قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سانجى شەھىرىنىڭ ليۇگۇڭ بازىرىدىكى بېلىق تۇتۇش سارىيى ۋە سەھرا ئارامگاھى ھەر كۈنى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى

2019-01-26 17:06:11     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
قىش كىرگەندىن بۇيان، سانجى شەھىرىنىڭ ليۇگۇڭ بازىرىدىكى بېلىق تۇتۇش سارىيى ۋە سەھرا ئارامگاھى ھەر كۈنى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. كۆپچىلىك بېلىق تۇتۇپ كۆڭۈل ئېچىپ، دېھقانلارنىڭ ئۆزگىچە قورۇمىلىرىغا ئېغىز تېگىپ، قىش كۈنلىرىنىڭ ئۆزگىچە خۇشاللىقىدىن ھۇزۇرلاندى. 
 سىرت قار- مۇز بىلەن قاپلانغان بولسىمۇ، سانجى شەھىرى ليۇگۇڭ بازىرى شىسەنخۇ كەنتىدىكى «خەيۋېي» بېلىق تۇتۇش مەركىزى ئىللىقلىققا تولغانىدى. يۈزگە يېقىن بېلىق تۇتۇش ھەۋەسكارى بۇ يەردە بېلىق تۇتۇش خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولىۋاتاتتى. ۋۇجياچۈدە تۇرۇشلۇق لۇ ۋېي بېلىق تۇتۇش ھەۋەسكارى بولۇپ، ئۇ مەخسۇس ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ كېلىپ بېلىق تۇتۇپ، كۆڭلىنى ئاچتى. ئۇ مۇنداق دېدى: سەككىز سائەت خالىغانچە تۇتسىڭىز بولىدۇ، ھەر كۈنى نۇرغۇن بېلىق تۇتقىلى بولىدۇ. بۇ يەر تولىمۇ ئىسسىق، مۇھىتمۇ ياخشى. بالىلارنى تەتىلگە قويۇپ بەرگەن بولغاچقا، بالىلارنى ئوينىتىش ئۈچۈن كەلدۇق.
ساياھەتچىلەر بۇ يەردە بېلىق تۇتۇشتىن باشقا، يەنە بېلىق زىياپىتىگە داخىل بولالايدۇ. دۈملەپ پىشۇرۇلغان ئوكۇن بېلىقى، قىزارتىپ پىشۇرۇلغان ئوكۇن بېلىقى، قىزارتىپ پىشۇرۇلغان ياروسو بېلىقى قاتارلىق ئالاھىدە قورۇمىلار ساياھەتچى لياڭ خانىمنى جەلىپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بېلىقلارنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ ئىكەن. سامساقلىق ئوكۇن بېلىقى، قورۇلغان بېلىق پارچىسى دىگەندەك بۇ قورۇمىلارنى تۇنجى قېتىم يېيىشىم، ھەقىقەتەن بەك تەملىك ئىكەن. يېڭى تۇتقان بېلىقنىڭ تەمى ئوخشىمايدىكەن، ناھايىتى يېڭى ھەم يۇمشاق بولىدىكەن. بۇ يەردە ھەم بېلىق تۇتقىلى ھەم بېلىق يېگىلى بولىدىكەن، ھەقىقەتەن ياخشىكەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سانجى شەھىرىنىڭ ليۇگۇڭ بازىرى «بېلىق ۋە گۈرۈچ ماكانى، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان بازار، ساياھەت مەنزىلگاھى» بەرپا قىلىشتەك تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسىنى چۆرىدەپ، ئۆز جايىنىڭ بېلىق، راك، قىسقۇچپاقا قاتارلىق مول سۇ مەھسۇلاتلىرى بايلىقىغا تايىنىپ، ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتچىلىك قۇرۇلۇشىنىڭ قەدىمىنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، ساياھەتچىلىك بىلەن باشقا كەسپلەرنىڭ چوڭقۇر بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي دائىرە بويىچە ئورتاق قۇرۇش، ئومۇمىي دائىرىنى بىرلەشتۈرۈش ۋە ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتەك ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلدى. 2018- يىلى ئۇلار 560 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچى كۈتۈۋېلىپ، ساياھەتچىلىكتىن جەمئىي 447 مىليون يۈەن كىرىم قىلدى. بېلىقچىلىق بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ بىرىكىشى-- «بېلىق ۋە گۈرۈچ ماكانى» تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. ليۇگۇڭ بازىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۆ جىخاۋ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، بازىرىمىزدا سەھرا ئارامگاھىدىن 23 ئى، A4 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن بىرى، بېلىق تۇتۇش كۆلچىكىدىن 16 سى بار، قىش پەسلىدە بېلىق تۇتۇشقا بولىدىغان جايدىن ئۈچى بار. ھازىرغىچە، قىشلىق بېلىق تۇتۇش بايرىمىدىن 4 نۆۋەت، بېلىق تۇتۇش مۇسابىقىسىدىن 5 نۆۋەت ئۆتكۈزۈپ، جايلاردىكى ساياھەتچىلەردىن 4 مىليون ئادەم قېتىمنى جەلپ قىلدۇق. بۇ يىل 2- ئايدا، تۇنجى نۆۋەتلىك كۆلچەكتە قىشلىق بېلىق تۇتۇش بايرىمى ئۆتكۈزۈپ بېلىقچىلىق، داڭلىق ۋە ئەلا سۈپەتلىك سۇ مەھسۇلاتلىرىنى بېقىش، بېلىق تۇتۇش، بېلىق زىياپىتى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشنى پىلانلاۋاتىمىز.

   تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى