قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۆچۈرگۈچنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلەتسە نېمىشقا قېتىپ قالىدۇ

2019-01-25 16:38:04     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۆچۈرگۈچ ئادەتتە كاۋچۇكتىن ياسىلىدۇ. كاۋچۇك نۇرغۇنلىغان ئەۋزەل خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم خۇسۇسىيىتى ئىلاستىكىلىققا ئىگە. كاۋچۇكنىڭ ئىلاستىكىلىقىنىڭ ياخشى بولۇشىدىكى سەۋەب، كاۋچۇكنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا ئۇنىڭغا گۈڭگۈرت قوشۇلۇپ، گۈڭگۈرتلەشتۈرۈش رولىغا ئىگە قىلىنغان. شۇڭا، كاۋچۇكنىڭ چوڭ مولىكولىلىرى بىر خىل تور شەكىللىك سىتىرولۇق قۇرۇلمىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئىلاستىكلىقى شۇ دەل شۇنىڭدىن كەلگەن. ئەمما كاۋچۇكنىڭ يەنە بىر كەمچىلىكى بولسا قۇياش نۇرى، ئوكسېگىن ۋە يۇقىرى تېمپىراتورىنىڭ تەسىرىدە، ئاستا- ئاستا «قېرىيدۇ». بۇ يەردىكى ئاتالمىش «قېرىش» بولسا، كاۋچۇكتىن ياسالغان بۇيۇملارنىڭ ئىچكى- تاشقى ئامىللارنىڭ ئونىۋېرسال تەسىرىدىن، كاۋچۇكنىڭ فىزىكىلىق، خىمىيىلىك خۇسۇسىيىتى ۋە مىخانىكىلىق خۇسۇسىيىتىنىڭ ئاستا- ئاستا ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاخىرىدا ئىلاستىكلىقىنى يوقتىىشىنى كۆرسىتىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆچۈرگۈچ قاتتىق بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق چاغدا ئۆچۈرگۈچنى ئىسسىق سۇغا بىر كۈن چىلاپ قويساق ئېلاستىكىلىقى ئەسلىگە كېلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى