قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا قانداق تاغلارنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىلەر؟

2019-01-25 16:21:29     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئالتاي تېغىدا قار-يامغۇر مىقدارى مول، قويۇق ئورمانلىق ۋە يايلاقلار بىلەن قاپلانغان. ئالتاي تاغلىرىدا ياۋايى ھايۋاناتلار كۆپ بولۇپ، 400 خىلدىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايىي ھايۋاناتلارنىڭ تۈرى 41 خىلغا يىتىدۇ. 2014- يىلدىن باشلاپ، ئالتايدا «يەر شارى مۇھىت فوندىنىڭ ئالتاي تاغلىرىدىكى ئىككى دەريا مەنبەسى ۋە قوغدىلىدىغان رايونلار سىستېمىسىنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش تۈرى» يولغا قويۇلۇپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى كۆزىتىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئالتاي تېغىدا دۆلەت تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاناتلاردىن بۇلغۇن، شىمال ئۆچكىسى، قۇندۇز، يىلپىز، بۈركۈت قاتارلىقلار، دۆلەت تەرىپىدىن ئىككىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاناتلاردىن ياۋا چوشقا، قوڭۇر ئېيىق، سۈلەيسۈن، بۇغا قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ چىقىلدى.
كۇئىنلۇن تاغ تىزمىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2 مىڭ 500 كىلومېتىر كىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى گۇڭگۇر چوققىسى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 7 مىڭ مېتىردىن ئاشىدۇ. كۇئىنلۇن دەرياسىنىڭ مەنبەسى بولغان قاراكۆلنىڭ سۈيى ئىنتايىن سۈزۈك، بۇ يەردە نۇغۇنلىغان ياۋايى ھايۋاناتلار ياشايدۇ. كۇئىنلۇن دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى كۇئىنلۇن ئارشىڭى كۇئىنلۇن تېغىدىكى ئەڭ چوڭ ئارشاڭ ھېسابلىنىدۇ.
كىچىك دوستلار، تيانشان تېغى دۇنيادىكى يەتتە چوڭ تاغنىڭ بىرى. 2013- يىلى 6- ئايدا، دۆلىتىمىز تەۋەلىكىدىكى تيانشان تېغىنىڭ تۆمۈر چوققا، قاراجۇن- كۆندىلەڭ، بايىنبۇلاق، بوغدا قاتارلىق رايونلىرى «شىنجاڭ تيانشان تېغى» نامى بىلەن دۇنيا تەبىئەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
تيانشان تېغىدىكى ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ تۈرى 3 مىڭ خىلدىن ئارتۇق، ئاز ئۇچرايدىغان ۋە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلۈك ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر 500 خىلغا يېتىدۇ. پەخىرلىنىشكە تېگىشلىكى، «مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر تىزىملىكى» گە شىنجاڭنىڭ ياۋا ئالما، ياۋا ئۆرۈك، ھىڭ، سۆسۈن ئوت، قار لەيلىسى، كەتىرە، مودەنگۈل قاتارلىق ئون تۈرلۈك ئوت- چۆپى كىرگۈزۈلگەن. يەنە تيانشان تېغىدا دۆلەت تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاناتلاردىن قارا لەيلەك، بۈركۈت، ئاق يەلكىلىك بۈركۈت، يىلپىز، شىمال ئۆچكىسى، 2- دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاناتلاردىن قوڭۇر ئېيىق، بۇغا، ئارقار، ئۇلار قاتارلىق 19 خىل ھايۋانات بار.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى