قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزىسىدىكى دېھقان لى زېشىڭ بىلەن ئەخمەت سايىمنىڭ ئۆزئارا ياردەملىشىپ، قول تۇتۇشۇپ، بىرلىكتە ئىلگىرىلىگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايە

2019-01-27 19:03:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزىسىدىكى لى زېشىڭ بىلەن ئەخمەت سايىم تېرىقچىلىق ئىشلىرىدىكى ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇپلا قالماي، تۇرمۇشتىكى ياخشى دوستلاردىن ئىدى. ئۇلار تۇرمۇشتا بىر- بىرىگە ياردەم قىلىپ، بىرلىكتە بېيىش يولىغا ئاتلاندى.
چاغان يېقىنلاپ قالدى. يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزا ئەمەنلىك كەنتىدىكى لى زېشىڭ سىيەك يېزىسى بۆلىمە كەنتىدىكى ئەخمەت سايىمنىڭ ئۆيىگە ئۇنى يوقلاپ كەلدى. لى زېشىڭ بىلەن ئەخمەت سايىم بۇ يىلدىكى پىلانلىرىنى ئالدىن تۈزۈشۈپ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشقا بەل باغلىدى.
لى زېشىڭ بەش يىل ئىلگىرى سىچۈەندىن شىنجاڭغا كېلىپ، ئەخمەت سايىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر نەچچە كەنت ئاھالىسىنى ھۆددىگە ئالغان يېرىدە كېۋەز تېرىش ئىشلىرىغا ياردەملىشىشكە تەكلىپ قىلغانىدى. دەسلەپتە مەبلەغ قىس بولۇپ، ئىشلار ئوڭۇشلۇق يۈرۈشمىگەچكە، ئىشلەۋاتقان دېھقانلار ئارقا- ئارقىدىن كېتىپ قالغان بولسىمۇ، ئەخمەت سايىم لى زېشىڭنىڭ يېنىدا قېلىپ، ئۇنىڭغا داۋاملىق ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى. بۇ ئىككەيلەننىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، لى زېشىڭ ئوڭۇشسىزلىقلارنى يېڭىپ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككەيلەنمۇ ناھايىتى يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدى. ئەخمەت سايىم مۇنداق دېدى: بىز بىر- بىرىمىزگە بەكلا ئىشىنىمىز. لى زېشىڭ ھەر قېتىم ئىچكىرىگە قايتقاندا، بۇ يەردىكى ئۆيىنى ماڭا خاتىرجەم تاپشۇرۇپ قويۇپ كېتىدۇ. بىزنىڭ مۇناسىۋېتىمىز خۇددى بىر تۇغقان ئاكا- ئۇكىغا ئوخشاش ناھايىتى يېقىن.
ئىلگىرى ئەخمەت سايىمنىڭ تېرىقچىلىق تەجرىبىسى ئانچە مول بولمىغاچقا، ئۆيىدىكى بەش مو يەردىن ئانچە ياخشى ھوسۇل ئالالمىغانىدى. لى زېشىڭ بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان تېرىقچىلىق تەجرىبىلىرىنى ئەخمەت سايىمغا بىر- بىرلەپ ئەستايىدىل ئۆگەتتى. ھازىر ئەخمەت سايىم شۇ جايدىكى تېرىقچىلىق ماھىرى بولۇپ قالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ھەر مو يەردىكى كۆممىقۇناقتىن پەقەت 100 كىلوگرامدىن 150 كىلوگرامغىچە ھوسۇل ئالالايتتىم. ھازىر لى زېشىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەر مو يەردىكى كۆممىقۇناقتىن 600 كىلوگرامدىن 700 كىلوگرامغىچە ھوسۇل ئالالايدىغان بولدۇم. ئۇ ماڭا تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسى ھەمدە ئوغۇتلاشقا ئائىت بىلىملەرنى ئۆگىتىپ قويغاندىن كېيىن، ھەر مو يەردىكى كېۋەزلىكتىن 400 كىلوگرامغا يېقىن ھوسۇل ئالدىم. 
لى زېشىڭنىڭ ياردىمىدە ئەخمەت سايىممۇ يەر ھۆددىگە ئېلىپ كېۋەز تېرىپ، ئىلگىرى ئايالىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئالغان 200 نەچچە مىڭ يۈەن قەرزنى قايتۇرۇپلا قالماي، يەنە يېڭى ئۆي سالدى. ھازىر ئەخمەت سايىم بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. لى زېشىڭ مۇنداق دېدى: بىز قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئۆزئارا ياردەم بېرىپلا قالماي، بىر- بىرىمىزنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالدۇق. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك تېخىمۇ يېقىن ئۆتۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىلىرىدىن بولىمىز. 

 تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى