قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى «ئارام ئېلىش ساندۇقى» نى ئورنىتىپ، يولۇچىلارنى ۋاقىتلىق دەم ئېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى

2019-01-25 13:20:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى 50 دانە «ئارام ئېلىش ساندۇقى» ئورنىتىپ، يولۇچىلارنىڭ ئۇيقۇسى كەلگەندە ئۇخلاش، «دەم ئالغاچ ئايرۇپىلان كۈتۈش ئېھتىياجى«نى قاندۇردى. يېقىندا، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى 50 دانە «ئارام ئېلىش ساندۇقى» ئۇخلاش بۆلۈمچىسى كىرگۈزدى، نۆۋەتتە بۇ «ئارام ئېلىش ساندۇق»لىرى ئاساسەن تەڭشىلىپ، ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. «ئارام ئېلىش ساندۇقى» ئۇخلاش بۆلۈمچىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2 مېتىر، كەڭلىكى 1.1 مېتىر، ئېگىزلىكى 1.5 مېتىر بولۇپ، بوي ئېگىزلىكى بىر مېتىر 90 سانتېمېتىر كېلىدىغان يولۇچىلارمۇ بۇنىڭدا تامامەن تۈز ياتالايدۇ. يولوچىلار ئۈندىداردا كود سىكاننېرلاپ چىقىم قىلىش ئارقىلىق رەنە پۇلىنى تۆلىگەندىن كېيىن ئاپتوماتىك ئىشىك ئېچىلىدۇ، بۇنىڭدا ھەر قانداق APP دىتالىنى چۈشۈرۈش ھاجەتسىز، يېرىم سائەتلىكى 25 يۈەن بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى چېكى 99 يۈەن، يەنى يولۇچىلار 99 يۈەن بىلەن بىر كۈن يېتىپ ئارام ئالسىمۇ بولىدۇ.
يولۇچىلار «ئارام ئېلىش ساندۇقى» ئۇخلاش بۆلۈمچىسىگە كىرگەندىن كېيىن «ئۇخلاش» دېگەن خەت يېزىلغان قىزىل چىراغ يورۇپ، باشقا يولۇچىلارغا «ئارام ئېلىش ساندۇقى» ئىچىدە ئارام ئېلىۋاتقان ئادەم بارلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. يولۇچىلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، «ئارام ئېلىش ساندۇقى»نىڭ ئاساسىي گەۋدىسىدە «ئۇخلاش» دىگەن خەت يېزىلغان كۆك چىراق يېنىپ، يولوچىلارغا «ئارام ئېلىش ساندۇقى»نى ئىشلەتسە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. يولۇچىلار ئىچىگە كىرىپ ئارام ئالغاندا، ھاۋا ئالماشتۇرۇش سىستېمىسى ئۆزلۈكىدىن ئېچىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇخلاش بۆلۈمچىسىدە يەنە نەپەسلىنىش چىرىغى ئۇيقۇغا ياردەم بېرىش سىستېمىسى، مۇھىتقا تەقلىد قىلىنغان ئاۋاز ياڭراتقۇ، USB توك قاچىلاش ئېغىزى، يوشۇرۇن ھالەتتىكى كىچىك مەشغۇلات تاختىسى، ئەينەك قاتارلىقلار قويۇلغان بولۇپ، يولۇچىلارنىڭ ئۇخلاش بۆلۈمچىسىنىڭ ئىچىدە ئارام ئېلىشى ۋە ئىش قىلىشىغا قولايلىق يارىتىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئارام ئېلىش ساندۇقى» ئۇخلاش بۆلۈمچىسىگە قوڭغۇراقلىق سائەت ئورنىتىلغان بولۇپ، ئاۋاز ۋە نۇر ئارقىلىق يولۇچىلارنى ئويغىتىپ، يولۇچىلارنىڭ ئۇخلاپ قېلىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانغا كېچىكىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ خىزمەتچى خادىمى چېن شياۋ مۇنداق دېدى: «ئارام ئېلىش ساندۇقى»لىرى T2 ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىنىڭ 15-، 16- نومۇرلۇق ئايروپىلانغا چىقىش ئېغىزى ۋە T3 ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىنىڭ A، C رايونى، شۇنداقلا A رايونىدىن C رايونغا بارىدىغان يول، T3 ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىغا بارىدىغان زاللارغا قۇيۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە T2 ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىغا 9ى، T3 ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىغا 41ى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ھازىر T2 ئاۋىئاتسىيە بىناسىدىكى «ئارام ئېلىش ساندۇقى»لىرى تەڭشىلىۋاتىدۇ، T3 ئاۋىئاتسىيە بىناسىدىكى 41 «ئارام ئېلىش ساندۇقى» يولۇچىلارنى رەسمىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە باشلىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى