قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى قار تېيىلىش سەپىرى

2019-01-25 16:05:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بىرنەچچە قېتىم ياغقان قېلىن قاردىن كىيىن، شىمالىي شىنجاڭ رايونلىرى قار- مۇز بىلەن قاپلاندى. يېقىنقى بىر مەزگىلدە، ئىچكىرىدىكى نۇرغۇن قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى شىنجاڭغا كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ قار تېيىلىش سەپىرىنى باشلىدى. بۇ مەزگىلدە، ئۇدا قار ياغقاچقا، ئۈرۈمچى يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى، ئالتاي جياڭجۈنشەن تېغى قار تېيىلىش مەيدانى، ئالتاي دالا قار تېيىلىش باغچىلىرى سىچۈەن، شەنشى، گۇاڭدۇڭ، بېيجىڭ، گەنسۇ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى كۈتۈۋالدى. ئۇلار قار تېيىلىش كۇلۇبىنى ۋاسىتە قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ قار تېيىلىش جابدۇقلىرى ۋە سۈرەتكە ئېلىش سايمانلىرىنى ئېلىپ، بىر- بىرىگە ھەمراھ بولۇشۇپ شىنجاڭغا قار تېيىلغىلى كەلدى.
ئىچكىرىدىكى قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ قار تېيىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب بۇ يەرنىڭ قار سۈپىتىنىڭ ياخشى بولغانلىقىدا. ئاپتونوم رايونىمىزدا قار يىغىش ۋاقتى ئۇزۇن، قار سۈپىتى ياخشى، قار مىقدارى كۆپ. شىنجاڭدىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تاغلىق رايونلاردىكى تەتۈر مۆتىدىل بەلۋاغقا جايلاشقان بولۇپ، ھاۋاسى ئىللىق، تېمپراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 10 گرادۇس ئەتراپىدا بولغاچقا، ناھايىتى راھەت. بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭغا كېلىپ قار تېيىلىش ئۈچۈن كەتكەن خىراجەت بېيجىڭ ئەتراپى ۋە شەرقىي شىمالدىكى بىر قىسىم داڭلىق قار تېيىلىش مەيدانلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئەرزان.
مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ يۇمشاق، قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى، يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى، ئالتاي جياڭجۈنشەن تېغى قار تېيىلىش مەيدانى خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزەلەيدىغان بولدى. ئالتاي قارلىق دالا باغچىسى مەملىكەت بويىچە تۇنجى بولۇپ ساياھەتچىلەرنى تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بىلەن تاغ چوققىسىغا ئېلىپ چىقىپ قار تېيىلىشنى يولغا قويدى، يېقىندا تىجارەت باشلىغان كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ مىڭ مېتىر ئىگىزلىك پەرقىدىكى قار تېيىلىش يولى مەملىكەت بويىچە چۈشۈش پەرقى ئەڭ چوڭ قار تېيىلىش يولى بولۇپ، زور تۈركۈمدىكى قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى قار تېيىلىش سەۋىيەسىنى سىناپ بېقىشقا جەلپ قىلدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى