قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۆكتە پەرۋاز قىلغان دىنوزاۋۇر

2019-01-25 16:33:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

دىنوزاۋۇر تىلغا ئېلىنسىلا، كىشىلەرنىڭ يادىغا ۋەھشىي باۋاڭ دىنوزاۋۇر ۋە قاشاڭ مامېنشى دىنوزاۋۇر؛ قۇشلار توغرىسىدا پاراڭ بولۇنسا بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزغا تەبىئىيلا سەزگۈر ھەم چاققان كەپتەرلەر ۋە رەڭگارەڭ توزلار كېلىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ بىر- بىرى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بايقالغان نۇرغۇن تاشقا ئايلانغان جىسىملاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئوتتۇرا ئېرا دەۋرىدە، دىنوزاۋۇر ئۇزۇن مەزگىللىك ئۆزگىرىش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا كۆكتە پەرۋاز قىلىدىغان قۇشقا ئايلانغان.

19- ئەسىردە، ئەنگلىيەلىك ئالىم خۇكسلېي دىنوزاۋۇر بىلەن قۇشلارنىڭ تەن قۇرۇلمىسى جەھەتتىن نۇرغۇن ئوخشاشلىق تەرەپلىرى بارلىقىغا دىققەت قىلغان. دىنوزاۋۇر بىلەن قۇشلارنىڭ نۇرغۇن تاشقا ئايلانغان جىسىملىرىنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، دىنوزاۋۇر بىلەن قۇشلارنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى بىر خىل كىچىك تىپتىكى دىنوزاۋۇرنىڭ ئەۋلادى بولۇشى مۇمكىن دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ قىياسقا ئاساسەن، قۇشلار بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار بەزى دىنوزاۋۇرلارنىڭ قانىتى بولۇشى كېرەك. لېكىن، مۇناسىۋەتلىك تاشقاتمىلىرىدىن ئىزچىل قانات تېپىلمىغان. 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى، ئېلىمىز ئالىملىرى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ غەربىدە قاناتلارنىڭ ئىزلىرى ساقلىنىپ قالغان دىنوزاۋۇرلارنىڭ تاشقاتمىسىنى بايقىغان. لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسمىدىن بايقالغان بۇ تاشقاتما پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە دىنوزاۋۇرنىڭ قانىتى بارلىقىدەك ئىسپاتنى دەلىللەپ بەرگەن بولۇپ، قەدىمىي بىئولوگىيە ئالىملىرى تەسۋىرلىگەن بىر پارچە يۆگىمە رەسىمدە قالتىس تەسۋىرلەپ سىزىلغان ئىدى.

دىنوزاۋۇر كۆكتە قانداق پەرۋاز قىلالايدۇ؟ ئۇنداقتا بىز ۋاقىت تونىلى ئارقىلىق، ئوتتۇرا ئېرا دەۋرىدىكى يەر شارىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ ئۆزگىرىش جەريانىنى بىلىپ باقايلى. يەر شارىدىكى بىرىنچى خىل دىنوزاۋۇر تەخمىنەن 230 مىليون يىل بۇرۇن پەيدا بولغان، ئۇ ئىت بىلەن ئوخشاش چوڭلۇقتا، ئىككى ئارقا پۇتى قاۋۇل كۈچلۈك بولۇپ، پۈتۈن بەدىنىنى تىرەپ تۇرىدۇ. نەچچە ئون مىڭ يىللاردىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەۋلادى كۆپىيىپ چوڭ بىر جەمەتنى شەكىللەندۈرگەن. بەزى دىنوزاۋۇرلار خۇددى ئەجدادلىرىغا ئوخشاش ئىككى پۇتى بىلەن يۈگۈرەيدۇ، بەزى دىنوزاۋۇرلار بولسا تۆت پۇتى بىلەن ماڭىدۇ؛ بەزى دىنوزاۋۇرلارنىڭ تەن ئۇزۇنلۇقى نەچچە ئون مېتىر، ئېغىرلىقى نەچچە ئون توننا كېلىدۇ، بەزى دىنوزاۋۇرلار چەبدەس كەلگەن بولۇپ بەدەن ئېغىرلىقى بىر نەچچە كىلوگراملا كېلىدۇ. بەزى دىنوزاۋۇرلار ناھايىتى ۋەھشىي بولۇپ، گۆشخور، يەنە بەزى دىنوزاۋۇرلار تولىمۇ ئۇماق بولۇپ، ئوتخۇر كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، بەزى ئوۋ ئوۋلايدىغان دىنوزاۋۇرلارنىڭ بەدىنى بارا- بارا كىچىكلەپ، تەدىرىجى قۇشلارغا ئوخشاپ قالغان. ئۇلارنىڭ سۆڭىكى كاۋاك، بەدىنى يېنىك؛ مېڭە سۆڭىكى يوغان، ھەركىتى چاققان؛ ئالدى پۇتى بارغانسېرى ئۇزىراپ، قۇشلارغا ئوخشاش قانات قاقىدۇ. ئۇلارنىڭ بەدىنىگە چىرايلىق پەيلەر ئۆسۈپ چىققان بولۇپ، تەڭگىسىمان قاسراقلار يوق. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى تۈرلىرى دۈشمەنلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ياكى ئوزۇقلۇق ئىزدەش ئۈچۈن ئورمانلىقتا ياشىغان. بۇ دەرەختە ياشايدىغان دىنوزاۋۇرلار دەل- دەرەخلەر ئارىسىدا سەكرەپ، پەسكە چۈشۈپ، ئاستا- ئاستا پەسكە لەيلەپ ئۇچۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان، ئاخىرىدا ئۆزلۈكىدىن ئۇچۇپ كەتكەن. بىراق بەزى ئالىملار دىنوزاۋۇرلارنىڭ ئۇچۇشى دەرەختە ياشاشتىن باشلانمىغان دەپ قارىغان. ئۇلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، يەر يۈزىدە ياشايدىغان قانىتى بار دىنوزاۋۇرلار يۈگۈرۈش جەريانىدا ئۇچۇشنى ئۆگەنگەن. مەيلى قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىر نۇقتىدا شەك يوق، ئۇ بولسىمۇ ئەسلىدە ئۇچۇشنى بىلمەيدىغان دىنوزاۋۇرلار ئۇچۇشنى ئۆگىنىپ قۇشلارغا ئايلانغان. ئۇلار كۆك ئاسماندا پەرۋاز قىلىپ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بىر يېڭى تۇرمۇش زىمىنىنى ھازىرلىغان.

نەچچە يۈز مىڭ يىل ئىلگىرى، بىر خىل پېيى بار دىنوزاۋۇرلار توپتىن ئايرىلىپ، كۆكتە پەرۋاز قىلىپ، تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى قۇش چوڭ جەمەتىنى شەكىللەندۈرگەن. ئالىملار بۇ تارىخىي مۇساپىغا ئېتىبار بىلەن قاراشنى ئۈمۈد قىلىدۇ. نۇرغۇن نەپىس تاشقاتمىلارنىڭ بايقىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئازلا قالدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى