قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پىچان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى ليۇ جىڭجىڭ

2019-01-25 16:14:53     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تېگى قىزىل، ئالتۇن ھەل بېرىلگەن تارازىنىڭ نەقىشى، قانۇن گېربىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرگەن. سودىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تارازىنىڭ بىر ئۇچى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان قانۇن، يەنە بىر ئۇچى بولسا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇھەببەتتۇر. «قانۇن» بىلەن «مۇھەببەت» نىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سودىيەسى ليۇ جىڭجىڭنىڭ ئىزچىل تىرىشىپ يەتمەكچى بولىۋاتقان نىشانى.
بۇلتۇر، ليۇ جىڭجىڭ بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئائىلە ئىشلىرى دېلوسىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ دېلو ماتېرىيالىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈپلا، 68 ياشلىق بىر موماينىڭ باشقىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا ئېھتىياجلىق ۋاقىتتا، بېقىۋالغان بالىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزمەكچى بولۇشىغا زادى نىمە سەۋەپ بولغان؟ دەپ ئويلىدى. ليۇ جىڭجىڭ ئىككەيلەننى سوت مەھكىمىسىدە كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلدى. بىراق، شۇ كۈنى، پەقەت دەۋاگەر ما جېنلا كەلدى.
ئەسلىدە، ما جېن توي قىلغاندىن كېيىن بالىلىق بولالمىغاچقا، بىر بالىنى بېقىۋېلىپ، ئۇنىڭغا ۋۇ خۇي دەپ ئىسىم قويغان. ئەر- ئايال ئىككەيلەن ۋۇ خۈينى بەكلا ئەتىۋارلىغان. كېيىن ۋۇ خۇي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتەلمىگەچكە، ئۇ يەر- بۇ يەرلەردە ۋاقىتلىق ئىشلەپ، تاپقان پۇللىرىنى خەجلەپ بولسا يەنە ئاتا- ئانىسىدىن پۇل ئالىدىغان بولغان. ما جېننىڭ يولدىشى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ۋۇ خۇي يەر تېرىشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن، يەرنى باشقىلارغا ھۆددىگە بەرگەن. بىكار تەلەت ۋۇ خۇي ئارىلاپ ما جېندىن پۇل ئېلىپ ھاراق ئىچىدىغان، ما جېن ئۇنىڭغا پۇل بەرمىسە تىللايدىغان، ھەتتا دۈشكەللەيدىغان بولىۋالغان. بۇنداق ئەھۋاللار كۆپەيگەنسېرى ما جېننىڭ چىدىغۇچىلىكى قالماي، ۋۇ خۇي بىلەن بولغان بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىشنى قارار قىلغان.
ليۇ جىڭجىڭ ئەھۋالنى چۈشەنگەندىن كېيىن، ۋۇ خۇيغا كۆپ قېتىم تېلېفون بېرىپ كۆرۈشۈشنى تەكلىپ قىلدى، بىراق ۋۇ خۇي ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن رەت قىلدى. سوت ئېچىلغان كۈنى، ۋۇ خۇي يەنىلا سوتقا كەلمىدى. ما جېننىڭ كۆڭلى يېرىم بولغانلىقى، ئامالسىز قالغانلىقىنى كۆرگەن ليۇ جىڭجىڭ يۈرەكلىك قارار چىقىرىپ، سەييارە سوت ئېچىشنى ئىلتىماس قىلدى.
ما جېن تۇرۇۋاتقان جاي ناھىيە بازىرىغا ناھايىتى يېقىن بولۇپ، سەييارە سوت ئېچىش شەرتىگە توشمايتتى. ليۇ جىڭجىڭ مەھكىمە رەھبەرلىرىگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، رەھبەرلىكنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن دەرھال ما جېنغا تېلېفون بېرىپ، « ئوغلىڭىز ئۆيگە قايتسىلا دەرھال ماڭا تېلېفون قىلىڭ، بىز سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە بېرىپ سوت ئاچىمىز» دەپ ئۇقتۇردى. بىر ھەپتىدىن كېيىن، ليۇ جىڭجىڭ ما جېندىن كەلگەن تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالدى، ۋۇ خۇي ئۆيىگە قايتىپ كەلگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن، ليۇ جىڭجىڭ پۈتۈكچى ۋە قانۇن ساقچىسىنى ئېلىپ ماجېننىڭ ئۆيىگە كەلدى.
ۋۇ خۇي ليۇ جىڭجىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالدى. سودىيە كىيىمى كەيگەن ليۇ جىڭجىڭ ۋۇ خۇيغا سوت تەرتىپىگە ھۆرمەت قىلىشنى ئېيتتى. ئارقىدىن، سەييارە سوتتا، ۋۇ خۇي ما جېن بىلەن كەسكىن تىركەشتى. ئۈچ سائەتتىن ئارتۇقراق ۋاقىتتا، ئىككەيلەن ئاخىرى نەچچە ئون يىللىق قۇرساق كۆپىكىنى پۈتۈنلەي سۆزلەپ تۈگۈتۈشتى. ئىككەيلەن تىنچلانغاندىن كېيىن، ليۇ جىڭجىڭ ئۇلارنىڭ «ئېيتقانلىرى» نى بىر- بىرلەپ رەتلەپ چىقتى ھەمدە بېقىش- بېقىۋېلىنىش قانۇنى، ئانا- بالىلىق مېھىر- مۇھەببەت، ئىنسانىي بۇرچ توغرىسىدا سۆزلەپ، نەسىھەت قىلدى. ئاخىرى ئىككەيلەن سوتتا مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلدى. جاۋابكار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلدى. ما جېن ئانا- بالىنىڭ كۆپ يىللىق مۇھەببىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىر قىسىم مال- مۈلكىنى ۋۇ خۈيگە بۆلۈپ بەردى ھەمدە ۋۇ خۇي بېرىشكە تېگىشلىك بېقىش ھەققى، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ھەققى قاتارلىقلاردىن ۋاز كەچتى.
ليۇ جىڭجىڭ كەتمەكچى بولغاندا، ما جېن يانچۇقىدىن پۈرلەشكەن بىر تۇتام پۇلنى چىقىرىپ: «ليۇ سودىيە، مەندە 500 يۈەنلا بار ئىكەن، دەۋا ھەققىگە چوقۇم يەتمەسلىكى مۇمكىن، يەنە ئازراق پۇل تاپسام سىزگە ئاپىرىپ بېرەي، بولامدۇ؟» دېدى. ليۇ جىڭجىڭ موماينىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، كۆزىگە ياش ئالدى. ئۇ موماينىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولىۋاتقانلىقى، دۆلەتنىڭ قانۇنىدا تۆۋەن كاپالىتى ئائىلىلىرىنىڭ دەۋا ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇ چاغدا موماي كۆزىگە ياش ئېلىپ، يېنىش- يېنىشلاپ رەھمەت ئېيتتى. ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلىگىنىدە، ليۇ جىڭجىڭنىڭ كۆڭلى تەسكىن تاپاتتى، ئۆزىنى پەقەت بىر سودىيە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلدىم دەپلا ئويلايتتى.
ليۇ جىڭجىڭ ئىزچىل ئۆزىنى تەلەيلىك ھىس قىلاتتى، داڭلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرمىگەن، كۈچلۈك كەسپىي ئىقتىدارى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ جەمئىيەتكە تۆھپە قوشالىسا، بۇ بىر بەخت- سائادەت، شۇنداقلا كىشىلىك ھاياتىنى قىممەتكە ئىگە قىلغانلىق ئەمەسمۇ!
ليۇ جىڭجىڭ كوللېگىيە باشلىقىدىن ئىبارەت ياخشى بىر ئوقۇتقۇچىغا ئۇچرىغىنىدىن ئۆزىنى بەكمۇ تەلەيلىك ھىس قىلاتتى. قانداق قىلغاندا دېلو ماتىرىياللىرىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك كۆرگىلى بولىدۇ؟ سوتتا قاراپ چىقىش تەرتىپىنى قانداق ئىگىلەش كېرەك؟ بۇلار ئىلگىرى ليۇ جىڭجىڭ دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەر ئىدى. ئۇ قىيىنچىلىققا يولۇققاندا كوللېگىيە باشلىقى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ خىزمەت ئۇسۇلىنى سۆزلەپ بېرىپ، ئۇنى ھەر جەھەتتىن يېتەكلىدى. مەسىلەن، ئىلگىرى ئادەتتە دەۋالاشقۇچىلار ئاۋۋال سۆزلەيتتى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قانۇننى چۈشەنمىگەچكە، بەزىدە تەمىنلىگەن مەزمۇنلاردىن پايدىلانغىلى بولمايتتى، بۇنداق بولغاندا ۋاكالەتچى ئادۋوكاتنىڭ سۆز قىلىش ۋاقتىغا دەخلى يېتەتتى. شۇڭا، تەرتىپنى ئالماشتۇرۇپ، ۋاكالەتچى ئادۋوكات ئالدىدا سۆزلىسە، ياردىمى بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشكىلى بولاتتى. مۇشۇنداق ئاددىي تەڭشەش ئارقىلىق خىزمەت ئۈنۈمى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
ئون يىلدا، ليۇ جىڭجىڭ مىڭدىن ئارتۇق دېلونى بېجىردى. غەزەپ بىلەن كەلگەن دەۋالاشقۇچىلارنى رازىمەنلىك بىلەن قايتۇرۇش، ئۇلارنى ئادىل، ھەققانىيلىقتىن بەھرىمەن قىلىش ليۇ جىڭجىڭ باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كېلىۋاتقان نىشانى بولدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى