قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«ئاساسىي قانۇن، قانۇن چېگرا رايون سەپىرى» تەشۋىقات پائالىيىتى ھەر مىللەت كادىر، ئاممىغا قانۇن- نىزاملار تەشۋىق قىلىندى

2019-01-25 16:08:20     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان «ئاساسىي قانۇن، قانۇن چېگرا رايون سەپىرى» تەشۋىقات پائالىيىتى تارباغاتايدا ئېلىپ بېرىلىپ، ھەر مىللەت كادىر، ئاممىغا قانۇن- نىزاملار تەشۋىق قىلىندى.
تاشقى ئىقتىساد- سودا داشۆسى قانۇن شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى لى چىڭۋۇ ۋە شىنجاڭ داشۆسى قانۇن شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى خەن يوڭچۇ ئەمەلىي مىساللار، جانلىق تىل ئارقىلىق «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش»، «2018- يىللىق ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىغا كاپالەتلىك قىلىش» توغرىسىدا لىكسىيە سۆزلىدى. لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى كۆرۈنمە چاستوتا شەكلىدە بەش ناھىيە، ئىككى شەھەرگە كېڭەيتىلىپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى 500 دىن ئارتۇق كادىر، ئامما لېكسىيە ئاڭلىدى.
 مەلۇم شىركەت شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈش ئۈچۈن يامان نىيەتتە باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى ئۈستىدە باشقىچە پىكىر دەۋاسى قىلغاندا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە رەت قىلىندى. شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا، يامان نىيەتلىك دەۋالارنى قاتتىق جازالاش ئۈچۈن، بۇ شىركەتنىڭ «باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا باشقىچە پىكىر» نى كەلسە- كەلمەس ئىشلەتكەنلىكىگە جازالاش قارارى چىقىرىپ، 100 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويدى.
 2015- يىلىدىن ھازىرغىچە بۇ شىركەت ھۆددىگە ئالغان قۇرۇلۇش تۈرى سەۋەبىدىن كۆپ قېتىم شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىندى، بۇنىڭغا چېتىلىدىغان دېلونىڭ سانى 15 كە يەتتى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ داۋا قانۇنى» نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، كۆچمەس مۈلۈك ماجراسى تۈپەيلىدىن قىلىنغان دەۋا كۆچمەس مۈلۈك بار جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.
شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى شىركەتكە، ئالاقىدار قانۇن- بەلگىلىمىلەرنى كۆپ قېتىم ئېنىق چۈشەندۈردى ھەمدە دېلوغا چېتىلىدىغان كۆچمەس مۈلۈك تۇرۇشلۇق جاينىڭ شايار ناھىيەسىدە ئىكەنلىكى، شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلوغا قارىتا باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇ شىركەت دەۋانى كېچىكتۈرۈشتەك نامۇۋاپىق مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، بۇنىڭ ئىچىدىكى تۆت دېلونىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا باشقىچە پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن رەت قىلىنغاندىن كېيىن، شىركەت ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنغان بولسىمۇ، يەنىلا رەت قىلىندى.
گەرچە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ شىركەتنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن دېلو تۇرغۇزۇلغاندىن ھازىرغىچە تۆت ئاي ۋاقىت ئۆتكەن بولۇپ، بۇ شىركەتتە يامان نىيەت بىلەن دەۋانى كەينىگە سۈرۈشتەك گۇمانلىق ئەھۋال مەۋجۇت. شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو بېجىرگۈچى سودىيەسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا باشقىچە پىكىر ئىلتىماسىدىن 10 نى قوبۇل قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 90 پىرسەنتى قانۇن بويىچە رەت قىلىندى.
يامان غەرەزدە دەۋا قىلىش دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەۋادىن پايدىلىنىپ نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن قىلغان دەۋا ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. يامان غەرەزدىكى دەۋادا كۆپ ھاللاردا يامان نىيەتتە دەۋالاشقۇچى قارشى تەرەپنىڭ مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىپ، ئۆزى نامۇۋاپىق مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرگەنلىكتىن، سوت مەھكىمىسى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلمىسا، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ئەدلىيە بايلىقىنىڭ ئېغىر ئىسراپچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قانۇننىڭ نوپۇزى ۋە ئىناۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
بۇ يىل 4- ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سودىيەسى دەۋاگەر دېڭ X بىلەن جاۋابكار خاۋ X نىڭ ئەلئارا قەرز ماجراسى دېلوسىغا قاراپ چىققاندا، دېڭ X نىڭ جاۋابكار بىلەن بولغان مەبلەغ ئالاقىسىنىڭ بانكىدىكى تەپسىلىي تىزىملىكىنى ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقى قاتارلىق قىلمىشلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى ھەمدە ئۇنى دەلىل- ئىسپات سۈپىتىدە سوت مەھكىمىسىگە تەمىنلەپ بەردى.
دېڭ X دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، دېلونىڭ مۇھىم دەلىل- ئىسپاتىنى ئويدۇرۇپ چىققان، جاۋابكار سوتتا دەلىل- ئىسپاتنىڭ راستلىقىدىن گۇمان قىلغان ئەھۋالدا، يەنىلا سوتتا راست گەپ قىلمىغان، بۇ قىلمىش ھەق تەلەپ دەۋاسىغا دەخلى يەتكۈزگەچكە، سوت مەھكىمىسى دېڭ X كە 50 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويىدى ھەمدە دەلىل- ئىسپات تولۇق بولمىغانلىقتىن، ئۇنىڭ دەۋا تەلىپى قانۇن بويىچە رەت قىلىندى.
ھەق تەلەپ دەۋاسى ئالاقىدارنىڭ ئەدلىيەلىك تەرتىپ ئارقىلىق ھوقۇق ۋە ياردەم تەلەپ قىلىش پائالىيىتى، شۇنداقلا ماجرانى ھەل قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى مۇداپىئە سېپى». باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا بولغان باشقىچە پىكىرىدىن كەلسە- كەلمەس پايدىلىنىپ دېلونىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ ھەل بولماسلىقىنى؛ مال- مۈلۈكنى يامان نىيەتتە يۆتكەپ، ئىجرا قىلغۇدەك مال- مۈلكى بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش؛ يالغان سۆزلەش، يامان نىيەتتە دەۋا قىلىپ سوت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشتەك بۇنداق ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ، دەۋا ھوقۇقىدىن كەلسە- كەلمەس پايدىلىنىش قىلمىشلىرى قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدۇ.
 جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى مۇشۇ ئاينىڭ 6- كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ دۆلەت سىرتىدا داۋالاش نامىدا ئالدامچىلىق قىلغان بىر جىنايەت گۇرۇھىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىتچىت قىلىپ، 132 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى، 2 مىڭدىن ئارتۇق دېلونى پاش قىلغانلىقى، دېلوغا چېتىشلىق سوممىنىڭ بىر مىليارد يۈەنگە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
بۇ يىل 1- ئايدا، جېجياڭ ئۆلكىسى جياشىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئاممدىن كەلگەن، 2016- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە، جياشىڭدىكى بىر ھۆسىن تۈزەش ئورنىنىڭ ھەقسىز چەتئەلگە ساياھەتكە چىقىش نامى بىلەن، «راك قالقىنى» دەپ ئاتالغان دورىنى ئالداپ سېتىپ، ئالتە مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغانلىقى توغرىسىدىكى دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالدى. جېجياڭ ئۆلكىلىك ۋە جياشىڭ شەھەرلىك ئىككى دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تېز سۈرئەتتە مەخسۇس كۈچ تەشكىللەپ، دېلونى رازۋېدكا قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، داليەن «سىلەندئې» بىئو پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى باشچىلىقىدىكى جىنايەت شايكىسى ئىقتىسادىي شارائىتى ئەۋزەل، تېنى ساغلام، ئىنگلىز تىلى بىلمەيدىغان، داۋالاش- سەھىيە، قانۇن خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانمايدىغانلاردىن «خېرىدارلار» تاللايدىكەن. ئارقىدىن رايون ۋاكالەتچى سودىگەرلىرى ۋە ھۆسن تۈزەش دۇكانلىرىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى ئامېرىكا، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەرگە ھەقسىز ھەشەمەتلىك ساياھەتكە ئاپىرىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى ئالداپ دۆلەت سىرتىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈشىگە قاتناشتۇرۇپ، شۇ جايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مېھمانسارايدا داۋالاش چۈشەندۈرۈش يىغىنى ئاچىدىكەن؛ ساختا دوختۇرلارنى سالامەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىنى يالغان چۈشەندۈرۈشكە ياللاپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىدە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشتەك يۇقىرى خەۋپ- خەتەر يۈزلىنىشى بار دەپ يالغان ئېيتىپ، ئۇلارغا ئاتالمىش چەتئەلنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش دورىسى «راك قالقىنى» ۋە بىر قىسىم راكقا قارشى تۇرۇش تۈرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، يۇقىرى ھەق ئېلىپ ئالدامچىلىق قىلىدىكەن.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئاتالمىش «راك قالقىنى» نىڭ ئاساسلىق تەركىبى لىكوپېن ۋە ئاسانتونىن ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. بۇ شىركەت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، دۆلىتىمىز ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىپ، ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلغاندىن كېيىن، يەنە ئىمپورت قىلغان «راك قالقىنى» نى ئۆزى لايىھەلىگەن سىرتقى ئورالما قاپ ئىچىگە سېلىپ، ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنغانلىق بەلگىسىنى چاپلاپ قويغان.
4- ئاينىڭ 24- كۈنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش قوماندانلىقى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، لياۋنىڭ، جياڭسۇ، گۇاڭدۇڭ، خېيلۇڭجياڭ، جىلىن، بېيجىڭ، جېجياڭ قاتارلىق جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى مەركەزلىك تور يىغىش ھەرىكىتىنى بىر تۇتاش قانات يايدۇردى. بۇ دېلودىكى 132 جىنايەت گۇماندارى قولغا چۈشۈپ، 500 دىن ئارتۇق بانكا كارتىسى ۋە 70 نەچچە مىليون يۈەن مەبلەغ توڭلىتىلدى، ساختا دورا ئامبىرىدىن ئۈچى پېچەتلىنىپ، بۇ جىنايەت گۇرۇھى ئۈزۈل- كېسىل بىتچىت قىلىندى.جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئاممىنى، دۆلەت سىرتىغا چىقىپ ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتىدىغان تۈرلەرگە قارىتا، چوقۇم ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ھەقسىز تۈردىكى قىلتاقنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ دۆلەت سىرتىدىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەسلىك، گۇمانى بولسا قايتا تەكشۈرۈپ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى