قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خەن جيەنجۈن ۋە ئۇنىڭ ئايالى جياڭ خەييەن گۇربانتۈڭگۈت قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىدە يېشىل سېپىل بەرپا قىلدى

2019-01-27 19:01:11     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
بىڭتۈەن8- شى121- تۈەننىڭ خىزمەتچىسى خەن جيەنجۈن ۋە ئۇنىڭ ئايالى جياڭ خەييەن 20 نەچچە يىلدىن بۇيان كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مىڭ مودىن ئارتۇق تۆۋەن ھوسۇللۇق ئېتىزنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، 1 مىليون تۈپتىن ئارتۇق دەل- دەرەخ تىكىپ، گۇربانتۈڭگۈت قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىدە يېشىل سېپىل بەرپا قىلدى ھەمدە يۇرتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى.
  خەن جيەنجۈن بىلەن جياڭ خەييەن بەرپا قىلغان ئىھاتە ئورمانلىقتا، ئون نەچچە مېتىر ئىگىزلىكتىكى تىرەكلەرنىڭ ئەتراپتىكى قۇم بارخانلىرىنى توسۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. 20 نەچچە يىلدىن بۇيان خەن جيەنجۈن ئەر- خوتۇن تىرىشىپ، قۇملۇقنىڭ چېتىدە مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپىلى بەرپا قىلدى.
  خەن جيەنجۈن بىلەن جياڭ خەييەن 2- ئەۋلاد بىڭتۈەنلىكلەردىن بولۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا تۈەن- مەيدانغا قايتىپ دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانىدى. 1998- يىلى ئۇلار تۈەن- مەيدانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، قۇملۇق ئەتراپىدىكى مىڭ مودىن ئارتۇق تۆۋەن ھوسۇللۇق ئېتىزنى ھۆددىگە ئالدى. دەسلەپتە بۇ يەردىكى قۇم- بورانلىق ھاۋا رايى ھەر قېتىم ئۇلارنىڭ قىلغان ئەجرىنى يوققا چىقىرىۋەتكەن بولسىمۇ، جياڭ خەييەن ئەر- خوتەن بۇنىڭلىق بىلەن بەل قويىۋەتمەي، بۇنىڭغا قارىتا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىشنى قارار قىلدى. جياڭ خەييەن مۇنداق دېدى: بىز زىيان تارتقاندىن كېيىن بۇ يەردىكى ئېتىزلىقتىكى سۇلياۋ يوپۇقنىڭ ئۈستىگە ئىمكانقەدەر كۆپرەك توپا ياتقۇزۇش كېرەكلىكىنى بىلىپ يەتتۇق.
  ئەر- خوتۇن ئىككىيلەن ھۆددىگە ئالغان مىڭ مودىن ئارتۇق يەردە تەدرىجىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، كۆچەت تىكىپ قۇمنى تىزگىنلەپ، مۇھىتنى ئۈزۈل- كېسىل ياخشىلاشنى قارار قىلدى. خەن جيەنجۈن مۇنداق دېدى: بۇ يەر قۇملۇققا يېقىن بولغاچقا، كۆچەت تىكىشنى قارار قىلدۇق.
2008- يىلى دۆلەت ئورمان ھوقۇقى ئىسلاھاتىنى يولغا قويغاندا، ئەر- خوتۇن ئىككەيلەن تۈەن- مەيدانغا 30 مىڭ مو قاقاسلىقتا كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنى ئىلتىماس قىلدى. سۆكسۆك، يۇلغۇن قاتارلىقلارنىڭ بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش رولى كۆرۈنەرلىك بولسىمۇ، ئەمما تاۋار ياغاچ ماتېرىيالىغا ئايلاندۇرغىلى بولمىغاچقا، ئۇلار قۇملۇقتا تىرەك تىكىشنى قارار قىلدى ھەمدە تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسىنى قوللاندى. قۇملۇقتا ئەنئەنىۋى تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسىنى قوللانغاندا، ئويمان يەرلەردە سۇ كۆپ يىغىلىپ قېلىش، قۇم دۆۋلەنگەن جايلاردا سۇغۇرۇش قىيىن بولۇش ھادىسىسى كۆرۈلگەچكە، ئۇلار تەرەپ- تەرەپتىن ئىزدىنىپ، توك تۇراقلاشتۇرغۇچنى تېمىتىپ سۇغۇرۇش تاسمىسىغا ئورناتتى. جياڭ خەييەن مۇنداق دېدى: توك تۇراقلاشتۇرغۇچنى ئورناتقاندىن كېيىن سۇغىرىش مىقدارىنى تەڭشەپ، ھەممە يەرنىڭ تەكشى سۇغۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق.
بۇنىڭ بىلەن ياخشى تۇتقان كۆچەتلەر بارغانسېرى كۆپىيىپ، 15 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بىپايان چۆللۈك بوستانلىققا ئايلاندى. ئەر- خوتۇن ئىككەيلەن بۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالماي، يەنە «جۈنيەن» ھاراق قورۇقى ئېچىپ، قۇملۇق ساياھەتچىلىكىگە قاراپ يۈرۈش قىلدى. ئۇلار ئورمانلىققا تايىنىپ  ئۆزگىچە ئۆي قۇشلىرىنى بېقىش مەيدانى قۇردى ھەمدە ئورمان ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. ئۇلارنىڭ تۈرتكىسىدە ھازىر تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، ھاراق ئېچىتىش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىر گەۋدە قىلىنغان ساياھەت مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇپ، شۇ جايدىكى 160 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. 

 تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى