغ نۇرى چاڭجياڭ- خۇەيخې دەرياسىدىن ئىبارەت ئىككى دەريا سۈيى بىلەن سۇغۇرۇلغان بۇ قەدىمىي شەھەرنى تېز سۈرەتتە تەرەققىي قىلدۇردى. چىراغ خۇددى ساپانغا ئوخشاش، بۇ شەھەرنىڭ تەرەققىيات سەھىپىسىنى ئاچتى. ئېگىز جايدا تۇرۇپ چىراغقا قارىسىڭىز، زاۋۇت، ئاقما لىنىيە، داشۆ، پەن- تەتقىقات ئورنى، ئاشۇ شەھەرلىشىشكە ئۇچرىغان يېزا- كەنتلەرنى كۆرەلەيسىز......
 يېقىندا كېچىدە مەن بەيخۇاجىڭ قۇدۇقى ئەتراپىدا سەيلە قىلغاندا، قۇدۇق بويىدا ئولتۇرغان بوۋايدىن: «ئىزچىل مۇشۇ يەردە تۇرامسىز؟» دەپ سورىدىم، بوۋاي: «يەتمىش نەچچە يىل ئىلگىرى مەن مۇشۇ يەردە تۇغۇلغان. 50 نەچچە يىل ئىلگىرى، مەن بۇ يەردىن ئايرىلىپ باشقا يەرگە بېرىپ تىرىكچىلىك قىلغان. يىگىرمە نەچچە يىل ئىلگىرى، مەن پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن يەنە بۇ يەرگە قايتىپ كەلدىم. ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا شەھەرنىڭ زور تەرەققىياتىدا، مەن ئوغلۇمغا ئەگىشىپ بىڭخۇغا كۆچۈپ كەتتىم. مانا، ھازىر يەنە ئايالىم بىلەن قايتىپ كەلدىم، كونا ئۆيىمىزدە تۇرىۋاتىمىز. قۇدۇققا قاراش، گۈيخۇا گۈلىنى پۇراش، نېمىدېگەن ياخشى!» دېدى. مەن: «قانداق ياخشى؟» دەپ سورىسام، ئۇ: «بىڭخۇ تەرەپتە كەچتە چىراغ نۇرلىرى يېنىپ تۇراتتى، بىز قايتىپ كەلسەك، بۇ كوچىنىڭ ئىچىمۇ يورۇپ كېتىپتۇ. چىراغ نۇرى بولمىسا قانداقمۇ شەھەر دېگىلى، ئۆي دىگىلى بولسۇن؟» دېدى. بوۋاي سوئالغا نەق جاۋاب بەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن گېپىنىڭ ئاساسى بار ئىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى