قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«رۇبائىي» ناملىق شىئېر

2019-01-25 16:28:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن شائىر دۇ فۇ يازغان «رۇبائىي» ناملىق شىئېرى
بىر جۈپ سوپسوپياڭ گۈزەل نەغمىسى بىلەن سۆگەت ئۈستىدە،
ئاققوتانلار توپ- توپى بىلەن ئەيلىدى پەرۋاز پايانسىز كۆكتە.
دېرىزەمدىن كۆرۈنۈپ تۇرار ئەنە قار- مۇزلۇق شىلىڭ چوققىسى،
ئىشىك ئالدىمدا ئۇزۇن سەپەرلەر بېسىپ دۇڭۋۇدىن كەلگەن كېمە.
بۇ شىئېرنىڭ مەنىسى مۇنداق: سۆگەت شېخىغا قونغان بىر جۈپ سوپسوڭياڭ مۇڭلۇق ناخشىسىنى ئېيتماقتا. بىر توپ رەتلىك ئۇچقان ئاققوتانلار كۆك ئاسماندا ئەركىن پەرۋاز قىلماقتا. دېرىزەمدىن شىلىڭ چوققىسىنىڭ يىلسىرى ئېرىمەيدىغان قار- مۇزلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئىشك ئالدىغا ئىنتايىن يىراق دوڭۋۇدىن كەلگەن كېمە توختىتىپ قويۇلغان ئىدى. دۇفۇ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئېلىمىزنىڭ داڭلىق رىئالىزىملىق شائىرى.دۇ فۇ لى بەي بىلەن تەڭ «ئۇستاز شائىر» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇ شېئىرلىرىدا ئەينى دەۋردىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى يۈرەكلىك ھالدا ئېچىپ بېرىپ، جاپاكەش خەلققە ھېسداشلىق قىلغان، چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە. ئۇنىڭ نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىدە تاڭ سۇلالىسىنىڭ گۈللىنىشتىن خاراپلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىشتەك تارىخىي جەريان ئەكس ئەتتۈرۈلگەچكە، «تارىخىي شېئىرلار» دەپمۇ ئاتالغان. بۇ «روبائىي» تاڭ دەيزۇڭ گۇاڭدېنىڭ ئىككىنچى يىلى يەنى مىلادى 764- يىلى ئەتىيازدا يېزىلغان. بۇ ۋاقىتتا دۇ فۇنىڭ كەپيىياتى چاغ بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان مەنزىرە ئالدىدا، ھاياجىنىنى باسالماي، خۇشاللىق بىلەن قەلەم تەۋرىتىپ، بۇ مەنزىرە تەسۋىرلەنگەن شېئىرنى يازغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى