قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ساياھەت كىچىك بازىرىدىكى گۈزەل تۇرمۇش

2019-01-25 13:18:43     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىخو شەھىرىنىڭ گۇرتۈ بازىرىدا تاغلىق رايون ئوتلاقلىرى، تۈزلەڭلىك كۆل- ئېقىنلىرى، مىڭ يىللىق توغراقلىق، ئالتۇن قۇملۇق قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىلەرنىڭ ھەممىسى تەل بولۇپ، ئىلگىرى ئۈچ قېتىم «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل كەنت- بازار» بولۇپ باھالانغان. گۇرتۈ بازىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ساياھەت كەسپىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، گۈزەل مەنزىرىلەرنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ، شۇ جايدىكى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتىپ، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشىغا تۈرتكە بولدى.
سەھراھ ئارامگاھىنىڭ خوجايىنى زالىبەگ بايدوللى مۇخبىرغا: ئىلگىرى ئۆزىنىڭ مال بېقىشقا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەنلىكى، كىرىمىنىڭ ئاز ئىكەنلىكى، 2007- يىلى گۇرتۈ بازىرىنىڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققى قىلدۇرۇشى بىلەن ئۆزىنىڭمۇ ھويلىسىدا سەھرا ئارامگاھى ئاچقانلىقى، ھازىر يىللىق كىرىمىنىڭ 70 مىڭ يۈەندىن ئېشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. زالىبەگ بايدوللىنىڭ سەھراھ ئارامگاھىدىن 6 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قىزىل جار كۆلى مەنزىرە رايونىدا، ھازىر كۆل يۈزىنى مۇز تۇتۇپ، قىرغاقتىكى تۇتاش كەتكەن قومۇشلۇق قار- مۇزدا تېخىمۇ رەڭدار ئالتۇن رەڭگە كىرىگەن ئىدى. مەنزىرە رايونىنىڭ باشقۇرغۇچىسى چيەن خۇيبىڭ يېقىن ئەتراپتىكى گۇرتۈ بازىرى ئۇلان ئېريېگې كەنتىدىكى دېھقان بولۇپ، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ 40 مو يېرىنىڭ ھەر موسىنى 550 يۈەندىن باشقىلارغا ھۆددىگە بېرىۋېتىپ، مەنزىرە رايونىغا كېلىپ ئىشلەۋېتىپتۇ.
گۇرتۈ بازىرى تېخىمۇ كۆپ دېھقان- چارۋىچىنى ساياھەت كەسپىگە قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن، 2016- يىلى، مەبلەغ سېلىپ ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە باغچىسى قۇردى، 52 نامرات ئائىلە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش بويىچە مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيلىرىگە كۆچۈپ كىرىپ، ناۋايلىق، كەشتىچىلىك قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللاندى.
نۆۋەتتە گۇرتۈ بازىرى يىلىغا كۈتۈۋالىدىغان ساياھەتچى 150 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. بۇ يىل 9- ئايدا، گۇرتۈ بازىرى بىلەن دۆلەت يولى 30- لىنىيەسى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ئۈرۈمچى- كۈيتۈن بۆلىكى ئارىسىدىكى يېزا يولىنى ئۆزگەرتىش ياساش باشلاندى. كېلەر يىلى 5- ئايدا، ساياھەتچىلەر بۇ يېڭى يول بىلەن ئۇدۇل مەنزىرە رايونىغا بارالايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى