قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

لۈ لۇڭشەن 26 يىلدىن بۇيان ۋەتەننىڭ چېگرا لىنىيەسىنى ئۈن- تۈنسىز قوغداپ كەلدى

2019-01-28 11:36:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:

بۇ يىل 54 ياشقا كىرگەن لۈ لۇڭشەن قۇمۇل شەھىرى چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى ئارخوڭشەن چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ چېگرا قوغدىغۇچىسى. ئۇ 26 يىلدىن بۇيان ۋەتەننىڭ چېگرا لىنىيەسىنى ئۈن- تۈنسىز قوغداپ كەلدى.

ئارخوڭشەن چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسى تيانشان ئېتىكىدىكى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، %90 يېرى چۆللۈكتىكى «ئادەمسىز رايون» غا تەۋە. لۈ لۇڭشەن ئادەتتىكى چارۋىچى، شۇنداقلا ئارخوڭشەن چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسىنىڭ قوغدىغۇچىسى، چېگرا لىنىيەسىدىكى ھەر بىر ئازگال، ھەر بىر ئېقىن لۈ لۇڭشەننىڭ كاللىسىغا ئورناپ كەتكەن.

لۈ لۇڭشەن يىل بويى چېگرا لىنىيەسىدە يۈرگەچكە، نەدە سۇ مەنبەسى، نەدە چارۋىچىلارنىڭ قىشلاق- گەمىلەر بارلىقىنى ناھايىتى ئوبدان بىلەتتى. ساقچىخانىنىڭ كۆپ قېتىملىق دالادا قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى. 2016- يىلى 7- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، چېگرا لىنىيەسىگە سىم تور ياسىغان ئىككى ئىشچى قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن كەلكۈن كەلگەندە، ئېگىزلىكتە قاپسىلىپ قېلىپ، خەتەر ئىچىدە قالدى. لۈ لوڭشەن ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئىككىلىنىپ ئولتۇرماي، ساقچىخانىدىكى كوماندىر- جەڭچىلەرنى باشلاپ قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى. لۈ لۇڭشەن مۇنداق دېدى: ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا سائەت بىردىن ئاشقان ئىدى، بىز سائەت ئىككىدىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە نەق مەيدانغا يېتىپ باردۇق. شۇ چاغدا يامغۇر بەك قاتتىق يېغىۋاتاتتى، سىم تور ياسىغان ئىككى ئىشچى پىكاپ ھەيدىۋالغاچقا كەلكۈن سۈيى ئۇلغىيىپ ئۇلار مېڭىشقا ئامالسىز قاپتۇ، بىز ھەيدىگەن چارلاش ئاپتوموبىلى دالا ئاپتوموبىلى بولغاچقا، سۇنىڭ سۈرئىتى ئاستا جايدىن بېرىپ ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ كەلدۇق.

ئارخوڭشەن چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى لو بىن مۇنداق دېدى: ھەر بىر قېتىملىق سەپەرگە چىقىش ۋەزىپىسىدە لۈ لوڭشەن چوقۇم بولۇشى كېرەك، ئۇ بولسىلا خەتەرنى ئازايتقىلى، بىخەتەرلىككە، ۋەزىپىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بۇلىدۇ. ھەر قېتىم سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن، ئۇ بىزنىڭ يولغا چىقىدىغان ئاپتوموبىللىرىمىزنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرىدۇ. ھەر قېتىم ۋەزىپىنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەندە، كېيىنكى قېتىم جەڭگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن بىزنىڭ ئۈسكۈنىلىرىمىز جۈملىدىن تېلېسكوپ قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ئىنچىكە تەكشۈرىدۇ.

لۈي لۇڭشەن چېگرا لىنىيەسىنى 26 يىل چارلاپ، يۇقىرى تاپشۇرغان ۋەزىپىنى كۆپ قېتىم ياخشى ئورۇنداپ، كۆپچىلىك تەرىپىدىن چېگرا لىنىيەسىدىكى «تىرىك خەرىتە» ۋە «مىڭ چاقىرىملىق كۆز» دەپ تەرىپلەندى. ئۇنىڭ تەسىرىدە، ئايالى جاۋ يۈليەنمۇ چېگرا قوغدىغۇچىلار قوشۇنىغا قوشۇلدى. خىزمەت سەۋەبىدىن، ئەر- ئايال ئىككەيلەن دائىم سىرتتا چارلاپ يۈرگەچكە، ناھايىتى ئاز جەم بولاتتى. لېكىن، ئۇلار جاپانى خۇشاللىق ۋە شەرەپ دەپ بىلەتتى. جاۋ يۈليەن مۇنداق دېدى: لۈ لۇڭشەن چېگرانى چارلايدۇ، ئوغلۇم ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدۇ، بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جاننىڭ ھەممىسى ئۈچ يەردە ئىشلىگەچكە، ئائىلىنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلەلمەيمىز، چېگرانى ياخشى قوغداش ئۈچۈن بۇ ئىشلارغا بەك باش قاتۇرۇپ كەتمەيمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى