قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قەرزدار پۇلنى قايتۇرمىسا كېپىل بولغۇچى چوقۇم قايتۇرۇشى كېرەكمۇ؟

2019-01-25 16:12:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇلتۇر 1- ئايدا، ليۇ چى دوستى شياۋ گاڭدىن 50 مىڭ يۈەن قەرز ئالغان، قەرز مۇددىتىنى بىر يىل دەپ كېلىشىپ، ۋاڭ رۇي كېپىل بولغان ھەمدە ليۇ چى شياۋ گاڭغا يازغان قەرز ھۆججىتىگە، «ۋاڭ رۇي قەرز ئېلىشنى پەقەت ئادەتتىكى كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ» دەپ ئېنىق يازغان. بۇ يىل 2- ئايدا، ليۇ چى پۇلنى قايتۇرالماي، شياۋ گاڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يوقاپ كەتكەن. شياۋگاڭ كېپىل بولغۇچى ۋاڭ رۈي ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان.
ۋاڭ رۈي سوتتا ئۆزىنىڭ ليۇچىنىڭ كېپىل بولغۇچىسى ئىكەنلىكىگە باشقىچە پىكرى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ پەقەت «ئادەتتىكى كاپالەت بەرگۈچى» ئىكەنلىكى، پەقەت ليۇ چىنىڭ مال- مۈلكى ھەقىقەتەن قەرز قايتۇرۇشقا يەتمىسە، كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ يىل 4- ئايدا، سوت مەھكىمىسى شياۋگاڭنىڭ ۋاڭ رۈي ئۈستىدىن كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغان دەۋا تەلىپىنى رەت قىلدى.
ئىككىنچى خىل ئەھۋالدىكى دېلو مىسالى 

 ئەگەر مەسئۇلىيەتنى ئېنىق پۈتۈشمىگەندە، ھىچنىمىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ قەرز قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ. بۇلتۇر 3- ئايدا، لى چياڭ يۈك ئاپتوموبىلى سېتىۋېلماقچى بولغاندا، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشقا يەنە 100 مىڭ يۈەن پۇل كەملەپ قالغان. شۇ ئايدا لى چياڭ يېقىن دوستى ۋاڭ دۇڭدىن 100 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، جاڭ خۇانى كېپىل قىلغان. جاڭ خۇا شۇ چاغدا لى چياڭنىڭ ۋاڭ دۇڭغا يېزىپ بەرگەن قەرز ھۆججىتىگە «جاڭخۇا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن لى چياڭنىڭ قەرز ئېلىشىغا كېپىل بولدى» دەپ ئېنىق يېزىپ قويغان.
بۇ يىل 2- ئايدا، لى چياڭ يۈك توشۇش جەريانىدا قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ، ئېغىر يارىلىنىپ، قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارىدىن ئايرىلغان. ۋاڭ دوڭ لى چياڭدىن قەرزنى قايتۇرۇۋېلىشنىڭ تەس ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، جاڭ خۇا ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، ئۇنىڭدىن پۇلنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، جاڭ خۇا ئۆزىنىڭ پەقەت «شەكىل» جەھەتتىنلا كېپىل بولغانلىقى، قانچىلىك پۇلغا كېپىللىك قىلىشنىمۇ پۈتۈشمىگەنلىكى، ۋاڭ دۇڭنىڭ لى چياڭنى ئەرز قىلماي، پەقەت ئۆزىنىلا ئەرز قىلىشىنى ناھايىتى ئادالەتسىزلىك دەپ قارىغان. بۇ يىل 5- ئايدا سوت مەھكىمىسى سوت قىلغاندىن كېيىن، جاڭ خۇا كېپىللىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ۋاڭ دۇڭغا 100 مىڭ يۈەن تۆلىشى كېرەك، دەپ ھۆكۈم چىقاردى.
ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگو رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى جاڭ مىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، كېپىل بولۇش ئۇسۇلى ئادەتتىكى كېپىللىك ۋە چاتما جاۋابكارلىق كېپىللىكىدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. ئالاقىدارلار كېپىللىك توختامىدا قەرزدار قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالمىسا، كاپالەت بەرگۈچى كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ پۈتۈشكەن بولسا، ئادەتتىكى كېپىللىك بولىدۇ. ئالاقىدارلار كېپىللىك توختامىدا كاپالەت بەرگۈچى بىلەن قەرزدار قەرز مەجبۇرىيىتىدە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشنى پۈتۈشكەن بولسا، چاتما جاۋابكارلىق كېپىللىكى بولىدۇ».
بۇنىڭ ئىچىدە، ئادەتتىكى كېپىل بولغۇچى «ئالدىن دەۋا قىلىپ ئاقلاش ھوقۇقى» دىن بەھرىمەن بولىدۇ، يەنى ئاساسىي توختام ماجراسى سوت قىلىنمىغان ياكى كېسىم قىلىنمىغان ھەمدە قەرزدارنىڭ مال- مۈلكى قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنغان بولسىمۇ يەنىلا قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالمىغان بولسا، ئادەتتىكى كاپالەت بەرگۈچى ھەقدار ئالدىدا كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلسا بولىدۇ. بىرىنچى دېلو مىسالىدا شياۋگاڭ ليۇ چىنى ئەرز قىلمىغان ھەمدە ليۇ چىنى قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا قانۇن بويىچە مەجبۇرلاشتىن ئىلگىرى، كېپىل بولغۇچى ۋاڭ رۈينى ئايرىم ئەرز قىلغان. شۇڭا، سوت مەھكىمىسى شياۋگاڭنىڭ دەۋا تەلىپىنى قانۇن بويىچە رەت قىلغان.
چاتما جاۋابكارلىق كېپىللىكىدە، ھەقدار قەرزداردىن قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، كېپىل بولغۇچىدىن كاپالەت دائىرىسى ئىچىدە كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ. ئىككىنچى دېلو مىسالىدا، جاڭ خۇا قەرز ھۆججىتىگە «جاڭ خۇا لى چياڭنىڭ قەرز ئېلىشى ئۈچۈن كېپىل بولۇشنى خالايدۇ. كاپالەت بەرگۈچى جاڭ خۇا» دەپ يازغان. «چاتما جاۋابكارلىق كېپىللىكى» ئىكەنلىكى ئېنىق بولمىسىمۇ، لېكىن دۆلىتىمىز كېپىللىك قانۇنىنىڭ 19- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە: ئالاقىدارلار كېپىللىك ئۇسۇلىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، چاتما جاۋابكارلىق كاپالىتى بويىچە كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. شۇڭا، جاڭ خۇا چاتما جاۋابكارلىق كاپالىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ۋاڭ دۇڭ ھەقدار بولۇش سۈپىتى بىلەن، كېپىل بولغۇچى جاڭ خۇانى ئەرز قىلىپ، 100 مىڭ يۈەننى قايتۇرىۋېلىشنى ئۆز ئالدىغا تاللىسا بولىدۇ.
سوتچى جاڭ مېڭ كۆپچىلىككە: «كېپىل بولغۇچى چوقۇم ھەقدار ۋە قەرزدار بىلەن كاپالەت بېرىش شەكلى ۋە كاپالەت دائىرىسىنى ئېنىق پۈتۈشۈشى كېرەك. بولمىسا قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، بارلىق قەرز دائىرىسىدە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ» دەپ ئەسكەرتتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى