قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرۇش

2019-01-26 16:59:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:
گې جىچاڭ-- ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ «ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى» نىڭ مەسئۇلى. ئۇ خىزمەتكە قاتناشقان 15 يىلدىن بۇيان، ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ، ماشىنا ئادەم ساھەسىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، تۈرلۈك شان- شەرەپلەرگە ئېرىشىپلا قالماي، ئوقۇغۇچىلارنى ئۇتتۇرغىنىغا تەن بەرمەيدىغان، تىرىشىپ كۆرەش قىلىدىغان قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا بارلىقىنى سەرپ قىلدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ «ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى» دا، تولۇق 2- يىللىق ئوقۇغۇچىسى خۇ يۈتىڭ ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر ماشىنا ئادەمنى سىناۋاتاتتى. ماشىنا ئادەم تۆت نۇقتا ئارلىقىدا ئۇياقتىن- بۇياققا يۆتكىلىپ، ۋەزىپىنى تاماملاۋاتاتتى. خۇ يۈتىڭ ئۆزلىرىنىڭ بۇ يىل5- ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ماشىنا ئادەم مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ، بۇ يىلقى ئېلېكترلەشكەن مائارىپنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋەزىپە. بۇ تېخى لايىھەنىڭ دەسلەپكى شەكلى. ئاز- ئازدىن ئىزدىنىپ، ئاز- ئازدىن تاماملىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ. بۇ-- ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، كەلگۈسىدە مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئويلاۋاتىمەن.
«ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى» غا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوقۇغۇچىلار ياسىغان ھەر خىل ماشىنا ئادەملەر تىزىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئوت ئۆچۈرەلەيتتى، بەزىلىرى پۇتبول تېپەلەيتتى، بەزىلىرى پىروگراممىغا رىياسەتچىلىك قىلالايتتى. ئوتتۇرىسىغا يەنە كوللېكتىپ ئېرىشكەن مۇكاپات لوڭقىسى ۋە شەرەپ گۇۋاھنامىسى قويۇلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى «ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى» نىڭ مەسئۇلى گې جىچاڭ مۇئەللىمنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى ئىدى.
گې جىچاڭ2003- يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىشقا چۈشتى. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ مەكتەپتە ماشىنا ئادەم ئوقۇتۇشىنى سىناق قىلىشقا باشلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇ چاغلاردا بىر ماشىنا ئادەمنىڭ باھاسى 2 مىڭ يۈەن بولۇپ، بەك قىممەت ئىدى. دەسلەپتە سېتىۋالالمىغانلىقتىن، سىفەن داشۆسىدىكى ئوقۇتقۇچۇمدىن ئارىيەت ئېلىپ، بىر نەچچە ئوقۇغۇچىنى باشلاپ سىناق ئېلىپ باردىم. ئوقۇغۇچىلار بۇنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن قۇرۇلۇش باشلاندى.
گې جىچاڭ ئوقۇغۇچىلارنى باشلاپ ياسىغان تۇنجى ماشىنا ئادەم-- ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنا ئادىمى ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ دەم ئېلىش ۋاقتىدىن ۋاز كېچىپ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە يېتىپ- قوپۇپ، بىللە تاماق يەپ، ماشىنا ئادەمنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ، توختىماي ئۆزگەرتىپ ياسىدى. 2011- يىلى گې جىچاڭ ئوقۇغۇچىلارنى باشلاپ ئامېرىكىغا بېرىپ، خەلقئارا ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنا ئادىمى مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. ئۇ يېتەكچىلىك قىلغان كوماندا ياپونىيە، كورىيە، كانادا قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن كوماندىلارنى مەغلۇپ قىلىپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ رىقابەت مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. گې جىچاڭ مۇنداق دېدى: بىر ھەرىكەت ئۈچۈن يۈز قېتىمدىن ئارتۇق سىناق ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. بىز 2003- يىلىدىن باشلاپ بۇ ئىش بىلەن شۇغۇللاندۇق. ھەر يىلدىكى مۇسابىقە قائىدىسى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ رىقابەت مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولۇپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇق. بالىلارمۇ ھەقىقەتەن تىرىشتى.
ھازىر ماشىنا ئادەم ئوقۇتۇشى-- ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالاھىدە ئوقۇتۇش تۈرىگە ئايلاندى. گې جىچاڭ ھەر يىلى ئوقۇغۇچىلارنى باشلاپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ، مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىدىغان بولدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، گې جىچاڭ «ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى» يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە 700 گە يېقىن ئوقۇغۇچىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچىلارغا ھەمراھ بولۇش، ئىلھام بېرىشىمىز كېرەك ئەلۋەتتە. تۈر ئىشلىگەندە ئالدى بىلەن ئۆزىمىز ۋاز كەچمەسلىكىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلمەس-سۇنماس روھىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.  

 تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى