قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەت ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى

2019-01-26 16:24:43     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ساياھەت ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ساياھەت ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە زورايتىش، ئالاقە تورى ساياھەت چوڭ سانلىق مەلۇماتىدىن پايدىلىنىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى چوڭ- كىچىك چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرىدا ھەر شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى، نۇرغۇن چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارى قىشتىكى چاڭغا تېيىلىش ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن قانغۇچە ھوزۇرلىنىپ قىش كۈنلىرىنى خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزدى. ساياھەتچى گاۋ ۋېيسېن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ چاڭغا تېيىلىشتىكى ناھايىتى ياخشى جاي ئىكەن. ھەممە يېرى ئاپپاق قار بىلەن قاپلانغان غۇلجىنىڭ قىشتىكى مەنزىرىسى كىشىنى بەكلا جەلپ قىلىدىكەن. كورىيەگە قايتقاندىن كېيىن دوست- بۇرادەرلىرىمگە چوقۇم شىنجاڭغا كېلىپ ئويناپ كېتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاستە قاراشلىق جايلار 2018- يىلى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 41 مىليون 180 مىڭ 700 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، 2017- يىلدىكىدىن %41.76؛ ساياھەتچىلىك كىرىمى 48 مىليارد 854 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2017- يىلىدىكىدىن %70 ئاشتى. ئىلى ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دۇڭ يۇڭچاڭ مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلىكتە كۈتۈۋېلىنغان ئادەم قېتىم سانى ۋە ساياھەتچىلىك كىرىمىنىڭ ئېشىشى ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئىلى ئوبلاستى بۇ يىل دۆلەت يولى، ئۆلكە يولى، مەنزىرە رايونلىرىدىكى 30 ھاجەتخانا، 10 ماي قاچىلاش پونكىتى، 10 ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، ساياھەتچىلىكنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە داۋاملىق كۈچ چىقىرىشنى پىلانلىدى. قۇرۇلۇش جەھەتتە، بۇ يىل بىر تۈركۈم ئېسىل ساياھەت رايونلىرىنى بەرپا قىلىمىز. باشقۇرۇش جەھەتتە، دۆلەت يولى، ئۆلكە يولى، مەنزىرە رايونىمىزدا ئاپتوموبىل توختىتىش، ماي قاچىلاش ۋە ھاجەتخانا تېپىش قىيىن بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىلىق مەسىلىنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىمىز. ساياھەت مەھسۇلاتلىرى جەھەتتە، ساياھەتچىلەرنى سەرخىل ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، بۇ يىل ساياھەتچىلىكتە 57 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىشقا تىرىشىمىز.

2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھازىر بار بولغان 343 مەنزىرە رايونى ئىچىدىكى 330 مەنزىرە رايونىنىڭ تاشيوللىرى راۋانلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونىمىز خامچوتىدىن 52 مىليون 490 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ساياھەت ئۇل ئەسلىھە تۈرى قۇرۇلۇشىدىن 18 نى قوللىدى. ئاپتونوم رايون بويىچە 960 ھاجەتخانا يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ سېلىنىپ، 3 ئا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدا ھاجەتخانا كەمچىل بولۇش مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىندى. ئاپتونوم رايون بويىچە ساياھەت مۇلازىمەت ئۇل ئەسلىھەلىرى يەنىمۇ ياخشىلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ كادىرى جاڭ چۈنمىڭ مۇنداق دېدى: ساياھەت قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈشى شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاۋىياتسىيە، تۆمۈريول، تاشيول ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان ساياھەتچىلەر يىغىلىش- تارقىلىش مەركىزى ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا زور قۇلايلىق ياراتتى. ئىچكىرىدىكى شەھەرلەردىن شىنجاڭدىكى ساياھەت مەنزىلگاھىغا بىۋاستە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى كۆپەيتىلىپلا قالماي، شىنجاڭ ئىچىدە شەھەرلەر ئارا ئايلىنىپ، ئالمىشىپ، بىۋاستە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار؛ جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ ئارىسىدا بىۋاستە قاتنايدىغان پويىزلار كۆپەيتىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭدا ساياھەت قىلىشى تېخىمۇ قۇلايلاشتى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار ساياھەت ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. ئاپتونوم رايونىمىز 2018- يىلى «10 مىڭ ساياھەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش پىلانى» نى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپ ۋە ساياھەت كارخانىلىرىغا يۈزلىنىپ ئۈلگىلىك ساياھەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش تۈرىنى قانات يايدۇردى. «شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش دەرسخانىسى» نى تەسىس قىلىپ، ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئاساسىي ساپاسى ۋە تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 71 مىڭ 147 ئادەم قېتىمنى تەربىيەلىدى. ئالتاي ۋىلايىتى «ساياھەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش» پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، ساياھەت ئىختىساسلىقلىرىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئالتاي ۋىلايەتلىك ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى گو جۈنچېڭ مۇنداق دېدى: ھەر يىلى ئاز دېگەندە 5 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتتۇق. 2019- يىلى ساياھەتچىلىك بويىچە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش پىلانىنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلار، ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى پائال يېتىشتۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى سىياسەت كاپالىتى، ئىختىساسلىقلار كاپالىتىگە ئىگە قىلىمىز.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى ساياھەت مۇلازىمەت يۇمشاق مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، ئىدراكلىق مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى. قاناس مەنزىرە رايونى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تۇنجى بولۇپ «ئادەمنى پەرق ئېتىش» بويىچە مەنزىرە رايونىغا كىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ مەنزىرە رايونىغا كىرىشتىكى ئۆچرەتتە تۇرۇش ۋاقتىنى ئازايتتى. تۇرپان قۇمتاغ مەنزىرە رايونىدا ئېلېكتىرونلۇق بېلەت باشقۇرۇش ئەندىزىسى يولغا قويۇلۇپ، ئۈندىدار سۇپىسىدا بېلەت زاكاز قىلىش، ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسىدىن بېلەت ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىر يان تېلېفون ئارقىلىق ئۈرۈمچىنى ساياھەت قىلىش سۇپىسى ئېچىلىپ، ساياھەتچىلەرنى تۈرلۈك ساياھەت ئۇچۇرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساياھەت جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى يۈ جيې مۇنداق دېدى: پۈتۈن رايون ساياھىتىدىن ئىبارەت بۇ ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشىدا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكۈلۈك رول ئوينىدى.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى