قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

رەڭگارەڭ پانۇسلار خەلقئارا چوڭ بازارنىڭ پىيادىلەر كوچىسىنى گۈزەل تۈسكە كىرگۈزدى

2019-01-28 11:37:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:

چاغاننىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، شەكلى ھەر خىل، رەڭگارەڭ پانۇسلار خەلقئارا چوڭ بازارنىڭ پىيادىلەر كوچىسىنى گۈزەل تۈسكە كىرگۈزدى.

گۇگۇم چۈشكەندە، چىراقلار چاقناپ تۇراتتى. چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا، يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى قاتار- قاتار تىزىلغان گۈللۈك پانۇس، قىزىل پانۇس، جۇڭگو تۈگۈنچىكى، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقلار چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىنى تېخىمۇ قىزىل رەڭگە كىرگۈزۈپ يۇرۇتىۋەتكەن بولۇپ، ھەممە يەر شادلىققا چۆمگەنىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 10- باشلانغۇچ مەكتەپ 6- يىللىق ئوقۇغۇچىسى ياۋ يۈەن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ماڭغاچ سۈرەتكە چۈشىۋاتاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ كوچىغا ئېسىپ قويۇلغان پانۇسلارنىڭ بەزىلىرى يۇمۇلاق، بەزىلىرى سەككىز بۇرجەكلىككەن، چاغاندا ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىللە خۇشال- خۇرام ئويناپ، كۆڭۈل ئاچىمەن.

شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كەلگەن شاڭخەيلىك ساياھەتچى جاۋ ئەپەندى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان بوغدا كۆلى، قاناس قاتارلىق سەيلىگاھلارغا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ قار- مۇز مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، دوستىنىڭ تەكلىپى بىلەن، خەلقئارا چوڭ بازاردىكى پىيادىلەر كوچىسىغا كەلدى. بۇ يەردىكى ئوخشىمىغان كەيپىيات ئۇنىڭدا ئوخشىمىغان تۇيغۇ ئاتا قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭ خەلقئارا چوڭ بازارغا تۇنجى قېتىم كېلىشىم، ھاۋا ناھايىتى سوغۇق بولسىمۇ، لېكىن قىزىل پانۇسلارنى كۆرۈپ قەلبىم ئىللىپ كەتتى، بۇ يەردە بايرام كەيپىياتى بارغانسېرى قويۇقلىشىۋېتىپتۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرى تيانشان رايونلۇق شەھەر مەمۇرىيىتى شەھەر قىياپىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى گاۋ گولياڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئېسىپ قويۇلغان پانۇسلار ئاساسلىقى قىزىل پانۇس، گۈللۈك پانۇس، يۇلتۇز چىراغ تىزمىسى، سىم چىراغ قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان، كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قىزىل پانۇسلار بىلەن يۇلتۇز چىراغ تىزمىسى بىرلەشتۈرۈلدى، ئىككى تەرىپىدىكى دەل- دەرەخلەرگە LED چىرىغى ئورناتتۇق. بۇ پانۇسلارغا جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئامىللىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، تۈر ۋە سان جەھەتتە ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆپ. بىز خەلقئارا چوڭ بازارنى مەركەز قىلىپ، جەنۇبىي تىنچلىق يولى ۋە جەنۇبىي ئازادلىق يولىنى بويلاپ، ھەر خىل پانۇسلارنى ئېسىپ، قويۇق بايرام كەيپىياتىنى شەكىللەندۈردۇق.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى