قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭ «جىنفېڭ» پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىنژېنېرى خۇاڭ شياۋفاڭنىڭ پەن تەتقىقاتقا قېتىرقىنىپ بېرىلىپ، ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن ئىزدەنگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايە

2019-01-27 18:46:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
شىنجاڭ «جىنفېڭ» پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى سىستېما باش كونترول بۆلۈمىنىڭ ئىنژېنېرى خۇاڭ شياۋفاڭ قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا تىرىشىپ، شامالدۇرغۇچ ئاساسىي كونترول سىستېمىسىنىڭ يۇمشاق دېتالىنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 20 مىڭغا يېقىن گېنېرات1````ورلار گۇرۇپپىسىغا «جۇڭگونىڭ مېڭىسى» نى ئورناتتى.
يېقىندا خۇاڭ شياۋفاڭ ۋە ئۇنىڭ ئەترىتىدىكىلەر 2019- يىللىق يېڭى نۇسخىدىكى شامالدۇرغۇچ ئاساسىي كونترول سىستېمىسى يۇمشاق دېتالىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. خۇاڭ شياۋفاڭ مۇنداق دېدى: ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئاز مىقتىداردا سىناق قىلىشتىن كېيىن يىغىنچاقلاپ چوڭ يۇمشاق دېتال نۇسخىسىنى ئېلان قىلىمىز. مۇقىم ئايلاندۇرۇش، ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئوخشاش خىزمەت مۇھىتىدا كاشىلا كۆرۈلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ توك چىقىرىشىنى قولغا كەلتۈرىمىز.
ئۈرۈمچىلىك قىز خۇاڭ شياۋفاڭ 2006- يىلى شىئەن ئېلېكتىرون پەن- تېخنىكا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن مەزگىلدە، شىنجاڭ «جىنفېڭ» پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى بۇ داشۆگە خادىم قوبۇل قىلىشقا باردى، ئۇ دەرھال بۇ شىركەتتە خىزمەت قىلىشنى تاللىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭ ئۆيۈم ئۇلانباي تەرەپتە، كىچىكىمدىن تارتىپلا شامالدۇرغۇچنى كۆرەتتىم، پۇرسەت بولسا تەتقىق قىلىپ باقسام دەپ ئويلايتتىم. ئەينى چاغدا «جىنفېڭ» پەن- تەتقىقات ۋە پەن- تېخنىكا ئارقىلىق پۇل تاپىدىغان شىركەت بولغاچقا، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق ئىدى.
خۇاڭ شياۋفاڭ يۇمشاق دېتال كودى يېزىشتىن تەجرىبىخانىدا سىناق قىلىشقىچە، ئاندىن نەق مەيداندا تەڭشەشكىچە، كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىپ، ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، ناھايىتى تېزلا شامالدۇرغۇچ ئاساسىي كونترول سىستېمىسى يۇمشاق دېتالى جەھەتتىكى تېخنىكا تايانچىسىغا ئايلاندى. كېيىن، ئۇ ئەترەتنى باشلاپ يۇمشاق دېتالنى كونترول قىلىدىغان مەنبە كودىنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياساش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇ كەسپتە، بىز چەتئەلدىن تېخنىكا كىرگۈزۈپ، باشقىلارغا يېتىشۋالساقمۇ بولاتتى، لېكىن ھەمىشە باشقىلارنىڭ كەينىدە يۈرسەك بولمايدۇ- دە.
 خۇاڭ شياۋفاڭ ۋە ئۇنىڭ ئەترىتىدىكىلەر شۇنىڭدىن كېيىن، يېرىم يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، داۋانچىڭ شامال ئېلېكتىر مەيدانىدا بەش ئەۋرىشكە ماشىنىسىنى سىناق قىلىپ، گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلىنىشى، ئەلالىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ ئەتىگەن چىقىپ كىتىپ كەچ قايتىپ، دالىدا يېتىپ ئىشلىدى، ھەرگىز بوشىشىپ قالمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 100 نەچچە مېتىر كېلىدىغان مۇنار جازىسىغا بىۋاستە چىقىپ- چۈشىدىغان بولغاچقا، چىقىۋالساق چۈشمەيتۇق، بىر كۈن شامالدۇرغۇچ بۆلمىسىدە ئىشلەيتتۇق. شامالدۇرغۇچ بۆلمىسىنىڭ مۇھىتى، تېمپىراتۇرىسى سىرتنىڭكىدىن ناچار ئىدى، ئەگەر سىرتنىڭ تېمپېراتورىسى نۆلدىن تۆۋەن 20 نەچچە گىرادۇس بولسا، شامالدۇرغۇچ بۆلمىسىنىڭ ھەممە يېرى تۆمۈر بولغاچقا، بەدەن تېمپىراتۇرىڭىز ھەتتا نۆلدىن تۆۋەن 30 گىرادۇسقا چۈشۈپ قالاتتى.
دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان شامالدۇرغۇچ ئاساسىي كونترول سىستېمىسى يۇمشاق دېتالىنىڭ ئىشلىنىشىگە ئەگىشىپ، 2010- يىلى، «جىنفېڭ» پەن- تېخنىكا شىركىتى مەملىكەت بويىچە شامال ئېلېكتىر مەيدانىدا ئېلىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان 1.5 مېگاۋاتلىق نەچچە مىڭ شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى ئايلاندۇردى. 2014- يىلىدىن 2015- يىلىغىچە، خۇاڭ شياۋفاڭ ۋە ئۇنىڭ ئەترىتىدىكىلەر يەنە شامالدۇرغۇچ سېنزورىنى ئۇلاش، توك بىلەن كونترول قىلىش سىستېمىسى بىلەن خەۋەرلىشىش قاتارلىق بىر قاتار ئۆلچەملەرنى تۈزۈپ، شامالدۇرغۇچنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئاساس سالدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلار تەتقىق قىلىپ ياسىغان شامالدۇرغۇچ ئاساسىي كونترول سىستېمىسى يۇمشاق دېتالى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 20 مىڭغا يېقىن گېنراتورلار گۇرۇپپىسىدا ئىشلىتىلدى. خۇاڭ شياۋفاڭ مۇنداق دېدى: پەن- تەتقىقات خادىمى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دەسلەپكى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، كەسپىمىزنى قەدىرلەپ، ئىش ئورنىمىزدا چىڭ تۇرىمىز. ھەر قانداق بىر يۇمشاق دېتال تەتقىق قىلىنمىسا، تەكشۈرۈپ ئۆلچەنمىسە، خېيىم- خەتەر ئېلىپ كېلىشى مۇقەررەر. ھەرقانداق بىر لوگىكا قايتا- قايتا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشكە ۋە قايتا- قايتا سىناق ئېلىپ بېرىشقا مۇھتاج.

تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى