قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى

2019-01-27 18:14:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تېخنىكا ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئەمەلىي ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
شىنجاڭ «جۇڭتەي» خىمىيە پاي چەكلىك شىركىتى 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىدا 5- نۆۋەتلىك جۇڭگو سانائەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ يىل، بۇ شىركەت خىمىيە ساھەسىدىكى تېخنىكا تەتقىقاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، خىمىيە سانائىتى ۋە توقۇمىچىلىق كەسىپ توپىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپىنى خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەپ، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشنى پىلانلىدى. شىنجاڭ «جوڭتەي» خىمىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شياۋ جۈن مۇنداق دېدى: بىز ئارقا- ئارقىدىن «شېڭشيۇڭ»، «فۇلىدا»، «مېيكې»، «جىرۈيشياڭ» قاتارلىق شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، مۈلۈك ۋە كاپىتالدا 1+1 ئىككىدىن چوڭ بولىدىغان بىرىكىش ئۈنۈمىنى، كارخانىلارنىڭ چېگرا ھالقىپ بىرلىشىشى، بايلىقنىڭ ئىچكى- تاشقى جەھەتتە بىرىكىشى، كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن باغلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق ھەمدە كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتۇق. بىز كەسىپ دائىرىمىزنى ئەسلىدىكى نوقۇل ئىشقار ۋە پولىۋىنىل خلورىدتىن قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىغا، ئاندىن يېلىمسىمان توقۇلما ۋە يىپقا كېڭەيتتۇق. بۇ كېيىنكى قەدەمدىكى «مېيكې» بىلەن بىرلىشىپ يولغا قويىدىغان سپاندېكس ئىشلەپچىقىرىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشنى، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش؛ سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ ئەۋزەللىكى، ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈكنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شىنجاڭ «جيۇخې» سېلىنما گۇرۇھى-- ئۇرۇقچىلىق تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىدىغان يېزا ئىگىلىك يۇقىرى پەن- تېخنىكا شىركىتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ شىركەت ئۇرۇقچىلىقنى ئۆلچەملەشتۈرۈش تەتقىقاتى ۋە ئۇنى قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەيتتى. شىركەت پارتكومىنىڭ شۇجىسى شى ياخۇي مۇنداق دېدى: پەن- تېخنىكا سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شىركىتىمىز بۇلتۇر سانجىدا ئۇرۇقچىلىقنى ئۆلچەملەشتۈرۈش تەتقىقات يۇرتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇپ، 2 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالدى. بۇ شىركەت ئاساسلىقى ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، ئوراپ قاچىلاش، يەتكۈزۈش، ساقلاشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىدۇ. بىز جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش تەتقىقاتى ۋە قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە يېزا- كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز.
ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تۈرتكىسىدىن ئايرىلالمايدۇ. گوۋۇيۈەن 2018- يىلى 11- ئايدا ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزىدىن ئىبارەت ئۈچ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدا دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشقا قوشۇلدى. بۇ، ئۈچ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. سانجى دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى پەن- تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ شىن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن بىر تەرەپتىن مېخانىزم تۈزۈلمىسى جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت» ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. مۇھىم تۈرلەرنى تۇرغۇزۇش جەھەتتە ئاپتونوم رايون قاتلىمىدىن ئۇدۇللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەۋزەل، ئۆزگىچە كەسىپلەر توپىنى تېزدىن يېتىلدۈرۈپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشتا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىختىساسلىقلىرى بازىسى بەرپا قىلىمىز.
2019- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 5.5 پىرسەنت ئەتراپىدا، ئىمپورت- ئېكسپورت سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 5 پىرسەنت ئەتراپىدا، شەھەر- يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 7 پىرسەنت ئەتراپىدا ئاشۇرۇش بېكىتىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر دېڭ شى مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرلۈك سىياسەت تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ يىللىق خىزمەت ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەت بىلەن تاماملاش كېرەك. بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بىز تىگىشلىك تۆھپە قۇشىمىز. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىمىز سەككىز تۈرلۈك ھەرىكەتنى تۇتقا قىلىپ، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بېكىتتۇق مەسىلەن: زور تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويىمىز، ياسىمىچىلىقنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرىمىز، ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە تېخنىكا ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويىمىز، تۈگىتىش، تۆۋەنلىتىش، تولۇقلاش نەتىجىلىرىنى تىرىشىپ مۇستەھكەملەيمىز.

 تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى