قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قابا ناھىيەسىنىڭ2- نۆۋەتلىك «كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان ئاق قېيىن دەرىخى» قار-مۇز ساياھەت بايرىمى قىزغىن ئۆتكۈزۈلدى

2019-01-27 18:38:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
ئىككى كۈندىن بۇيان، قابا ناھىيەسىنىڭ2- نۆۋەتلىك «كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان ئاق قېيىن دەرىخى» قار-مۇز ساياھەت بايرىمى قىزغىن ئۆتكۈزۈلۈپ، ساياھەتچىلەرنى قىشلىق ساياھەتچىلىكنىڭ خۇشاللىقىدىن بەھرىمان قىلدى.
قابا ناھىيەسىدىكى دۆلەت 4 ئا دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى ئاق قېيىن باغچىسىنىڭ ئەزەلدىن «غەربىي شىمالدىكى بىرىنچى ئاق قېيىن ئورمانلىقى» دېگەن نامى بار. بۇ يەر فوتوگرافلارنىڭ شادلىق باغچىسى بولۇپلا قالماي، پىيادە مېڭىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ پىيادە مېڭىشتىكى ياخشى جايى ئىدى. يىراققا نەزەر سالساق، ئاق قېيىن دەرەخلىرىنىڭ ئاپپاق قار بىلەن قاپلانغان زېمىندا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقى ھەمدە قىش مەنزىرىسىگە ئۆزگىچە گۈزەللىك تۈسى ئاتا قىلغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
ساياھەتچىلەر بۇ نۆۋەتلىك قار-مۇز ساياھەت بايرىمىدا قىشنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىشتىن باشقا، يەنە قارا جورغا ئۇسسۇلى، قارلىق دالىدا چېلىشىش مۇسابىقىسى، چانىدا تېيىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەردىن ھوزۇرلاندى ھەمدە بېلىق كاۋىپى، تونۇر كاۋىپى قاتارلىق ئېسىل نازۇ- نېمەتلەرگە ئېغىز تەگدى. بېيجىڭدىن كەلگەن ساياھەتچى جاڭ بياۋ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ قىشتىكى گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولدۇم، بۇ قېتىمقى قار- مۇز ساياھەت بايرىمىدا بىر تەرەپتىن گۈزەل مەنزىرىنى تاماشا قىلغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئېسىل نازۇ- نېمەتلەرگە ئېغىز تەگدىم ھەم شىنجاڭنىڭ قويۇق مىللىي ئۆرپ- ئادەت تۈسىنى ئالغان پائالىيەتلىرىدىن قانغۇچە ھوزۇرلاندىم.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قابا ناھىيەسى ساياھەت بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، «ساياھەتچىلىكنى ئاساس قىلىپ، 1- كەسىپكە تەسىر كۆرسىتىش، 2- كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇش» تەرەققىيات تەپەككۈرىگە ئاساسەن، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. 2018- يىلى قابا ناھىيەسى 1 مىليون 600 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، ساياھەتچىلىك ئومۇمىي كىرىمىنى 1 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، 2017- يىلىدىكىدىن ئايرىم ھالدا %30 ۋە %70 ئاشۇردى. بۇ قېتىمقى ساياھەت بايرىمى مەزگىلىدە يەنە چاغاننى كۈتۈۋېلىش بويىچە مەدەنىيەت- تەنتەربىيە تۈرىدىكى جۈملىدىن، پىيادە مېڭىش، ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش، تىكتاك توپ ئويناش، پانۇس كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ ھەمدە بۇ پائالىيەت2- ئاينىڭ19- كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. ئالتاي ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسى تەشۋىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى نيې پىڭ مۇنداق دېدى: قابا ناھىيەسى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىدىكى مۇھىم تۈگۈن بولۇپلا قالماي، ئەڭ گۈزەل ئاق قېيىن ماركىسى ئارقىلىق قار- مۇز تەنھەرىكىتىنى كېڭەيتىشىمىزدىكى مۇھىم ھالقا ھېسابلىنىدۇ. بىز جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى قار ماكانى ئالتايغا كېلىپ چاڭغا تېيىلىش ھەم شىنجاڭنىڭ قىشتىكى مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىشقا تەكلىپ قىلىمىز.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى